ساغلاملىق بىلىملىرى

قۇۋۋەت دىگەن نىمە؟ ئۇ نەچچىگە بۈلۈنىدۇ،قايسىلار؟

قۇۋۋەت دىگەن نىمە؟ ئۇ نەچچىگە بۈلۈنىدۇ،قايسىلار؟

قۇۋۋەت _ روھنىڭ تۈرتكىسىدە تەبىئىي خىلىتلارنىڭ سەرىپ قىلنىشى بىلەن ئەزا،توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال خىزمەت پائالىيىتىنى بارلىققا كەلتۇرىدىغان ئىنىرگىيەدىن ئىبارەت.خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان،جەۋھىرى قىسىمى بىلەن ئوكسىگىننىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان روھلارنىڭ تۇرىتكىسىدە جۇملىدىن روھىي ھايۋانىنىڭ تۇرىتكىسىدە ئورگانىزىمدا قان ئايلىنىش شەكىللەنگەندىن كىيىن قان سۇيۇقلۇغى تەركىۋىدىكى خىلىتلار(ئوزۇقلۇق ماددىلار) ھەر قايسى ئەزا توقۇلما، ھۇجەيرىلەرگىچە يىتىپ بىرىپ قان ئايلىنىش ئارقىلىق شۇ ئەزا، توقۇلما ھۇجەيرىلەرگە بىللە يىتىپ كەلگەن روھنىڭ تۇرىتكىسىدە ئورگانىزىمدىكى تۆت ھەزىم ئورنىدا بىئو-خىمىيىلىك رىئاكسىيەلەرگە قاتنىشىپ ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. ھاسىل بولغان مۇشۇ خىل ئىنىرگىيە ئارقىلىق بارلىق ئەزا،توقۇلما ھۇجەيرىلەرنىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتى بارلىققا كىلىپ،ھاياتلىق پائالىيەت داۋام ئىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزىمدىكى بارلىق پائالىيەتلەر روھلارنىڭ تەسىرىدە تەبىئىي خىلىتلارنى سەرىپ قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن قۇۋۋەتلەر ئارقىلىق ئومۇمى دائىردە تەڭشىلىپ تەڭپۇڭلۇڭنى ساقلايدۇ.ئەگەردە ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا قۇۋۋەتلەر ياخشى شەكىللەنمەي ئاجىزلىشىپ ئورگانىزىمدىكى ھاياتلىق پائالىيەتلەر ئاجىزلايدۇ ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچۇراپ ئاخىردا ھاياتلىق ئاخىرلىشىدۇ.

قۇۋۋەتلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، بىرلەمچى قۇۋۋەت ۋە ئىككىلەمچى قۇۋۋەت دەپ ئىككى تۇرگە بۆلىنىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button