ساغلام يىمەكلىكساغلاملىق بىلىملىرى

تۇخۇم ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتىكى ئەپچىل رېتسىپلار

يۇتقۇنچاق–كېكىردەك ئىششىقىنى داۋالاش : بىر دانە يېڭى تۇخۇم ، 13 گىرام ئاق شېكەر ، 25 گىرام ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ، قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ، يۇتقۇنچاق–كېكىردەك ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ .
   ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش : بىر تۇخۇمنى قۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئۈچ گىرام زەمچە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ بىر قېتىم ئىچسىلا ئىچى سۈرۈپ ئۇزۇنغىچە توختىمىغانلارغا شىپا بولىدۇ .
   ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالاش : پاكىز يۇيۇلغان تۇخۇم شاكىلىنى ئۇۋۇتۇپ كۈندە ئۈچ ۋاخ ، ھەر قېتىمدا 1.3–3 گىرامنى تاماقتىن بۇرۇن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ .
   قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش : ئالتە گىرام تۇخۇم پاراشوكىنى ئازراق تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە ، قان تۈكۈرۈشكە شىپا بولىدۇ .
   ئۇرۇقدان خالتىسى ھۆل تەمرەتكىسىنى داۋالاش : تۇخۇم مېيىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم سۈرۈپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
   شاپاق يارىسىنى داۋالاش : تۇخۇم مېيىنى سۈرۈپ بەرسە ، شاپاق يارىسىغا شىپا بولىدۇ .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button