تىببى بىلىملەر

قۇۋۋەت – ھەققىدە

rovide a null text alternative

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى تىبابەت بىلىملىرى سەھىپىسى

تېبابىتىمىزدە قۇۋۋەت دېگەن سۆز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئادەم بەدەنىدىكى ياكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدىكى مىزاج شەكىللىنىپ چىققاندىن كېيىن شۇ ئەزنىڭ ئۆتەۋاتقان ۋەزىپىسىنىڭ ھەرىكەت نامى قۇۋۋەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاساسەن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئادەم فىزىئولوگىيىسىگە قارىتا ئالاھىدە بىر كۆز قارىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئادەم بەدىنى ھەددى ھېسابسىز ھۈجەيرىلەر، مۇرەككەپ ئەزالار ۋە ھەيران قالارلىق تەبئىي ئاپپاراتلاردىن تەركىب تاپقان خىمىيىۋى كارخانىلار ۋە ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن تارماقلىرىدىن ئۇلار بىر – بىر بىلەن ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق خىزمەت ئىشلەش، ئادەم بەدىنىدىكى خىمىيۋى ئۆزگىرىشلەر ۋە مېخانىك ھەرىكەتلەر جارى بولۇپ تۇرىدۇ. بىر ئەزا يەنە بىر ئەزاغا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ قانداق بىر يېرىدە چاتاق چىقسا دەرھال پۈتۈن بەدەنگەن ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى تۈزىتىشكە ئىنتىلىدۇ. مەسىلەن: ئادەمنىڭ بىر يېرىدىن قان تومۇر يېرىلىپ كېتىپ %10 قان بەدەندىن يۇقاپ كەتسە، بەدەن قاتتىق ئاجىزلىشىپ خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا، بەدەندىكى ئومۇمىي ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدىكى بارلىق قۇۋۋەتلەر قاننى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بەدەن توقۇلمىلىرىدىكى سۇيۇقلۇقلار قان تومۇرلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاننىڭ ئورنىدا خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. جىگەرنىڭ خىزمىتىنى جىددىلەيشتۈرۈپ، قان پىلازمىسى، قان زەردابىنى گىلىكوگېن بىلەن تەمىن قىلىدۇ. بۆرەكمۇ بۇ ئەھۋالنى سېزىپ سۈيدۈك چىقىرىشنى ئازايتىدۇ. يىلىك، تال، لىمفا بەزلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزىدە زاپاس ساقلانغان قان ھۈجەيرىلىرىنى قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئەۋەتىدۇ. دېمەك بۇنداق قۇۋۋەتلەرنىڭ تەبئىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقى ئارقىلىق بەدەندىكى قان ھەجمى ئەسلىگە كېلىپ، كېسەل كىشى خېيىم – خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بەدىنى ئىچىدە تەبئىي دوراخانا ۋە تەبئىي دوختۇرلار مەۋجۇت. بۇلارمۇ بەدەننى ئىمكان قەدەر ئۆزى داۋالاپ ساقايتىىشقا، كېسەللىك ئاپەتلىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرمۇنچە كېسەللىكلەر داۋالىمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. مانا بۇنداق ئەھۋالنى قەدىمقىلەر «تەبىئەت» دەپ تەسۋىرلىگەن. كېينكىلەر بۇنى «قۇۋۋەتلەر» ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئەفئال دەپ ئاتىغان. ئىنسان بەدىنىدە ھاياتلىق باشلانغاندىن تارتىپ ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە سەۋەب بولغۇچى ئامىل ــــ قۇۋۋەت دەپ ئاتىلىدۇ.

2تۈرلىرى

قۇۋۋەتلەرنىڭ تۈرلىرى قۇۋۋەتلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىرلەمچى قۇۋۋەت (ئولا)، ئىككىلەمچى قۇۋۋەت (سانىيە) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

3خىزمەت تەقسىمات ئورنى

ئاۋالقى كۈچلەر ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئورنى، خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. 1. قۇۋۋىتى ھايۋانىي (ھاياتلىق كۈچى) ئورنى يۈرەكتە. 2. قۇۋۋىتى نەپسانىي (سەزگۈ – ھەرىكەت كۈچى) ئورنى مېڭىدە. 3. قۇۋۋىتى تەبئىي (تەبئىي كۈچلەر) ئورنى جىگەردە. ئەگەر يۇقىرىقى ئۈچ خىل كۈچتىن بىرەرسى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەشتىن توختىسا، ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ كۈچلەرنى ئالدىنقى كۈچ، بىرلەمچى كۈچ ياكى قۇۋۋىتى ئۇلا دەپ ئاتايمىز. قۇۋۋىتى سانىيە بولسا مۇشۇ بىرلەمچى قۇۋۋەتلەر مەۋجۇت بولغاندا ئاندىن مەۋجۇت بولىدىغان كېيىنكى كۈچ ئىككىلەمچى كۈچتۇر.

4قۇۋۋەت ئورنى

قۇۋۋىتى ھايۋانىي

بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ مەركىزىي ئورنى يۈرەكتە بولۇپ، ھاياتلىقنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. قۇۋۋىتى ھايۋانىي ــــ ھاياتلىق پائالىيتىنى كونتورول قىلىش ئۈچۈن سەرپ بولغان قۇۋۋەتنىڭ بىرلىك نامىدۇر. خىزمەتى: يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ۋە شىريان تومۇرلارنىڭ قىسقىراپ – كېڭىيىتىش (ئىنبىسات ۋە ئىنقباز)، روھنىڭ ھاۋا بىلەن راھەتلىنىشى. كاربون گازىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشى، قۇرقۇش، جىمغۇرلۇق، ئاچچىقلىنىش، خۇشالللىنىش قاتارلىقئىشلارنىىڭ ھەممىسى ئاشۇ قۇۋۋەت ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. پۈتۈن بەدەننىڭ تىرىكلىكى مۇشۇ كۈچكە بالىق . توشۇغۇچىسى: روھىي ھايۋانىي. سەۋەبچىسى: نورمال ھارارەت.

 رولى

① بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ، باشقا بىر قۇۋۋەتلەر ئۆزىنىڭ قۇۋۋىتىنى قۇۋۋىتى ھايۋانىي ئارقىلىق ئورۇندايدۇ.

② قۇۋۋىتى ھايۋانىي ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق شەكىللىنىشىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. (پۇتۈن بەدەندىكى چوڭ – كىچىك قان ئايلىنىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ) .

③ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈزۈلۈشلەرنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ شەكىللىنىشى. روھىي ھايۋانىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن يۈرەكنىڭ ئىئونلىرى ئۆزئارا تەسىرلىنىشى نەتىجىسىدە يۈرەكنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان قۇۋۋىتى شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ قۇۋۋىتى ھايۋانىدۇر. قۇۋۋىتى ھايۋانى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان كۈچ روھىي ھايۋانىدۇر.

 قۇۋۋىتى ناپسانىي

(سەزگۈ ھەرىكەت كۈچى) ئىنسانلارنىڭ ھېس – تۇيغۇ، سەزگۈ، ئەقلىي تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قۇۋۋەت ــــ قۇۋۋىتى نەپسانىي دەپ ئاتىلىدۇ. قۇۋۋىتى ناپسانىي ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا خاس، ئۆسۈملۈكلەرگە خاس ئەمەس. قۇۋۋىتى ناپسانىي قۇۋۋىتى مۇھەررىكە ۋە قۇۋۋىتى مۇدرىكە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1. قۇۋۋىتى مۇھەررىكە (ھەرىكەت سەزگۈ قۇۋۋىتى) مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەۋە روھىي نەپسانىينىڭ تۈرى بولۇپ، سەزگۈ پائالىيەتنى ھەم ھەرىكەت پائالىيىتىنى بېجىرىدۇ. سەزگۈ N (مەركەزگە ئىنتىلگۈچى) ھەرىكەت N (مەركەزدىن چىققۇچى) قۇۋۋىتى مۇھەررىكە (ھەرىكەت سەزگۈ قۇۋۋىتى) گە ھەرىكەت پائالىيىتىنى نۇقتىلىق ھالدا گەۋدە مۇسكۇللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان پائالىيەتنى بېجىرىدىغان قۇۋۋىتى ھەرىكەت سەزگۈ قۇۋۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ياكى، ھەرىكەت پائالىيىتى ئۈچۈن مەلۇم قىزىقىش، ئىنتىلىش ھېس – تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان ۋە شۇنداقلا ھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى روشەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان قۇۋۋەتنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرىكەت قۇۋۋىتىنى بېجىرگۈچى ئامىللاردىن مۇھىمى يۇلۇن، نېرۋىلار 12 جۈپ مېڭە نېرۋىلىرى قاتارلىقلار. قۇۋۋىتى بائىسە، قۇۋۋىتى شەۋقىيە، قۇۋۋىتى شەھۋانىييە، قۇۋۋىتى مۇھەررىكە، قۇۋۋىتى فائىلە، قۇۋۋىتى نوزوۋىييە، قۇۋۋىتى غەزبىييە؛

قۇۋۋىتى بائىسە: ئىش – ھەرىكەت پائالىيەتلەرگە قوزغىتىدىغان قۇۋۋەت قۇۋۋىتى بائىسە دەپ ئاتىلىدۇ. قۇۋۋىتى فائىلە: بائىسە قوزغالغاندىن كېيىن شەيئىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەت، پائالىيەتلىرىنىڭ نامىنى، دەرىقىسىنى بىلدۈرىدىغان قۇۋۋەت ــــــ قۇۋۋىتى فائىلە دېيىلىدۇ.

قۇۋۋىتى شەۋقىييە: شەيئىلەرنى ئىش – ھەرىكەت، پائالىيەتلەرگە قىزىقتۇرىدىغان ئىنتىلىدۇرىدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان كۈچتۇر. بۇ قۇۋۋەت يۇقىرى بولسا ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

قۇۋۋىتى نوزوۋىييە (تورمۇزلىغۇچى قۇۋۋەت): شەيئىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەت، ئاپالىيەتلىرىنى تورمۇزلىغۇچى كۈچ ــــ قۇۋۋىتى نوزوۋىييە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قۇۋۋەت تۆۋەنلىشىپ قالسا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى باسالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

قۇۋۋىتى شەھۋانىييە: بۇ ئاساسەن شەيئىلەرنىڭ پايدىلىق ئىنكاسلىرى ۋە توغرا ئاكتىپ تەرەپلىرى ئۈچۈن ئىنتىلىشى، قىزىقىشى، ئارزۇ – پائالىيەتلىرىنى بېجىرگۈچى، شەھۋانىي ئىشلارغا ئىنتىلدۈرگۈچى قۇۋۋەتتۇر.

قۇۋۋىتى غەزىبىييە: غەزەپلىنىش قۇۋۋىتى بولسا مەلۇم ئىنكاسلارغا قارىتا قاتتىق غەزەپ – نەپرەت، ھېس – تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدىغان قۇۋۋەتتۇر.

 قۇۋۋىتى مۇدىرىكە

قۇۋۋىتى مۇدىرىكە دېگىنىمىز: ئىنسانلارنىڭ ھېس – تۇيغۇ، سەزگۈ، ئەقلى تەپەككۇر قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرغۇچى كۈچتۇر. مۇدىركە كوللىيات مۇدىرىكە، جۆزئىيات قۇۋۋىتى مۇدىرىكە، ھېس ئىچكى سېزىم قۇۋۋىتى تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى مۇدىركە؛ كوللىيەت: بۇ ئومۇمىي سەزگۈ بولۇپ، پۈتۈن بەدەندە كۆرۈلىدىغان سېزىمدىن ئىبارەت. يەنى پۈتۈن بەدەن ئاغرىش سېزىمى، يېقىمسىزلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش … قاتالىق. مۇدىرىكە جوزئىيان: بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىكى ھەر خىل سېزىملاردىن ئىبارەت. يەنى بەدەننىك مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئاغرىش، قادىلىش، چىڭقىلىش …قاتارلىقلار. ھېس، سېزىم: ئىنكاس قىلىنىغان شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ مېڭىدىكى ئىنكاسى ــــ سېزىم دېيىلىدۇ. سېزىم قۇۋۋىتى ئىچكى سىزىم قۇۋىتى، تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئىچكى سېزىم قۇۋۋىتى تاشقى شەيئىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىغان پائالىيەتلىرىنى بېجىرگۈچى، كونترول قىلغۇچى قۇۋۋەت ـــ ئىچكى قۇۋۋىتى دېيىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك بەش قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ھېس مۇشتىرەك قوۋۋىتى (ئورتاق سېزىم قۇۋۋىتى): سىرتقى شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى بىلەن ئىچككى سېزىم پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈدىغان قۇۋۋەت ــــ ھېس مۇشتىرەك قۇۋۋىتى دېيىلىدۇ. ئورنى: چوڭ مېڭە پوستلاق ئاستى ئالدى رايونىدا. ھېس مۇشتىرەك قۇۋۋىتىنىڭ ئالاھىدە پائالىيىتى: خىلمۇ خىل سېزىملارنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قوبۇل قىلىپ خىيال مەركىزىگە ئايرىم – ئايرىم يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. شۇندقلا بارلىق سېزىملارنى يىغىش زۆرۈر بولغانلىرىنى يەتكۈزۈشتۇر. ھېس مۇشتىرەكنىڭ رولى:

1) خىيال ئۈچۈن ئىنكاس يىققۇچى ئالدىنقى ئامىل.

2) خىيال پائالىيىتى ھېس مۇشتىرەك قۇۋۋىتىنىڭ بارلىق سېزىملارنى ئايرىم – ئايرىم يەتكۈزۈپ يېرىشى بىلەنلا كامىل بېجىرىلىدۇ.

3) ھېس مۇشتىرەك قۇۋۋىتىنىڭ پائالىيىتى بۇزۇلسا سېزىمنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۇزۇلىدۇ. خىيال ۋە ھېس مۇشتىرەك بىرقلا بۇزۇلىدۇ. قۇۋۋىتى ۋاھىيە ئېشىپ كېتىدۇ.

4) بۇ قۇۋۋەت كارىدن چىقسا ھېچقانداق سېزىم قوبۇل قىلمايدۇ.

5) كېينكى قۇۋۋەتنىڭ پائالىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ. ھېس مۇشتىرەكنىڭ تۈرلىرى

(1) كۈچۈنۈش خاراكتېرلىك سېزىم: شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ياكى سېزىم پائالىيىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە تاللاش ھالىتىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: ئاپتوموبىلنىڭ كۈچلۈك سىگنالى.

(2) ئاجىز سېزىم: بۇ كۆنۈكۈش خاراكتېرلىك سېزىم بىلەن تەكرارلىنىش خاراكتېرلىك سېزىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىرتقى شەيئى ئىنكاسىنىڭ قايتا – قايتا تەكرارلىنىشى ۋە ياكى مەلۇم سىرتقى غىدىقلىنىش ئامىللىرىغا نىسبەتەن كۆنۈكۈش ھالىتىدىكى سېزىمدۇر. مەسىلەن: مالۇم ئۆيگە كىرگەندىلا مەلۇم پۇراق دىمىغىزغا ئۇرۇلىدۇ. بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ ھاۋاغا كۆنۈكۈپ قالىمىز. پۇراقنى سېزىشىمىز ئاجىزلىشىپ قالىدۇ.

(3) ئىچكى ھېس خاراكېرلىك سېزىم: ۋاسىتىلىق سېزىم بولۇپ، ئىچكى سەزگۈ ئەزالار ۋە ياكى ئىچكى ئەزالاردا يۈز بەرگەن مەلۇم سېزىملار (ئاغرىش، قىچىشىش، چىمىلداش) پەيدا قىلىدىغان ئىنكاسلار سېزىمى – ئىچكى ھېس خارەكتېرلىك سېزىم دىيىلدۇ. خىيال قىلىش قۇۋۋىتى ئىنكاس قىلىنغان شەيئىلەر توغرىسىدا تەسەۋۋۇر قىلىشتىن باشلاپ ھېسسسى بىلىش ۋە ئاڭ پەيدا بولغۇچە بولغان جەريان ئىچىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بېقىرگۈچى قۇۋۋەت ـــــ قۇۋۋىتى مۇتخەييىلەر (خىيال قىلىش قۇۋۋىتى) دېيىلىدۇ. ئورنى چوڭ مېڭە پوستلاق ئاستى ھېس مۇشتىرەكنىڭ كەينى رايونىدا خىيال پائالىيىتى ۋە خىيال قىلىش كۈچى خىليال پائالىيىتى سېزىم پائالىيىتىنىڭ كەينىدىلا بېجىرىلىدۇ. ئۇ قۇۋۋىتى مۇتخەييىلە ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. خىيال قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھېس مۇشتىرەك قۇۋۋىتىنىڭ داۋامى، خىيال تەپەككۇرنىڭ باشلىنىشى. تەسىر قىلىدىغان سېزىملارنىڭ ھەر قايسى ئايرىم خۇسۇسىيەتلىك تەرەپلىرىىڭ تۆۋەن دەرىقىلىك سېلىشتۇرۇش ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك تەپەككۇر جەريانى ئارقىلىق مۇكەممەل بولغان ھېسسى بىلىش ۋە ئاڭ شەكىللەندۇرۇش پائالىيىتى ــــ خىيال دېيىلىدۇ. خيالنىڭ جەريانى: ئاددى خىيال ← ھېسسى بىلەش ← ئاڭدىن ئىبارەت.

خيالنىڭ تۈرلىرى

1) گۇڭگا تۈرلىرى

4) ئاجىز خىيال

2) ئاددىي خىيال

5) ئىچكى ھېس خىيال

3) كۆچۈنۈش خىيال

1. گۇڭگا خىيال تەسىر قىلغان ھەر قايسى سېزىملارغا نىسبەتەن ئېنىقق بولمىغان تەسەۋۋۇر ھالىتىدىكى خىيال ــــ گۇڭگا خىيال دېيىلىدۇ. مەسىلەن: سىرتتىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئېنىق بولمىغانلىقتىن ئىبارەت.

2. ئاددىي خىيال تەسىر قىلىدىغان سېزىملار ئايرىلمىغان ھالەتتىكى ساددا خىيال. كۆپ ھاللاردا شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خيسۇسىيەتلرى توغرىسىدا قىلىنغان خىيالدىن ئىبارەت. مەسىلەن: پۇراق.

3. كۆچۈنۈش خاراختېرلىك خىيال كۆپ ھاللاردا مەلۇم تەرەپتىكى خۇسۇسىيەتلىك ئىنكاسلارغا قارىتا قايتا – قايتا ئويلىنىش ياكى پەۋقۇلئاددە يىرگىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: غەم، كۈچلۈك خۇشاللىق.

4. چېكىنىش خاراكتېلىك خىيال ياكى ئاجىز خىيال سىرتقى شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ قايتا – قايتا تەكرارلىنىشى ۋە ياكى مەلۇم سىرتقى غىدىقلىنىش ئامىللىرىغا نىسبەتەن كۆنۈكۈش ھالىتىدىكى ئىنكاسلا پەيدا قىلغان (ئىنكاسلار) خىيال ــــ ئاجىز خىيال دېيىلىدۇ.

5. ئىچكى ھېس خىيال ئچكى ھېس خىيال كېسەللىك ھالىتىدە بۇلىدىغان خىيال پائالىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۆپىنچە ئىچكى ھېس − تۇيغۇ خاراكتېرىنى ئايرىش توغرىسىدا قىلىنغان ئەڭ ئاددىي تەپەككۈردىن ئىبارەت. ئىچكى ھېس خىيال ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

1) ئىچكى ھېس ئارتىش خاراكتېرلىك خىيال.

2) ئىچكى ھېس تۆۋەنلەش خاراكتېرلىك خىيال.

1) ئىچكى ھېس ئارتىش خاراكتېرلىك خىيال ــــ پەۋقۇلئادە تەسىر قىلغان سىرتقى ئىنكاسلارنىڭ تاشقى بەش سېزىمگە بىۋاستە ئىنكاسى بولمىغان، ۋاسىتلىق بولغان پەۋقۇلئاددە خاراكتېلىك ئىچكى سېزىملارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىيال پائالىيىتى.

خىيال قۇۋۋىتىنىڭ رولى

قۇۋۋەت 1) ھېسسى بىلىش توغرىسىدكى چۈشەنچىلەرنى (ئىنكاسلارنى) ئېنىق، كونكرېت ئايرىيدۇ. 2) تۆۋەن دەرىقىلىك تەپەككۇر رايونى بولۇپ، تەسەۋۋۇر پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3) خىيال قىلغان سېزىملار ئەستە ساقلاش پائالىيىتىى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھېسسى بىلىش. شەئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ خىيال مەركىزدىكى خۇغلانمىسى ياكى يىغىندىسى ھېسسى بىلىش دېيىلىدۇ. مەسىلەن: شەيئلەرنىڭ نۇرنى كۆرۈش، ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. ھېسسى بىلىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

(1) بىرلەشمە خاراكتېرلىك ھېسسى بىلىش: مەلۇم بىر شەيئىنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىنكاسىنىڭ تەڭ تەسىرى قىلىشى بىلەن خىيال مەركىزىدە بۇ ئىنكاسلارنىى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق كېلىپ چىققان چۈشەنچە بىرلەشمە ھېسسى بىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: شەيئىلەرنىڭ نۇرنى كۆرۈش، ئاۋازنى ئاڭلش.

(2) ئايرىم خۇسۇسىيەتلىك ھېسسى بىلىش: شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ خىيال مەركىزىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن پەقەت بىرلا چۈسەنچىنى تاللىغان ھالدا دەسلەپكى چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. مەسىلەن: ئاۋازى سەت بولسىمۇ گۈزەل چىرايىنى تاللاش.

(3) سېلىشتۇرۇش خاراكتېرلىك ھېسسى بىلىش: قوبۇل قىلىغان سېزىملار خىيال قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق شۇ شەيئىنىڭ ئىككى خىل تەرىپىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان دەسلەپكى بىلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: نەرسىلەرنىڭ ئاۋازى، چىرايى، شەكلىنى سېلىشتۇرۇش، رولى:

① تەپەككۈر پائالىيىتى ئۈچۈن دەسلەپكى ھېسسى بىلىش ھەم ئاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ؛

② تەپەككۇرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

③ ھېسسىياتى ئىلگىرى سۈرۈش. قۇۋۋىتى مۇتەسسەرىفە(تەپەككۈر قىلىش كۈچى) ھېسسى بىلىشتىن ئاقلىي بىلىشكە ئۆتۈشىنىڭ مۇكەممەل جەريانى ــــ تەپەككر دېيىلىدۇ. ئورنى: چوڭ مېڭە پوستىلاق ئاستى ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان. رولى:

① شەيئىلەرنىڭ ياخشى – يامان تەرىپىنىئايرىپ، ئەقلىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ.

② گۇمانن قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

 تەپەككۇرنىڭ تۈرلىرى

1) ئىجادىيەت شەكلى: مەلۇم شەيئى تورىسىدا مۇكەممەل ئاقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىش ھالىتىنى بىلدۈردىغان تەرىپى ــــ ئىجادىيەت تەپەككۈرى دېيىلىدۇ ياكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇر بولمىغان ئەقلىي خۇلاسىلەرنى ھاسىل قىلىش جەريانى.

2) تەپەككۇرنىڭ كۈچۈنىشى: شەيئىنىڭ بىر نەچچە خۇسۇسىيىتىنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى سۇبيېكتىپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەپەككۇر ئاپائىيىتىدىن ئىبارەت.

3) تەپەككۇرنىڭ بۆلىنىشى: مەلۇم شەيئىنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئىنكاسلىرى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى چىقىرىش (روھىي كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ) بىر ئىنكاسنىڭ ياكى بىر قانچە ئىنكاسنىڭ تەپەككۇر جەيانىنىڭ ئەقلىي بىلىشكە يىتىلمىگەن ئوخشاش ھالىتىدىن ئىبارەت.

4) تەپەككۇرنىڭ چېكىنىشى: شەيئىنىڭ بىر قانچە تەرەپلىرىدىن ئوخشاش بولمىغان يەكۈن چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن توغرا يەكۈن چىقىرالماسلىق ھالىتى ــــ يەنى ئەقلىي بىلىشنىڭ چېكىنىشى ۋە كامالەتكە يېتەلمەسلىكى؛ مەسىلەن: شەيئىنىڭ بىر قانچە خىل خۇسۇسىيىتىنى بىلىش ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ ماھىيىتىنى تونۇپ ئالالماسلىق.

5) تەپەككۇرنىڭ كەمتۈكلىكى: بۇ تەپەككۇرنىڭ داۋالغۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چوڭ مېڭە پائالىيىتىدىكى ھېسسىي بىلىش پائالىيىتىنىڭ ئىنكاسچانلىقىنىڭ تەرتىپسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

6) مەجبۇرى چۈشەنچە: كۆپ ھاللاردا تەپەككۇرنى مەلۇم ئەقلىي خۇلاسىلەر توغرىسىدا مەجبۇرىي چىقىرىلغان ئەقلىي بىلىش ياكى مەلۇم ئەقلىي خۇلاسىلەرگە بېقىنىش خاراكتېرلىك ئەقلىي بىلىش.

7) توختاپ كېتىش خارەكتېرلىك تەپەككۇر: تەپەككۇرنىڭ مۇكەممەللىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. ئىنكاس قىلىنغان شەيئىنىڭ ئەقلىي يەكۈنلىرىنى بۇرۇنقى ئەقلىي يەكۈن بىلەن سېلىشتۇرۇش، خۇلاسىلەش، يەكۈن ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدىغان مۇكەممەل ئەقلىي خۇلاسە.

8) تار مەنىدىكى تەپەككۇر: شەيئى ئىنكاسىنىڭ بىرلا تەرىپى توغرىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش. 9) تەپەككۇرنىڭ خام − يىيال شەكلى: كىلىنكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جەريان بولۇپ، روھىي كېسەللەردە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنكاس قىلىنغان ئەقلىي يەكۈنلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەپەككۇرنىڭ ئەقلىي يەكۈندىن چەتنەش خاراكتېرلىك شەكلى. بۇ تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل بولىدۇ:

① زىيانكەشلىككە ئۇچراش خام – يىيالى؛

② باشقۇرۇش خام – خىيالى؛

③گۇمانلىنىش خام – خىيالىى؛

④ كۈنلەش خام – خىيالى؛

⑤ مەپتۇن قىلىش خام – خىيالى؛

⑥ مۇناسىۋەت خام – خىيالى؛

⑦ جىنايەتكارلىق خام – خىيالى؛ ئەقىل تەپەككۇرنىڭ جەريانى ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى توغرىسىدا سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، يەكۈنلەش خۇلاسىلەش ئارقلىق ھاسىل بولغان ئەقلىي بىلىشنىڭ كونكرېت جەريانى ــــ ئەقلى دېيىلىدۇ. ئەقىل ــــ تەپەككۇرنىڭ مەركىزىدە بولىدۇ. تەپەككۇر قۇۋۋىتى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. ئەقىل ئاڭ سىستېمىسىدىكى پائالىيەت. ھېسسىيات شەيئىلەرگە قارىتا ھەر كۈنى ۋە ئوبيېكتىپ دۇنياسىغا بولغان تونۇشق قارىتا ۇتقان پوزىتسىيىسى ھېسسىيات دەپ ئاتىلىدۇ. ھېسسىيات كۆپىچە ئەقلىي بىلىشتىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بىر خىل پائالىيەت شەكلى. ئورنى تەپەككۇر مەركىزدە. ھېسسىياتنىڭ تۈرلىرى ھېسسىيات بەش تۈرلۈك بولىدۇ.

(1) ھېسسىيەتنىڭ كۈچۈنۈشى: شەيئىلەرنىڭ ئاكتىپ تەرەلىرىدىكى ئىنكاسىغان قارىتا ھەرىكەت ھالىتى ۋە پوزىتسىيىسىدىن ئىبارەت.

(2) ھېسسىيات يۇسلىشىش: شەيئىلەرنىڭ پاسسىپلىقتەرەولىرىدكى ئىنكاسلىرىغا قارىتا ھەرىكەت ھالىتى ۋە پوزىيتسىيىسىدىن ئىبارەت.

(3) ھېسسىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى: شەيئىنىڭ ئاكتىپلىق ۋە پاسسىپلىق تەرەپلىرىدىكى ئىنكاسى بولسۇن، ئۇنىڭغا قارىتا داۋالغۇشتىن ئىبارەت.

(4) ھېسسىياتنىڭ تىرىككەكلىك ھالىتى: تەكرارلانغان ئىنكاسلارغا قارىتا قوپال ھالەتتىكى ھەرىكەت ھالىتى ۋە پوزىتسىيىسى ياكى ئىنكاسلارغا قارىتا نوقۇللۇق خاراكترردىكى ھەرىكەت ھالىتىدىن ئىبارەت.

(5) كەيپىيات ئېشش خاراەكتېردىكى ھېسسىيات يۇقىرىلاش ئىرادە: مەلۇم ئوبيېكتىپ ئىنكاسلارغا قارىتا ئۇنىڭ ئايرىم تەرەپلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىش ۋە ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت. مەلۇم مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن پەيدا بولغان مېڭىدىكى ھەرىكەت ھېسسىيات ئىرادە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىرادە ئۈچ تۈرلىك بولىدۇ.

1) ئىرادىنىڭ كۈچىيىشى؛

2) ئىرادىنىڭ تۆۋەنلىشىشى؛

3) ئىشارەتچنلىقنىڭ ئېشىشى. قۇۋۋىتى ھىمە (گۇمان قىلىش كۈچى) ھاسىل بولغان ئەقلىي بىلىشنىڭ ياكى ئەقلىي بىلىش ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ زىيانلىق تەرىپىدىن قوغدىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىش خىزمەتلىرىنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەت ــــ گۇمان قىلىش قۇۋۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئوتنىڭ بەدەننى كۆيدۈرۈپ زەخىملەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش قاتارلىقلار. ئورنى : چوڭ مېڭە پوستلاق ئاستى تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ ئارقا تەرەپىدە. قۇۋۋىتى ھافىزە (ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى) تەپەككۇر جەريانى ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئايرىم خۇسۇسىيەتلەر ياكى بىر قانچە خۇسۇسىيەتلەر توغرىسىدىكى ئاقلىي چۈشەنچىلەر ۋە ئىقلىي بىلىش قاتارلىق تۇيغۇلارنى ساقلاش پائالىيىتى ــــ ئەستە تۇتۇش دېيىلىدۇ. ئەستە ساقلاش پائالىيىتى ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى ئارقىلىق بېجىرلىدۇ. ئورنى: چوڭ مەڭە پوستلاق ئاستى ئارقا قىسمىغا جايلاشقان. تەپەككۇر ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەرنى كېيىنكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن ۋاقىتلىق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا ساقلاش پائالىيىتى ــــ ئەستە ساقلاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەستە ساقلاش ئۈچ تۇرلۈك جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1) ئەستە ساقلاشنىڭ كۈچۈنىشلىكى: ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەرنىڭ تەپەككۇنىڭ مۇكەمممەل ھالىتى ئۈچۈن قايتا سەرىپ قىلىنىشىدۇر. 2) ئەستە ساقلاشنىڭ كەمتۈكلىكى: ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەر ئىچىدە مۇلۇم قىسىملارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىش ھالىتىدۇر.

3) مول تەسەۋۋۇر خارەكتېرلىك ئەستە ساقلاش: ئەقلىي خۇلاسىلەردىن پايدىلىنىپ خىيال ۋە تەپەككۇر پائالىيىتىنى قايتاا بېجىرىش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش پائالىيىتىدىكى بېجىرىلىشىتىدن ئىبارەت. تەسەۋۋۇر: ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتى ئارقىلىق ساقلانغان ئەقلىي چۈشەنچىلەرنى قايا ئەسلەشكە خىيال قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق شەكىللەرنى قايتا ئىنكاس قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەقلىي پائالىيەتنىڭ نامى ــــ تەسەۋۋۇر قىلىش دېيىلىدۇ. تەۋەسسۇر تەپەككۇر قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئۈچ خىل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1) سېلىشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى: ھازىرقى ئىنكالارغا قارىتا ئۆتكەنكى ئەقلىي خۇلاسىگە قايتىش ئارقىلىق شەيئىى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.

2) تەسەۋۋۇر كىچىكلەش: ئوبېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدا ھاسىل بولغان ئەقلىي خۇلاسىلەردىن مۇكەممەل پايدىلىنالماسلىق ھالىتى: تەسەۋۋۇرنىڭ كىچىكلەش ھالىتى دېيىلىدۇ.

3) تەسەۋۋۇر كۈچۈنىش: بۇرۇنقى ئەقلىي خۇلاسىلەردىن پايدىلىنىپ شەيئىلەر توغرىسىدا وخشىمىغان ھېسسى بىلىشلەرنى شەكىللەندۈرۈش ھالىتدىن ئىبارەت. دىققەت كۈچى: كىشىلەرنىڭ روھىي پائالىيەت جەريانى بەلگىلىك نىشاننى تاللىنغان ھالدا مەركەزلىشىشى ــــ دىققەت كۈچى دېيىلىدۇ. دىققەت كۈچى قوغدىنىش كۈچىنىڭ بىر خىل پائالىيەت جەريانى. دىققەت پائالىيىتى ئەستە ساقلاش، گۇمان قىلىش مەركىزىدە. دىققەت كۈچىنىڭ تۈرلىر

1) دىققەت كۈچى كۈچۈنۈش: شەيئىلەرنىڭ ئاكتىپلىق ياكى خاس پاسسىپلىق ئىنكاسلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت.

2) مۇھىتقا قاراپ كۈچۈنۈش: پاسسىپلىق ۋە ئاكتىپلىق ئىنكاسلاردىن ئەتراپلىق پايدىلىنىش ھالىتىدۇر.

3) دىققەت كۈچىنىڭ سۇسلىشىشى: شەيئىلەرنىڭ خاس بىرلا تەرىپىدىكى ئاترۇقچىلىقىغا قارىتا نىشان، بەلگىلىيەلمەسلىك ھالىتىدىن ئىبارەت.

4) دىققەت دائىرىسى تارىيىشى: ئىنكاسلارغا قارىتا نىشان تۇتۇقىلشش ھالىتىدىن ئىبارەت. كەيپىيات مەلۇم ئوبيېكىتپ ئىنكاسلار توغرىسىدا ھاسىل بولغان روھىي قىياپەت ئۆزگىرىشى ۋە بىلدۈرگەن ئىپادىسى ــــ كەيپىيات دېيىلىدۇ. كەيپىيات ھېسسيات ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كەيپىياتنىڭ خەريانى ۋە تۈرلىرى ھېسسىيات بىلەن ئوخشاش. شۇڭا كەيپىياتمۇ بەش تۈرلۈك بولىدۇ.

2 . تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى دېگەن نېمە؟ تاشقى شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق شۇ تاشقى شەيئى توغرىسىدا كونكرېت، ئابستىراكىت چۈشەنچە بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت ــــ تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى دېيىلىدۇ. تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى بەش تۈرلۈك بولىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى شەيئىلەرنىڭ شەكلى، ھالىتى، رەڭگى، ھەجمى، مىقدارى، دەرىجىسى ۋە ئابىستراكىت خۇسۇسىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەتنى كۆرۈش قۇۋۋىتى دەيمىز. مەسىلەن: مەلۇم كىشىنىڭ ئېگىز – پاكارلىقى، ئورۇق – سېمىزلىكى، رەڭگى قاتارلىقلار. كۆرۈش سېزىم قۇۋۋىتى ــــ ئاساسەن كۆرۈش پائالىيىتىنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەتتۇر. ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق كونترۇل قىلىنىدۇ. كۆرۈش N سېزىمى، كۆۋرۈك مېڭە ۋە دۆڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدۇ. كۆرۈش سېزىمىگە قاتنىشىدىغان نېرۋىلار: كۈرۈش نېرۋا، ئۇچلۇق نېرۋا ۋە ۋىگىتاتىپ نېرۋىدىن ئىبارەت. كۆز ئالمىسى بولسا بەش خىل ئاپپاراتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

① ئەينەكسىمان تەنچە

② كىرپىكسىمان تەنچە

③ دالانچە سۇيۇقلۇقى

④ كۆرۈش تورى پەردىسى

⑤ سېرىق تەن (كۆرۈش تەنچىسى) سىرتتىن كەلگەن نۇر كۆز ئالمىسىغا كىرگەندە كۆز قارىچۇقىدىن ئۆتۈپ، ئەينەكسىمان تەن ئارقىلىق كىرپىكسىمان تەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. قارمۇ – قارشى نۇر سۇندۇرىدۇ. دالانچە سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چاستوتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن كۆرۈش تور پەردىسىگە چۈشۈپ قايتا سۇندۇرۇش ئارقىلىق كۆرۈش مەركىزىگە يېتىپ بارىدۇ. ئىچكى بەش سېزىمغا بولغان رولى: تەپەككۇر، ئەستە ساقلاش، قوغدىنىش قۇۋۋەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ. ئاڭلاش قۇۋۋىتى ئاڭلاش پائالىيىتى ياكى ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق شەيئىلەر توغرىسىدا ئابستراكىت چۈشەنچىلەرنى بېجىرىدىغان قۇۋۋەتنى ئاڭلاش قۇۋۋىتى دەيمىز. ئاۋاز دولقۇنلىرى ئىچكى قۇلاققا يەتكەندە ئۆتكۈزگۈچى سۇيۇقلۇق (دالانچە سۇيۇقلۇقى) تەۋرىنىشى ئارقىلىق ئاۋاز دولقۇنىنى ئاڭلاش مەركىزىگە يەتكۈزىدۇ. بۇ پائالىيەتكە: ئاڭلاش نېرۋىسى، ئۇچلۇق نېرۋا، تىگىتاتىپ نېرۋىلار قاتنىشىدۇ. ئىچكى بەش سېزىمغا بولغان رولى: ئەستە ساجلاش، قوغدىنىش، گۇمان، تەپەككۇر قاتارلىق قۇۋۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ. پۇراش قۇۋۋىتى پۇراش قۇۋۋىتى ئارقىلىق خۇشبۇي ۋە بەد پۇراقلىق سېزىملارنىڭ ئىنكاسنى ئايرىغۇچى ۋە سېزىملار ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ مەلۇم تەبئىي ۋە ئابىستراكىت خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پائالىيەتلەرنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەت ــــ پۇراش قۇۋۋىتى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: خۇشپۇراقنىڭ كۆڭۈلنى ئېچىش، يۈرەك ۋە نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى بىلىش. بۇرۇننىڭ كۆمۈرچەك قىسمىدىكى شىللىق پەردىدە پۇراش سېزىمى بولىدۇ. پۇراش سېزىمىنى قوبۇل قىلغان ئورۇنلار، دۆڭچە مېڭە ۋە كۆۋرۈك مېڭىدە بولىدۇ. پۇراش سېزىمىگە: پۇراش نېرۋىسى، ئۇچلۇق نېرۋا، ۋىگىتاتىپ نېرۋىلار قانىشىدۇ. ئىچكى بەش سېزىمغا بولغان تەسىرى: تەپەككۇر، ەستە ساقلاش، قۇغدىنىش قۇۋۋەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ. تېتىش قۇۋۋىتى شەيئىلەرنىڭ تەمى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىبىلىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە دەرىجىگە ئايرىش ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تەبئىتى قاتارلىقلارنى بېقىرگۈچى قۇۋۋەت ــــ تېتىش قۇۋۋىتى دېيىلىدۇ. تېتىش پائالىيىتى ئاساسەن تىل ئارقىلىق بېجىرلىدۇ ياكى تىل ئۈستىدە بولىدۇ. چايناشتىن تارتىپ مۇكەممەل يۇتقۇچە بولغان ئارلىقتا تېتىش سېزىمى بولىدۇ. تېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان N، تىل ئاستى N، تىل يۇتقۇنچاق N، ئۈچ ئاچماق N، ۋىگىتاتىپ N. ئىچكى سېزىمغا بولغان تەسىرى: ئەستە ساقلاش، قوغدىنىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. سېزىش قۇۋۋىتى سىرتقى ئىنكاسلارنىڭ ئىسسىق – سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق كەيپىياتلىرى قۇرۇق، يىرىك، يۇمشاق، سىلىق قاتارلىقلارنى ۋە باشقا غىدىقلىشلارنى ھېس قىلىش ۋە بىلىش پائالىيىتى ــــ سېزىش قۇۋۋىتى ديېىلىدۇ. 5. قۇۋۋىتى تەبئىي ھەققىدە چۈشەنچە ئادەمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش، نەسىل قالدۇرش ۋە ئىممونىتېت ئاپالىيەتلىرنى باشقۇرۇپ ۋە كونتۇل قىلىپ تۇرىدىغان قۇۋۋەت ــــقۇۋۋىتى تەبىئىي دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇۋۋىتى تەبىئىي

بۇ جىگەردە ئورۇن ئالغان تەبىئىي كۈچتىن ئىبارەت بولۇپ خىزمەت ئېتىبارى بىلەن ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

1) قۇۋۋىتى خادىمە؛

2) قۇۋۋىتى مەخدۇمە …

1) خىزمەت قىلغۇچى قۇۋۋەت: قۇۋۋىتى ھايۋانىي، قۇۋۋىتى ناپسانىي، قۇۋۋىتى تەبئىنىڭ ئورتاق ئاتالغۇسى بولۇپ، خادىمى ئازالارنىڭ پائالىيەت جەريانى ئۈچۈن ياردەمچى بولغۇچى قۇۋۋەت ياكى ئىككىنچى بىر ئەزانىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ياردەمدە بولغۇچى قۇۋۋەت قۇۋۋىتى خادىمە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى بىر ئەزادىن ئۆز خىزمىتى ئۈچۈن قۇۋۋەت تەلەپ قىلغۇچى قۇۋۋەت قۇۋۋىتى ھايۋانىي روھىي ھايۋانىنىڭ ياردىمىدە ئىككىنچى بىر ئەزاغا ھەرىكەت پائالىيىتى بېرىدۇ. ھايۋانىي بولمىسا قۇۋۋىتى ھايۋانىي ئۆز خىزمىتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. مەسىلەن: قۇۋۋىتى تاناسىلىيەــــ قۇۋۋىتى تەبىئىيدىن قۇۋۋەت تەلەپ قىلىپ ئۆز خىزمىتىى بېجىرىدۇ.

قۇۋۋىتى مەخدۇمە

قۇۋۋىتى مەخدۇمە يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

1) قۇۋۋىتى شەخسىييەت

2) قۇۋۋىتى تاناسىلىييە

3) قۇۋۋىتى شەخسىييەت

1) قۇۋۋىتى شەخسىييەت ئىنساننىڭ ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن غىزانى باشقۇرىغان قۇۋۋەتتۇر. ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئوزۇقلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەم ئوزۇقلىنىشنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان قۇۋۋەت ــــ قۇۋۋىتى شەخسىييەت دەپ ئاتىلىدۇ. قۇۋۋىتى غازىييە (ئوزۇقلاندۇرغۇچى) قۇۋۋىتى شەخسىييەت قۇۋۋىتى نامىيە (ئۆستۈرگۈچى) دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

1. قۇۋۋىتى غازىييە بەدەندە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا چىقىم بولغان ئوزۇقلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان، ئوزۇقلۇقلارنىڭ غىزالىق ھالىتىدىن ئەزالىق ھالىتىگە كېلىشكە سەۋەب بولىدىغان قۇۋۋەت ــــ قۇۋۋىتى زاىييەت دەپ ئاتىلىدۇ. قۇۋۋىتى غازىييە ئۆز خىزمىتىنى تولۇق ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت خىل قۇۋۋەتنىڭ ياردىمىگە تاينىدۇ. ئۆز خىزمىتىنى تولدۇرغاندىن كېيىن قۇۋۋىتى نامىييە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. قۇۋۋىتى جاىبە (تارتقۇچى): قوبول قىلغان ئوزۇلۇقلارنى ئەزا، توقۇلمىلارغا تارتىىش، شۈمۈرۈش پائالىيىتىنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەت ــــ تارتقۇچى كۈچ دېيىلىدۇ. بۇ كۈچنىڭ ئاساسى مەلۇم دەرىجىدىكى ھارارەت، قۇقلۇقتىن ئىبارەت. مەسىلەن: جىگەرنىڭ قۇۋۋىتى جازىبەسى ئاجىزلىشىپ كەتسە ئاشقازان ئۈچەيدە ھەزىم بولغان ئوزۇقلۇقلار شۈمۈرلمەي جىگەرگە يېتىپ بارالمايدۇ. قۇۋۋىتى داپىئە (چىقىرىش): ئادەم بەدىنىدىكى نەرسىلەرنى ئاجىرىتىپ چىقىش ۋە ئۇنى ھەيدەش قۇۋۋىتى ــــ قۇۋۋىتى داپىئە دېيىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئاجىزلاشسا بەدەن كېرەكسىز نەرسىدىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ كۈچىيىپ كەتسە بەدەندىكى كېرەكلىك ماددىلارمۇ چىقىپكېتىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سۇسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. قۇۋۋىتى ماسكە (تۇتۇش كۈچى) ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار تېگىشلىك ئورۇنلارغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن مەلۇم مەزگىل شۇ ورۇندا تۇرپ تېگىشلىك ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بولغۇچە بولغان جەريان ئىچىدە تۇتۇپ تۇرىدىغان كۈچ قۇۋۋىتى ماسكە دەپ ئاتىلىدۇ. قۇۋۋىتى ھازىمە (ھەزىم قىلىش كۈچى): بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مېخانىك ۋە خىمىيىلىك جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ بەدەنگە سىڭىش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان كۈچ ياكى ئوزۇقلارنى پارچىلاش ھەم كىچىك بۆلەكلەرگە ئايرىش پائالىيىتىنى بېقىرىش ھالىتىدىن ئىبارەت. ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى بەدەندىكى مەخسۇس بەزلەرنىڭ ياردىمىدە تۆت ئورۇندا ئىجرا بولىدۇ.

1− ھەزىم: ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردە بولىدۇ.

2− ھەزىم: جىگەردە بولىدۇ.

3− ھەزىم: قان تومۇر چە لىمفا يوللىرىدا بولىدۇ.

4− ھەزىم: تۇقۇلما ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىغا يېتىپ بېرىپ، شۇ ئەزاغا ئۆزلىشىش جەريانى تۆتىنچى ھەزىم بولىدۇ. 2. قۇۋۋىتى نامىييە ھاياتلىق باشلانغاندىن كېيىن ئەزالارنىڭ ئۇزۇن − قىسقىلىق، كەڭ – تارلىق جەھەتلەردە مۇناسىپ ھالدا تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە خىزمەت قىلىدىغان قۇۋۋەت قۇۋۋىتى نامىيە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ خىزمىتى ئوزۇقلاندۇرغۇچى كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە تاقابىل تۇرالمايدۇ. چۈنكى تەبئىي ئۆسۈپ تۇرغان نەرسىنى سۇنئىي تۇتۇش مۇمكن ئەمەس، مەسىلەن: قۇمۇشنىڭ ئۆي، تاش، ياغاچلارنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىشى قاتارلىقلار. قۇۋۋىتى مۇغييىرە (ئۆزگەرتكۈچى) قۇۋۋىتى نامىييە قۇۋۋىتى مۇساۋۋىرە (شەكىللەندۈرگۈچى) دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. قۇۋۋىتى مۇغەييىرە ئوزۇقلۇقلاردىن جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلىپ توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقۇچى، ئوزۇقلۇقلارنى توقۇلما ھۈجەيرىلەر تەكىبىگە ئۆگەرتىش پائالىيىتىنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەت ــــ قۇۋۋىتى مۇغەييىرە دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن: مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئالساق، ئۇزۇقلۇق ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئاقسىل يادرو كىسلاتاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. قۇۋۋىتى مۇساۋۋىرە (شەكىللەندۈرگۈچى) قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن تۇقۇلما ھۈجەيرىلەرنىىڭ ئەزا، سىستېمىلارنىڭ روشەن ئاناتومىيىلىك ھالىتىنى شەكىللەدۈرۈش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت. 2) قۇۋۋىتى تاناسىلىيە ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئالاھىدىلىكى بولغان قۇۋۋەت ــــ قۇۋۋىتى تاناسىلىيە دەپ ئاتىلىدۇ. قۇۋۋىتى مۇۋللىيدە (پايدا قىلغۇچى) قۇۋۋىتى تاناسىلىيە قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە (شەكىللەدۈرۈگۈچى) دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

1) پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مۇۋەللىيدە) ئاتىلىق ۋە ئانىلىق ئۇرۇق تەركىبىدىكى ئۇزۇق جەۋھەرلىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت ــــ قۇۋۋىتى مۇۋەللىيدە دەپ ئاتىلىدۇ ياكى ئوزۇق ھەم تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەمدە ئۇلار بىرلەشكەندىن كېيىن ئۇلاردا مۇناسىپ مىزاج ۋە ئۆز لايىقىدا شەكىل پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەتتۇر. ئۇنىڭ خىزمىتى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

1) ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ ئەۋلاد ۋە نەسىل قالدۇرۇپ، ئۆزنىڭ تۈرى ۋە سۈپىتىنىڭ ساقلاش ئۈچۈن ئۇرۇق ھەم تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدۇ.

2) ئەرلىك ئۇرۇق بىلەن ئايللارنىڭ تۇخۇمى بالىياتقۇدا ئۇچراشقاندىن كېيىن تەكىبىدىكى قۇۋۋەتلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ تەسىرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۈرەلمىنىڭ تەبئىي مىزاجى ۋە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆز لايىقىدا شەكىللىنىشى، قۇراشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

2) قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى پائالىيەتلەرنى بېجىرگۈچى قۇۋۋەتنى ــــ قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە دەيمىز. ئاناسور ئەربەئەنىڭ نامايندىلىرى ئۆزئارا بىر – بىرىگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن، پەيدا بولغان تۆرەلمىنڭ خۇسۇسىي مىزاجىدىن سىرت، ئۇنىڭ ئۆز نەسلىگە ۋە سۈپىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى شەكلىنى شەكىللەدۈرۈگۈچى ۋە ئونى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزگۈچى كۈچى ــــ قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە دېيىلىدۇ. شەكىللەندۈرگۈچى كۈچ ئادەم ۋە ھايۋانلارغا ئوخشاش جانلىقلارنىڭ ئەسلى ئەجدادىنىڭ شەكلى قىياپىتىگە ئوخشايدىغان شەكىلىدە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىرى قىلىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى سان – ساناقسىز ئادەملەرنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىماسلىقى ھەتتا بىر ئانا، بىر دادىدىن بولغان بالىلارنىڭمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىماسلىقى ئاشۇ شەكىللەندۈرگۈچى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولغان.

ئىلمى ئىنكاس يېزىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز !

1+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
خەتكۇچ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close