ئاياللارساغلاملىقى

ھەيز كۆرۈش ھەققىدە چۈشەنچە

ھەيز- بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئايدا بىر قېتىم سويۇلۇپ چۈشۈپ قانىشى ھەيز دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى قېتىملىق ھەيزنىڭ بىرىنچى كۈنلىرى ئارىلىقتىكى ۋاقىت ھەيز دەۋرى بولۇپ، ئادەتتە 28-30 كۈن ئارلىقتا بولىدۇ. ھەيز مەزگىلى 3-7 كۈن بولۇپ بۇرۇن ياكى كېيىن بولسا ھەمدە داۋاملىق شۇ خىل ھالەتنى ساقلاپ كەلسە، ئەمما باشقا يېقىمسىزلىنىش ھالەتلىرى بولمىسا، يەنىلا نورمال ھېسابلىنىدۇ. ھەيزنىڭ داۋام قىلىشى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ.

بىرىنچى قېتىملىق ھەيزنىڭ قان مىقدارى تەخمىنەن 30-50 مىللىتىر بولۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنلىرى بىر ئاز كۆپىيىپ، كېيىن تەدرىجىي ئازلايدۇ. ھەيز قېنى ئىشقارلىق، رەڭگى توق قىزىل، تۇراقسىز بولۇپ، ئۇيۇمايدۇ، ئۇنىڭغا سويۇلۇپ چۈشكەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ پارچىلىرى، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ۋە سويۇلۇپ چۈشكەن جىنسىي يول ھۈجەيلىرى بولىدۇ. تۇنجى ھەيز 11 ياشتىن 18 ياش ئەتراپىدا باشلىنىدۇ. كۆپىنچە 13- 15 ياشلاردا كېلىدۇ.

بەزى قىز- ئاياللاردا ھەيز دەۋرىدە قورساقنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى ۋە كۆكسى چىڭقىلىش، ئوڭاي چارچاش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇيقۇچانلىق، قەۋزىيەت، بەل، توققۇز كۆز قىسمى تېلىش، قورساقنىڭ ئاستى قىسمىغا ئېغىر نەرسە كەپلىشىۋالغاندەك بولۇش ۋە كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ھەيز مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىگىدىن يوقىلىدۇ. ھەيز ئادەتتە قىز- ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

 

ئابابەكرى راخماننىڭ ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كېتابىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button