ھەزىم قىلىش سىستىمىسى

قەۋزىيەت

كېسەللىك ھەققىدە

بۇ كېسەللىك، تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ۋە ئىچكى ئەزالار ئامىللىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قەۋزىيەت ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىدە سۇسلۇق پەيدا بولۇش، ئۈچەينىڭ چىقىرىش ھەرىكىتى ئاجىزلىشىش، ئۈچەيلەردىكى جازىبە (غىزا جەۋھەرلىرىنى شۈمۈرۈپ قانغا ئەۋەتكۈچى) كۈچىنىڭ خىزمىتى ئارتىپ كېتىش، ئۈچەيدىكى ھۆللۈك ئازىيىش، جىگەردىكى سەپرا ماددىسى ئازىيىش، ئۈچەي سىپازمىلىنىش، ئۈچەي پالەچلىنىش، تەستە سىڭىدىغان تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ھۇرۇنلۇق، جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپ قىلماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، ئاچچىق، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش، قېنىق دەملەنگەن چاينى كۆپ ئىچىش ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر كېسىلى، سەمرىپ كېتىش، نېرۋا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ كېسىلى، تەرەتنى ئۆز ۋاقتىدا قىلماي يىغىپ يۈرۈش، ۋە سۇنى كەم ئىچىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

ئالامىتى: ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە تەرەت كەلمەسلىك ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

1. ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق بەدەن مۇشۇنىڭغا كۆنىدۇ ۋە بۇ ساقلىقنى ساقلاشقا پايدىلىق.

2. تاماقنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە خالىغان ۋاقىتتا تاماقلانماي، بەلكى بەلگىلىك ۋاقىتتا تاماقلىنىشقا ئادەتلىنىش، ئەڭ ياخشىسى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش، مىقدارى بەك ئاز ياكى بەك كۆپ ياكى ھەمىشە بىر خىللا بولۇپ قالماسلىقى، ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا سۇيۇقلۇق ئىچىپ تۇرۇش، يېمەك –ئىچمەكلەردە ھايۋانىي ۋە نەباتىي (ئۆسۈملۈك) غىزالار مەسىلەن: ئۇن، گۈرۈچ، گۆش، ياغ ۋە ھەر خىل ئوتياش، مېۋە – چىۋە، تۇز ۋە باشقىلار يېتەرلىك مىقداردا بولۇشى لازىم. ياغسىز، كۆكتاتسىز تاماقلار ئاسانلا قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ. ھەر خىل كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش ساقلىقنى ساقلاش ۋە قەۋزىيەت بولماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.

3. تەنھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن : يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، سەيلە قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قەۋزىيەتنى يوق قىلىشىغا نىسبەتەن پايدىسى بار.

4. تاماكا چېكىش مېڭە-ئەسەب ۋە ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەۋزىيەتكە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. [0]

سەۋەبى

تاماق تاللاش

تاماق تاللاش: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاق ئاشلىق، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، كۆكتات ، مېۋە-چېۋە، قارا ئاشلىق تۈرىدىك ىيېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ئاق ئاشلىق ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قۇۋۋىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن تەركىبىدىكى سېللۇلوزا مىقدارى ئاز بولغاچقا، چوڭ تەرتنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئورگانىزىم ئۇزۇن ۋاقىت كەم قانلىق ھالىتىدە تۇرغاندا :

ئورگانىزىم ئۇزۇن ۋاقىت كەم قانلىق ھالىتىدە تۇرغاندا : كەم قانلىق ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا، نورمال ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، پۈتۈن بەدەندىكى ئەزا توقۇلمىلارغا يېتىپ بارىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىپ بارالماي، ئەزالارنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈرگە دورىلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىش

سۈرگە دورىلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىش: ئۇزاق ۋاقىت سۈرگە دورىلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەندە ئىچ سۈرۈش ئارقىلىق بەدەندىكى سۇنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا بەدەندىكى سۇ مىقدارى ئازلاپ ، ئۈچەي چوڭ تەرەت تەركىبىدىكى سۇنى مەجبۇرىي سۈمۈرۈۋېلىپ، تەرەتنى قاتۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەت تۈز ئۈچەيدە تۇرۇپ قېلىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆت كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن :

ئۆت كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن : ئۆت كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۈچەينى غىدىقلاپ ، چوڭ تەرەت خاھىشى شەكىللەندۈرمەسلىك سەۋەبىدىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش

سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش : بىر قىسىم سوزۇلما كېسەللىكلەر ئۈچەي تۈز مۇسكۇللىرىنىڭ ھەركىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە ھەركىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىشتىھاسىزلىق

ئىشتىھاسىزلىق : بىر قىسىم كىشىلەر ئىشتىھاسىغا سەل قاراپ مۇۋاپىق ئوزۇقلانمىغانلىتىن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى قەۋىزيەت كېلىپ چىقىدۇ.

سىرتقى زەخمىلىنىش، كۆپىنچە بەل ئومۇرتقىسى ۋە داس سۆڭەڭ زەخمىلىنىش، بەل ، توققۇز كۆز، يۇلۇن نېرۋىلىرىنىڭ بېسىلىشىغ ئۇچراش ياكى زەخمىلىنىش تۈپەيلى يەرلىك ئوزۇندىكى سېزىمنى يەتكۈزۈش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ رېفلېكس شەكىللەنمىگەنلىكتىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل مەقئەت – ئۈچەي كېسەللىكلىرىدىن :

ھەر خىل مەقئەت – ئۈچەي كېسەللىكلىرىدىن : ھەر خىل مەقئەت- ئۈچەي كېسەللىكلىرى تۈپەيلى ئۈچەي ئۆسمىلىرىنىڭ ئۈچەي يوللىرىنى توسۇپ قويۇشىدىن ياكى ئۈچەي سىرتىدىكى ئۆسمىلەرنىڭ بېسىپ قويۇشىدىن ۋە ياكى ئۈچەينىڭ كىرىشىپ قېلىشىدىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا ، ئۈچەي خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئاشقازان چىقىش ئېغىزى ۋە ئۈچەي كىرىش ئېغىزى قىسمىدا جارھەت شەككىلىنىپ ئۈچەيگە كىرىدىغان ماددىلار ئاشقازاندا تۇرۇپ قېلىپ ئۈچەيگە ئۆتۈلمىگەنلىكتىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

روھى ئامىللار تەسىرىدىن

روھى ئامىللار تەسىرىدىن :  بىر قىسىم كىشىلەرنى ناچار روزى كەيپىيات سەۋەبىدىن كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىەە يېمەكلىكلەرنى، يەنى ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ياكى بىر نەچچە كۈن تاماق يېمەسلىكى سەۋەبىدىن ھەر خىل ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىپ ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ خىزمىتى ئاجىزلاپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[1]

داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: سانا ئۈچ گىرام، تەرەنجىبىن ئۈچ گىرام، سۇ، بادام يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا سېلىپ تەمىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە بادام يېغىنى تېمىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا.

2-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: چىلغوزا مېغىزى 25 گىرام، ياڭاق مېغىزى 20 گىرام، كۈنجۈت ئۈچ گىرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: رەۋەن 15 گىرام، غارىقۇن توققۇز گىرام، تۇربۇت 60 گىرام، يۇمىلاق زىراۋەندە 18 گىرام، مۇقەل 15 گىرام، رۇمبەدىيان 5. 9 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا 7 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

1. تۇتۇش (مالىش قىلىش) ؛ دائىملىق قەۋزىيەتتە قورساقنى ئۇۋۇلاپ تۇتۇپ بېرىش ئۇسۇلى ئاددىي ۋە ئۈنۈملۈك داۋا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ : تاماق يەپ 3-4 سائەتتىن كېيىن ئوڭ چات ئۈستىدىن باشلاپ ئۈستى تەرەپكە سىيرىپ تۇتۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن كىندىك ئۈستىدىن، قوۋۇرغىلار ئاستىدىن ئوڭدىن سول تەرەپكە قاراپ سىيرىپ تۇتۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئۈچەيلەرنىڭ جايلىشىش ئورنىغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش لازىم.

دورىلاردىن: ئادەتتىكى قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈچۈن ؛ 36 گىرام ئاپتابى گۈلقەنتنى ھەر ئاخشىمى يەپ يېتىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

بىنەپشىدىن 7گىرام، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيىدىن 7گىرام، ئۇرۇقى ئېلىنغان قارا ئۈزۈمدىن 9 دانە، ئەنجۈردىن بەش دانە، خىياشەنبەر پولۇسىدىن 36گىرام بادام يېغىدىن 12مىللىلىتىر ئېلىپ دەملەپ، قاينىتىپ، سۈزۈپ، بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ. ئەتىگەندە ئىچىلىدۇ.

30 مىللىلىتىر ئىنەكپىتى يېغىغا 450 مىللىلىتىر كالا سۈتى 36گىرام تەرەنجىبىن ئارىلاشتۇرۇپ بىر قېتىمدىلا ئىچىلىدۇ.

قۇرسى مۇلەييىندىن بەش دانە ئېلىپ ياتار ۋاقتىدا 250 مىللىلىتىر كالا سۈتىدە ئېرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئېلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يېتىشتىن ئىلگىرى 50 مىللىلىتىر ھەسەلنى بىر پىيالە قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچسە بولىدۇ.

دائىملىق (ئادەتلەنگەن) قەۋزىيەتنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىچە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ:

بادام مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ چاي سۈتلەپ ئىچىلىدۇ.

30 گىرام بادام مېغىزىنى سوقۇپ ھەر ئاخشىمى قىزىق سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.

ياخشى تەييارلانغان ھېلىلە مۇرابباسىدىن 10 مىللىلىتىر ئېلىپ ياتار ۋاقتىدا سۇ ياكى سۈت بىلەن ئىچىلىدۇ.

كىچىك ھەلىلىنى سوقۇپ تالقانلاپ ئالتە گىرام بادام يېغى ياكى كالا يېغىدا ياغلاپ ئۇخلاش ئالدىدا 12گىرام ئېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

چوڭ ھېلىيلىنى تالقانلاپ 12گىرام ئېلىپ ئىچىلىدۇ.

10گىرام سانا يوپۇرمىقىنى ساپال قاچىدا قورۇپ، بىر ئاز سارغايغاندا ئېلىپ سوقۇپ بىر ئىككى قوشۇق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر قېتىم ياتار ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

مۇرەككەپ دورىلاردىن:

ھەببى سەبرى، ھەببى مۇقەل، ھەببى قەبزى كۇشا، ھەببى رۇسۇپ مۇلەييىن، شەربىتى مۇلەييىن، سۇپۇپى مۇلەييىن، مەجۈنى سانا، ھەببى تاباشىر مۇلەييىن، ھەببى مۇخرىج، ھەببى تەنكار قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. [0]

خەلق ئىچى رېتسېپلىرى

كۈندە بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىپ بەرسە ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇ ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان، ساغلاملىقنى ئاشۇرغۇچى ئىچىملىكتۇر.

تاتلىق ياڭيۇدىن 250گىرام ئېلىپ، مايدا پىشۇرۇپ ئىككىگە بۆلۈپ بىر كۈندە ئىستېمال قىلسا سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

كۈدە يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقىنى يانجىپ، بىر ئىستاكان سۈيىنى ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچسە سۇزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۈتتىن 250 گىرام، ھەسەلدىن 100گىرام، پىياز شىرىسىدىن ئازراق ئېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۈندە سەھەردە ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھەر كۈنى بىر قانچە تامچە ئاچچىقسۇ تېمىتىلغان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تۇرۇپ ئۇرۇقىنى قورۇپ سارغايتىپ يۇمشاق سوقۇپ، لازىم بولغاندا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 5-20گىرامغىچە ئېلىپ ھەسەل ياكى ئاق شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.

چوڭ چىلاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاسقاندا دۈملەپ پىشۇرۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ ئېزىپ چىلان قىيمىسى تەييارلاپ ئۇنىڭدىن كېيىن كۈنجۈتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قورۇپ ئېزىپ چىلان قىيمىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن، كۈندە 3-4 قېتىم يېگۈزۈلىدۇ.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button