ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

تىبابەت ھەققىدە چۇشەنچە

تىبابەت دېگىنىمىز -ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەندە پەيدا بولغان ھەرخىل غەيرى نورمال ھادىسلەر ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كەسپىدىن ئىبارەت .تېبابەتچىلىك تەبىئەت دۇنياسىغا جانلىقلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان .

ئۇيغۇرچە تىبابەت
ئىنگىلىسچە Medicine
خەنزۇچە 医学
باشقىچە نامى مىدىسىنا،تىببى ئىلىم

1چۈشەنچە

تىبابەت دېگىنىمىز -ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەندە پەيدا بولغان ھەرخىل غەيرى نورمال ھادىسلەر ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كەسپىدىن ئىبارەت .تېبابەتچىلىك تەبىئەت دۇنياسىغا جانلىقلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان . دېمەك .تىبابەت ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئەقىل -پاراسەتلىرى ۋە ئەمىلى تەجرىبىلىرى بىلەن پەيدا بۇلغان ۋە زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدرىجى تەرەققىي قىلغان.

2پەيدا بولىشى

 دۇنياغا تىبابەتنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بار . بەزى تارىخچىلار : تىبابەتچىلىك دۇنيادا ئادەم پەيدا بولغاندىن تارتىپ بار ئىدى . ھەتتاكى بەزى ھايۋانلاردىمۇ ئۆز كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى كۆرۈلگەن ۋە ئۇنى ئادەملەرمۇ ئۆگەنگەن دەيدۇ . مەسلەن جالىنۇس(كىلاۋدى گالىن)نىڭ يېزىشىچە بىر ئۇچار قۇشنىڭ تۇمشۇقىغا سۇ ئېلىپ كېلىپ چۆجىسىنىڭ ئارقا يولىغا تۆككەنلىكىنى كۆرۈپ كۆرۈپ كىلىزما قىلىشنى ئۆگەنگەن . شۇنىڭدەك قىزىپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ ئۆزىنى سوغۇق سۇغا تاشلىشى ، قىشتا يەر ئاستىدا تۈنەپ كۆزى تۇتۇلۇپ قالغان كىرپە ،چايان، قۇم يىلىنى دەيدىغان ھايۋانلارنىڭ دەريا بويىدىكى ئاچچىق ئەمەن(ئەفسەنتىن)گە يامىشىپ ئۇنىڭغا كۆزىنى سۈركىگەندىن كىيىن كۆزى ئېچىلغانلىقىنى كۈزەتكۈچىلەر بولغان . ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا قىشلىق ئىنىدىن چىققان ئىلانلارنىڭ ياۋا بېدىيانغا يامىشىپ كۆزى ئېچىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . شۇنىڭدەك ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئالتە بۇرجەك ئۇۋا سالغانلىقىنى كۆرۈپ ئادەملەر ئۆي سېلىشنى ئۆگەنگەن دىيىلىدۇ . ھايۋانات دۇنياسىدا بۇنداق مىساللار كۆپ تېپىلىدۇ . دىمەك تىبابەت ھايۋانلاردىمۇ بار ئىكەن .      ھەرقانداق مەخلۇق دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە تەدبىرلەرگە مۇراجەت قىلىش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بولغاچقا ، تىبابەت ئىپتىدائىي دەۋىرلەردىمۇ بار بولغان ئىكەن . روسىيە فىزىئولوگى ئى.پ.پاۋلوھ : «تىبابەت تارىخىنى ئىنسانلار يازما تارىخىي خاتىرلەر قالدۇرغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلاش خاتا بولىدۇ» دېگەن . كېيىنكى زامان ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا ، تاش قورال دەۋرىدىمۇ تىبابەتچىلىكنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان . مەسلەن : تاشتىن ياسالغان پىچاق ، بولقا ، يىڭنىدەك ئۇچلۇق نەرسىلەر ۋە ئۆسۈملۈك يەنجىيدىغان تاش ھاۋانچىلار تېپىلغان . شۇنىڭدەك ئۇ دەۋىرلەردە ئادەملەردە ھەرخىل كىسەللەرنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان . قەدىمقى زامانلاردا يەر ئاستىدا تۇرۇپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن سۆڭەكلەردە سۆڭەك ئۆسمىلىرى بايقالغان . ئۇ دەۋىردىكى ئىنسانلارمۇ ئۆز ھاياتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇرۇق-نەسلىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېسەل ئاپىتى، تەبئىي ئاپەتلەرگە قارشى ھەرخىل چارە تەدبىرلەرنى تاپقان ھەم بۇ چارە-تەدبىرلەر دەۋىر تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن . مەسلەن : ئەڭ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆمۈرنى قىززىتىپ ئۆسمىلەرنى ،كۆيدۈرگىنى داغلاپ داۋالاش ئۇسۇللىرى ھازىرمۇ ئاندا ساندا ئۇچرايدۇ . بۇ ئۇسۇل ھازىر تەرەققىي قىلىپ رادىئو ئاكتىپ نۇرلار ، لازىر نۇرى ۋە توك بىلەن داۋالاشقا تەرەققىي قىلدى .

باشلانغۇچ دەۋىردىكى ئىنسانلار كىچىك بالىلارغا ئوخشاش بەزى ھادىسىلەردىن بەكمۇ قورقاتتى . كۈن تۇتۇلۇپ ئالەمنىڭ قاراڭغۇ بولۇپ قېلىشى ، ئاي تۇتۇلۇش ، يەر تەۋرەش ، گۈلدۈرماما ، چاقماق-چېقىن قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى بولغاندا ، غارلارغا ۋە ئويمانلارغا يوشۇرۇنۇپ ئالاتتى . بۇنداق ھادىسىلەرنى ئالەمنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئىلاھى كۈچنىڭ غەزەپ ئالامىتى ، ئۇنىڭ غەزەپلەنگەنلىكى دەپ يىغلىشاتتى . كېچە قاراڭغۇلۇقىنىڭ خەتىرى كۈندۈزدىن يامان ، جىن ، دىۋە-پىرىلەر كۆپىنچىسى كېچىلىكتە پەيدا بولىدۇ ، دەپ ئېتقاد قىلاتتى (جەنۇبى ئافرىقىدىكى بىر ياۋايى قەبىلىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان). ئۇلار ئالەمنى يورۇتقان كۈن،ئاي،يۇلتۇزلارغا خۇدا دەپ ئىشىنەتتى ۋە ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان جىن شەيتانلار ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۇرىدۇ . ئورمانزارلىقلار ۋە بۆكلۈكلەردە ماكان تۇتىدۇ ، ئادەملەرنىڭ بۇنداق ساددا كۆز قاراشلىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ چۈشەندۈرىدىغان جىنكەشلەر، ئالدامچىلارغا ئوخشاش خۇراپات ۋەكىللىرى پەيدا بولۇپ خەلىقنى داخانلىق ،پىر ئوينۇتۇش، نوكچا كۆيدۈرۈش، جادۇگەرلىك قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن كىسەل داۋالايمەن دەپ ئالدايتى . كىلىسا-بۇتخانىلارغا ، مازارلارغا چوقۇندۇراتتى . نۇرغۇن ئەللەردىكى (جۈملىدىن شەرقىي ۋە شىمالىي ئىسپانىيەدىكى قەدىمكى غارلاردىكى نەقىش ۋە سۈرەتلەردىن بۇ ئەھۋال ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ . شامان دىنى، مەجۇسىي دىنى، زەردۇشىت دىنى،بۇددا دىنى قاتارلىق قەدىمقى دىنلارمۇ مۇشۇنداق مۇشۇ دەۋىردە پەيدا بولغان . بولۇپمۇ شامانىزىم دىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي-شىمالىي قىسمىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ ، قەدىمكى ھونلار، موڭغۇللار، تۈرۈكلەر ، بۇ دىنغا ئېتقاد قىلاتتى . ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا تېخىچە شامانىزىم ئۇسۇلى بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ بەزى قالدۇقلىرى ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ .

دۇنيا ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئادەملەر خۇراپات ۋە ۋەششىلىك دەۋرىدىن مەدەنىيەت باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن تىبابەتمۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە راۋاجلاندى .

قەدىمقى ۋاقىتلاردا ، باشقا پەن ، ھۈنەرلەرگە ئوخشاش تىبابەتنىڭمۇ ئۇستازلىرى بولغان  . ئۇلار ئىنسانلارنىڭ كسسەللىكلىرىگە قارىشى تۇرۇشىىنى بىلىشىگە يول ئاچقان .بۈيۈك ئالىم ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ تىبابەتنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى قاراشلىرى:

ئىلگىرىكىلەر تىبابەتنىڭ تۆتىنچى ئىقلىم ئارىسىغا جايلاشقان ئۈچ ئارالدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ، بىرىنچى ئارالنىڭ رەۋدىس ، ئىككىنچى ئارالنىڭ قەنىدىيىس ، ئۈچۈنجى ئارالنىڭ قۇ دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇقراتنىڭ قۇ ئارىلىدىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ .

بەزىلەر تىبابەت ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلەر كىلدانىيلار دېسە ، يەنە بەزىلەر يەمەنلىك سېھرىگەرلەر دېگەن ، يەنە بەزىلەر ھىندىستانلىقلار دەپ قارىسا ، يەنە بەزىلەر تۇرنىسا ئاھالىسى دەپ قارىغان .

تىبابەتچىلىكنى تەڭرى ياراتقان دەپ قارايدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل قارىشىغا بۇنداق ئۇلۇغ ئىلىمنىڭ ئىنسان ئەقلى تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ ، بۇ ھەم جالىنۇسنىڭ قارىشى بۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇ قارىشى بۇقراتنىڭ «قەسەملەر» ناملىق كىتابىنىڭ شەرھىسىدە ئوچۇق بايان قىلىنغان . ئۇ مۇنداق دېگەن : «بىزنىڭ قارىشىمىزچە تەڭرىنىڭ تېبابەتچىلىكنى يارىتىپ ئۇنى ئىنسانلارغا ئىلھام قىلغانلىقى ئەڭ توغرا . چۈنكى بۇنداق ئىلىمنى ئىنسان ئەقىلىنىڭ بىلىپ يىتىشى مۇمكىن ئەمەس ،تەڭرى ئۇ ئىلىمنىڭ بىردىن بىر ياراتقۇچىسى ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە تېبابەت تەڭرى تەرىپىدىن مەيدانغا چىقىرىلغان دەپ قارىلىۋاتقان پەلسەپە ھەممىدىن ئەۋزەل» .

1.  خۇددى جالىنۇس ئۆزىنىڭ «قان ئېلىش» توغرىسىدا يازغان كىتابىدا چۈشىدە سوقۇۋاتقان تومۇردىن قان ئېلىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ھېكايە قىلغىنىغا ئوخشاش تېۋىپلارنىڭ كۆرگەن راست چۈشلىرى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن . بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى : مەغرىپ خەلىپىلىرىنىڭ بىرى ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ نۇرغۇن داۋالانغان بولسىمۇ كېسىلى ساقايمىغان ، ئۇ بىر كۈنى چۈشىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى كۆرۈپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلغان ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭغا «لا» (ئەمەس) بىلەن مايلان ، «لا»نى يە ! كېسىلىڭدىن ساقىيسەن ، دېگەن . ئۇ ئويغانغان چاغدا كۆرگەن چۈشىدىن ھەيران قالغان ھەمدە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەي چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەردىن بۇ چۈشكە تەبىر بېرىپ بېقىشنى سورىغان ، ئۇلار چۈشكە تەبىر بېرەلمەي تۇرغان ئەسنادا ئەلى ئىبنۇ تالىب ئەلقەيرىۋانى ئى مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ! پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سىلىنى زەيتۇن يېغى بىلەن مايلىنىپ ئۇنىڭدىن ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇپتۇ ، دېگەن خەلىپە بۇنى قانداق بىلگەنلىكىنى سورىغاندا ، ئۇ ئاللاتائالانىڭ سۈرە نۇرنىڭ35 ـ ئايىتىدە زەيتۇن دەرىخىنى سۈپەتلەپ «شەرىقتىمۇ ئەمەس، غەرىبتىمۇ ئەمەس» دېگەن سۆزىدىكى «ئىككى ئەمەس» (ئەرەب تىلىدا ئەمەس دېگەن سۆز«لا»ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .) تىن بىلدىم دەپ جاۋاب بەرگەن . خەلىپە ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغاندىن كىيىن، كېسىلى شىپا تېپىپ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەن .

2.توغرا كەپ قېلىش ۋە تەساددىپىيلىق يولى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن ، خۇددى ئاندۇرۇماخەس يىلان گۆشى ئارقىلىق زەھەر قايتۇرىدىغان دورا ياسىغانغا ئوخشاش . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ئۆزلىكىدىنلا ئۈچ خىل سەۋەب تۈرىتكە بولغان ئىدى .

3.    ھايۋانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنى دوراپ بېقىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن . ئەبۇ بەكرى رازى ئۆزىنىڭ «خاس ئالاھىدىلىكلەر»دېگەن كىتابىدا مۇنداق بىر مىسالنى تىلغا ئالغان . قارلىغاچ ئەگەر ئۇنىڭ چۆجىسى «سولىشىپ تولۇق يىتىلەلمەسلىك»كېسىلىگە گىرىپتار بولسا ، يەرقان تېشى دەيدىغان بىر خىل ئاق تاشنى ئېلىپ كېلىپ ئۇۋىسىغا تاشلاپ، قويىدىكەندە ، چۆجىسى ساقىيىپ قالىدىكەن ، ئىنسانلار بۇ تاشقا ئېرىشمەكچى بولسا، قارلىغاچ چۆجىسىگە زەپەر سۈركەپ قويىدىكەن ، قارلىغاچ چۆجىسىگە كىسەل تىگىپتۇ، دەپ يەرقان تېشىنى ئېلىپ كىلىدىكەن ، ئادەملەر بۇ تاشنى ئېلىۋىلىپ بۇ خىل كىسەلگە مۇپتىلا بولغان كىشىگە ئېسىپ قويسا ، كېسىلى ساقىيىپ قالىدىكەن .

شۇنىڭغا ئوخشاش يىلان قىشلىق ئۆچەكتىن چىققان چاغدا يەر ئاستىدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالسا ، بەدىياننى كۆزىگە سۈرگەندە كېسىلى ساقىيىپ قالىدىكەن ، ئادەملەر بۇنى كۆرۈپ تەجىرىبە قىلىپ باققان ھەمدە بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ سۈيىنى كۆزگە سۈرمە قىلىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆز كۆرمەسلىك كېسىلى ساقايغان .

ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، تىبابەت ئىلمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەجرىبە، توغرا كېلىپ قېلىش ۋە تاسادىبىيلىق ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن، كېيىنچە بۇنداق تەجىربىلەرنىڭ بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا توغرا قىياسنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ خىلمۇخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تىبابەت ئىلىملىرى ھاسىل بولۇشقا باشلىدى ، ئاندىن تېۋىپلار ھەرخىل شەيئىلەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشقا يۈزلەندى ، بۇ ئارقىلىق ئۇلاردا تەلىم بېرىش ۋە تەلىم ئېلىشقا مۇناسىپ ئومۇمىي قائىدە پىرىنسىپلار شەكىللەندى . مەلۇم بىر ئىلىم مۇكەممەللەشكەندە، ئومۇمىي قائىدە-پىرىنسىپلاردىن كونكىرىت مەسلىلەرگە يۆتكىلىش ئاساسىدا تەلىم بېرىلىدۇ . «قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرغا قويۇشتا رېئال مەسلىلەرنى چىقىش قىلىش ئارقىلىق قائىدە قانۇنىيەت نەزىريەلىرى ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ .  [2]

3تارىخى

ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا ئىنسانلاردىكى ئەڭ قەدىمكى تىببىي پائالىيەت بۇنىڭدىن 40 مىڭ 50 مىڭ يىللار ئىلگىرى باشلانغان. بۇ چاغلاردىكى ئىپتىدائىي تىببىي پائالىيەت يالغۇز دورا گىياھلىرى، تۇز ۋە ئارشاڭ سۇلىرىدىن پايدىلنىش، قۇمغا كۆمۈش، ھايۋان تېرىسىگە ئېلىش. تېڭىقچىلىق، ئاددىي ئوپراتسىيە (جاراھەتنى كېسىپ ئېلۋېتىش) ۋە مومىيا(سىلاجىت) قىلىش قاتارلىق ماددىي داۋالاش بارلىققا كەلگەن. تارىخي ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىنىشىچە يەرشارىدا دەسلەپ مەدەنىيەت پەيدا بولغان جاي مىسىر بابىل مىسوپۇتامىيە جۇڭگۇ بۇلۇپ كىيىنكى زامانلاردا مىسىر بابىل،مىسپپوتامىيە پەلەستىن،ئىراق،سۇرىيە،تەرەپلەردە پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.لېكىن يېقىنقى يىللاردا مەملىكىتىمىز جۇڭگونىڭ دۇڭ خۇاڭ،تۇرپان ۋە تەكلىماكان بەشبالىق (جىمىسار)تەرەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخىلوگىيلىك تەكشۈرۈشلەر شۇنىڭدەك سوۋىت ئىتتىپاقى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا يات رايونىدا يەر ئاستىدىن تېپىلغان تارىخى ماتېرىياللارغا قارىغاندا مەدەنىيەت ۋە تېبابەتنىڭ دەسلەپكى قېتىم ۋەتىنىمىزنىڭ جۇڭگونىڭ غەربى رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغانلىغى مەلۇم بولغان كىيىن بولسا بابىل ،مىسىر، ھىندىستان ،يۇنان ۋە روما تەرەپلىرىدە راۋاجلانغان.

4ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن ئەسەرلەر داۋامىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە تۇرمۇش كۆچۈرۈش شارائىتى جىسمانىي سالامەتلىكىنى قوغداپ نەسلىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۇچۇن ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنىدۇر. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ يازما تارىخي شەكلىدە مەيدانغا چىققىنىغا 2500يىلدىن ئارتۇق بولغان. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانى

ئۇيغۇر تېبابىتى ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەتەندە مىللەتلەرنىڭ ۋە خوشنا ئەللەر بىلەن بېرىش كېلىش،ئۆز-ئارا تىبابەتچىلىك،پەن-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ،ئىجتىھاتى مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەر بولۇپمۇ خەنزۇ،مۇڭغۇل،زاڭزۇ قاتارلىق خەلقلەرنىڭ تىبابەت ۋە دورىگەرلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەن،ھەمدە ئۇلارنىڭ تىبابەتچىلىك ئىلمىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك نەزەرىيىسىنى بېيىتقان شۇنىڭدەك چەتئەللەرگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق قەدىمى يۇنان،پارىس،ھىندى تېبابەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.ھەمدە ئىلغار تەجرىبىلەرنى قۇبۇل قىلىش ئۇنى ئۆزگەرتىپ مىللىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىبابەت مەزمۇنىنى بېيىتقان.ئۇيغۇر تېبابىتى تەرەققي قىلىش جەريانىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئەگىرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ نۇرغۇن ئىسىق-سۇغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.بەزى زامانلاردا تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن بولسا بەزى زامانلاردا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خاراب بۇلۇپ يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان لېكىن ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسلىدە ماددىي بىلىملەرنى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئاساس قىلغان ئىلمىي ھەقىقەت بولغاچقا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتماي خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ھىمايىسىگە ئىگە بۇلۇپ ھەمدە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك سەۋىيىگە يەتكەن .[0][1]

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button