روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى

روھى نەپسانىي دېگەن نېمە؟ ئورنى نەدە،قانداق رولى بار؟

روھى نەپسانىي بەدەندىكى ھېس –ھەركەت ، سەزگۈ تەپەككۇر پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان روھتىن ئىبارەت . ئۇيغۇر تىبابەت كلاسسىك كىتابلىرى دا؛«روھى ھايۋانىي يۈرەكتىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق مېڭىگە يىتىپ بېرىپ، روھىي نەپسانىي غا ئۆزگىرىدۇ ، بۇ ھېس- ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش مەنبىيى بۇلۇپ ، روھىي نەپسانىي ئەزالارغا ھېس –ۋە ھەركەت بەخش ئېتىدۇ» دەپ ئىزاھلانغان .ئادەم مېڭىسى ئۆزىدىن چىققان ھەر خىل نېرۋا تالالىرى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە قوماندانلىق قىلىپ ھېس ۋە ھەركەت پائالىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل خىزمىتى مىڭە ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىمپۇلىس پەيدا قىلىش ۋە يەتكۈزۈلۈشى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ . بۇ ئىمپۇلىس مىڭە، نېرۋا ھۈجەيرىللىرىدە جارىي بۆلىدىغان بۇلۇپ،بۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغىنى دەل بىز دېمەكچى بولغان روھى نەپسانىيدۇر . چۈنكى مېڭىنىڭ قان ئىقىم مىقتارى ناھايىتى مول بۇلۇپ يۈرەكتىن چىقىرىلىدىغان قاننىڭ %14 نى ئىگەللەيدۇ . مېڭىگە ئوكسىگېن مىڭە ئارتېرىيىسى ئارقىلىق يىتىپ بارىدۇ . مىڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى ناھايىتى يۇقىرى ھەم تۇراقلىق بۇلۇپ ، ئوكسىگېن يىتىشمەسلىككە قارتا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ . مىڭە ئارتېرىيىسى بىلەن ۋىنادىكى ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ پەرقى 6.7 مىللىلىتىربۇلۇپ ،ھەر 100گىرام مېڭىدە مىنوتىغا 3.3 مىللىلىتىر ئوكسىگېن سەرىپ قىلىنىدۇ . بۇبەدەنىڭ ھەر قانداق ئەزالىرىغا نىسپەتەن ئىنتايىن چوڭ سەرپىيات بۇلۇپ ، بۇنىڭدىن تەبئىي خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان جەۋھەر قىسمى بىلەن ئوكسىگېننىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان روھ نىڭ مېڭىدىكى سەرپىياتنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button