لوقمان ھېكىم تېۋىپلىقتىمۇ شۆھرەت قازانغانىكەن :
ھىرات پادىشاھى باشقىلاردىن « لوقمان ھېكىم بىلىملىك، ئەقىللىق، تەدبىرلىك دانا كىشى » دېگەن تەرىپلەرنى ئاڭلاپ، زەردىسى قايناپ : « ئۇ شۇنچىلىك داڭلىق ئادەم بولسا، ئۇنىڭ كارامىتىنى مەن بىر كۆرەي… ئۇنى چوڭقۇر زىندانغا تاشلايمەن، ئۇ تەدبىرلىك بولسا، ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشلىتىپ چىقىپ كۆرسۇن» – دەپتۇ – دە، ئاتارمەن -چاپارمەنلىرىنى توپلاپ، چوڭقۇر بىر زىندان قازغۇزۇپتۇ. زىندان پۈتكەن كۈنى لوقمان ھېكىمنى ئوغلى بىلەن تۇتۇپ كېلىپ، ئىككىسىنى زىندانغا تاشلىۋېتىپتۇ ۋە زىندانننىڭ ئاغزىنى يوغان بىر ياپىلاق تاش بىلەن ئېتىپ، تاشنى بىر نەچچە غېرىچ قارا چىلان توپا بىلەن كۆمۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە زىرائەت تېرىپ، ئىزدەپ تاپقۇسىز قىلىۋېتىپتۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، شاھ ۋاپات بوپتۇ، پادىشاھنىڭ ئوغلى تەختكە چىقىپتۇ. لوقمان ھېكىم شۇ پېتى زىنداندا قاپتۇ،
بىر كۈنى پادىشاھ بېلىق يەپ ئولتۇرۇپ، ئېھتىياتسىزلىق قىلغانلىقتىن گېلىغا بېلىق قىلتىرىقى تۇرۇپ قاپتۇ – دە، نە ئۇيان – نە بۇيان ماڭماي، سارغىيىپ ئۆلەر ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ.
ئۇنىڭ ئوردا تېۋىپلىرى ۋە شەھەر ھۆكۈمالىرى ھېچقانداق داۋا تاپالماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ياشانغان كىشىلەرنى يىغىپ :
بۇنىڭغا قانداق داۋا بار ؟ – دەپ سورىغانىكەن، بىر مويسىپىت بوۋاي تۇرۇپ:
— ھەئە … ئامال بار لوقمان ھېكىم بولسا، بۇنىڭغا داۋا تاپاتتى، – دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ:
— ئۇ قەيەرگە كەتتى؟ – دەپتۇ.
— ئۇنى ئاتىلىرى ئوغلى بىلەن قوشۇپ زىندانغا تاشلىۋەتكەنىدى. زىنداننىڭ ئاغزىنى تاش بىلەن، ئۇنىڭ ئۇستىنى توپا بىلەن كۆمۈپ، زىرائەت تېرىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭغا بىر نەچچە يىل بولۇپ كەتتى، – دەپتۇ.
— ئۇنداقتا ئۇ يەرنى پەرق ئېتەلەمسىز؟
— پەرق قىلىمەن، ئۇ يەرنى بىلىمەن!
— ئۇ ئەۋلىيادەك، شاپائەتلىك ئۆلىما ئىدى، ھايات بولۇشى ئېھتىمال، ھەر نېمە قىلىپ تاپايلى، – دېيىشىپتۇ ئوردا ئەھلىمۇ.
شۇنىڭ بىلەن زىندان كولانغان يەرنى تېپىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ھېلىقى مويسىپىت بوۋاينى تەكشۈرۈپ بېقىشقا چۈشۈرۈپتۇ.ئۇ بوۋايمۇ لوقمان ھېكىم بىلەن تەڭتۇش بىر ھۆكۈما ئىكەن. بوۋاي قاراڭغۇ زىنداننى ئۇيان – بۇيان ئىزدەپ، بىر قۇرۇق سۆڭەك تېپىپ قايتىپ چىقىپتۇ ۋە :
مەن بىر ئۇستىخان تاپتىم، يەنە بىرىنىڭ سۆڭىكى يوق، ئۇنى ئىزدەشكە دەرمانىم يەتمىدى، ئەتراپىلق تەكشۈرەلمىدىم، – دەپتۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر دانىشمەننى چۈشۈرۈپتۇ.
دەسلەپ چۈشكەن بوۋاي :
— ئەگەر تاپالىساڭ، تېنى بولسا سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز قول تەككۈزمە. كېيىن مەن چۈشىمەن، سەن پەقەت بار – يوقلىقىنى بىلىپ چىق ! – دەپتۇ.
بۇ قېتىم چۈشكەن ئادەم لوقمان ھېكىمنىڭ تېنىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ، .ئەمما ئۆلۈك ياكى تىرىك ئىكەنلىكىنى بېلەلمەي، تەننىڭ پۈتۈنلۈكىنى خەۋەر قىلىپ چىقىپتۇ.
دەسلەپ چۈشكەن بوۋاي چوڭ خالتا شەكىلدە تور ياساپ، قاۋۇل ئىككى يىگىتنى بىللە ئېلىپ چۈشۈپتۇ، ئۇلار زىنداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا يەتكۈدەك شوتا ياساپ، بىر ئادەم ياتقۇدەك ؛ئورۇن تەييارلاپ، لوقمان ھېكىمنىڭ تېنىنى شۇ ئورۇنغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپتۇ. قاراڭغۇلۇقتىن بىراقلا يۇرۇقلۇققا چىقارماپتۇ ، ئاندىن كېيىن،لوقمان ھېكىمنىڭ تېنىگە بىر تامچە شاراب تامدۇرۇپ، ئۇنىڭ جېنى بارلىقىنى بىلىپتۇ، بوۋاي قايتىپ چىقىپ:
— زىنداننىڭ ئاغزىغا چوڭ بىر قازان ئورۇنلاشتۇرۇپ تاماق پىشۇرۇڭلار، ھەر خىل تاماقلارنىڭ پۇرۇقى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرسۇن. بىر قانچە كۈن كۆزىتەيلى، بۇنىڭدىن بىر مەنپەئەت چىقار، – دەپتۇ.
بىر كۈندىن كېيىن بوۋاي لوقماندىن :
— ئەھۋالىڭىز قانداق ؟ – دەپ سوراپتۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر قۇشۇق پىشقان سۈت بېرىپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن لوقمان مىدىرلاپتۇ – دە :
— تاماق ئۈچ كۈن پىشۇرۇلسۇن، تاماق ھىدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلۇپ تۇرسۇن، – دەپتۇ – دە ، باشقا گەپ قىلماپتۇ.
زىنداننىڭ ئاغزىدا ئۈچ كۈن تاماق پىشۇرۇلۇپتۇ، لوقمان ھېكىمگە پات – پات بىر قۇشۇق شەربەت، بىر قوشۇق سۈت بېرىپ تۇرۇلۇپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن لوقمان ھېكىم سۆزلىگۈدەك ھالەتكە كېلىپتۇ. يۇقىرىقى تەجرىبىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا بوۋاي لوقماندىن ئۆگەنگەنىكەن.
— كۈن چۈشمەيدىغان ئۆيگە ئاچىقىڭلار، – دەپتۇ لوقمان ھېكىم تۆتىنچى كۈنى زىنداندىن چىقىرلىپتۇ ۋە ئۆز تەلىپى بويىچە ھەرخىل تائاملاردىن ئۆلچەم بىلەن بېرىلىپ تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى لوقمان ھېكىم :
— ئون بەش – ئون تۆت ياشلاردىكى يىگىرمە قىز، يىگىرمە ئوغۇل ئەكىلىڭلار، بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇل نۆۋەت بىلەن كېلىپ مېنىڭ تېنىمنى سىيلاپ تۇرسۇن، – دەپتۇ.
لوقمان ھېكىمنىڭ بۇ تەلىپىمۇ ئورۇندىلىپتۇ. سەۋەبى، ياش بالىلارنىڭ ھارارىتى تەنگە سىڭگەن ئۇزۇن يىللىق زەرداپنى قايتۇرىدىكەن، قىرىق بالا ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەت بولۇپ بۇ ئىشنى يىگىرمە كۈن داۋاملاشتۇرۇپتۇ، بىراق بالىلارنىڭ قېنى قېچىپ چىرايى سارغىيىپتۇ.
قۇۋۋەتلىك تائاملار بىلەن يەتتە كۈن غىزالانسا، بالىلار ئۆز ئەسلىگە كېلىدۇ، – دەپتۇ لوقمان ھېكىم،
دېگەندەك بالىلارمۇ ئەسلىگە كەپتۇ. لوقمان ھېكىم سەللىمازا تۈزىلىپ كېتىپتۇ، لوقمان ھېكىمنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغاندىن كېيىن، پادىشاھ :
— ھۆرمەتلىك ئۇستازنىڭ ماڭا قىلىدىغان داۋاسى بارمىكىن ! – دەپتۇ. لوقمان ھېكىم ؛
— بار، يالغۇز ئوغۇللىرىنىڭ قېنىدىن باشقا داۋا يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىنى بوغۇزلاپ قېنى ئىچسىلە، قىلتىرىق چىقىپ كېتىپ تەنلىرى سالامەت بولىدۇ، – دەپتۇ.
يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىشقا چىدىمىغان پادىشاھ تېخىمۇ ھەسرەتكە چۆمۈپتۇ.
ئوردا ئەھلى :
— سىلى ئۆلسىلە تېپىلمايلا، بىر بالا سىلى ئۈچۈن قۇربان بولسا، خۇدا يەنە بېرەر، شۇڭلاشقا ئوغۇللىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلسىلا ئەيىب بولماس، – دېيىشىپتۇ.
ئامالسىز قالغان پادىشاھ ئاخىر بالىسىنى بوغۇزلاپ قېنىنى ئىچىشكە ماقۇل بوپتۇ.
لوقمان ھېكىم كېلىپ شاھزادىنى كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپتۇ. شاھزادە پادىشاھنىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىلىپتۇ. لوقمان ھېكىم شۇ چاغدا :
— شاھزادىنى بۇ يەردە بوغۇزلىماي، ئوردىنىڭ ئالدىغا بىر چېدىر تىكىڭلار، شاھزادىنىڭ ئاۋازىنى پادىشاھ ئاڭلاپ تۇرسۇن، – دەپتۇ – دە، چېدىرغا شاھزادىنى ئەكىرىپتۇ، ئاندىن پادىشاھقا كۆرسەتمەي، بىر ئۆچكە ئالغۇزۇپتۇ، بالىنىڭ يۈزىنى يېپىپ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ، ئۆچكىنى بۇغۇزلاپتۇ. . .
ئۆچكىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى پۈتۈن جاھاننى بىر ئاپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ بالىنى بۇغۇزلىدى دەپ ئويلاپ :
« ئاھ دۇنيا ! بىر جېنىم ئۈچۈن يالغۇز ئوغلۇمنىڭ قېنىنى تۆكتۈم – ھە ! – دەپ دەھشەتلىك ۋاقىراپتۇ – دە، ھوشىدىن كېتىپتۇ.
پادىشاھ « ئاھ ! » دېگەندە، گېلىدىن قىلتىرىق ئېتىلىپ يەرگە چۈشكەنىكەن. . .
لوقمان ھېكىم شاھزادىنى ئەگەشتۈرۈپ، شاھنىڭ ئالدىغا سالام بەرگىلى كىرىپ كېلىپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران بولغان پادىشاھ :
— بۇ نېمە كارامەت، ئوغلۇم سالامەت ئىكەنغۇ؟! – دەپ چەكچىيىپ قاراپتۇ .
لوقمان ھېكىم :
— مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىشنى ئاشۇنداق ھەسرەتلىك تەدبىر بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، گېلىڭىزدىن قىلتىرىق چۈشمەيتتى، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
– ھۆرمەتلىك ھېكىم، ئاتامنىڭ سىزگە زۇلۇم سېلىشى ئىككىلا دۇنيادا كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئىكەن، رەنجىمەڭ! – دەپ ئەپۇ سوراپتۇ پادىشاھ.
شاھ لوقمان ھېكىمدىن ئىنتايىن رازى بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ھۆرمەت قىلىپ ئۆتۈپتۇ.
ھېكمەت :
ھەرقانداق ئىشنى تەدبىر بىلەن ئىشلىسەڭ، تەقدىرىڭ ئۆز قولۇڭدا بولىدۇ. ئەكسىچە ئىش قىلساڭ، باشقىلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىسەن.
تېببىي ۋە تەربىيىۋى ھېكمەتلەر ناملىق كېتابتىن ئېلىندى .