ئوزۇقلۇق ئىلمى

تەبىئەتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار

«تەبىئەت» ياكى ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تەبىئەتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ.
ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تەسىرىدىن ئومۇمىي بەدەندە ياكى مەلۇم بىر ئەزادا ئاجىزلاش يۈز بەرسە نورمال ماددا ئالمىشىش سۇسلىشىپ ئورگانىزمدا تۈرلۈك كېسەللىكلەر (ئومۇمىي بەدەن زەئىپلىشىش، مېڭە ئاجىزلىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، بۆرەك زەئىپلىشىش، ئۆپكە سىلى، بالىياتقۇ قاناش، قان ئازلىق، سۈت ۋە مەنى كەملىك، باھ ئاجىزلىق، تەمرەتكە، قارا داغ، خانازىر، راك، رەئىشە، پالەچ، ھەر خىل ئىششىق، يىرىڭلىق جاراھەت، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، بەل ۋە پۇت ئاغرىش، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئورۇقلاش، ھەر خىل سىل كېسەللىكلىرى…) پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. تەبىئەتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنىڭ تۈرى ھەر خىل بولغاچقا، ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. تەبىئەتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. بۇ خىل دورىلار «تەبىئەت» ياكى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، قان كۆپەيتىشتەك تەسىرلەرنى بېرىدۇ. بۇ خىل خۇسۇسىيەتتىكى دورىلار تەبىئەتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى ئەنجۈر ، شەربىتى رەيھان، ئۈجمە شەربىتى، ئۈزۈم شەربىتى، شەربىتى ئەنجۈر ، ياڭاق مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى، قوغۇن مۇرابباسى، قىزىلگۈل گۈلقەنتى، ئالما چېچىكى گۈلقەنتى، مەجۈنى ماددەتۇلھايات ، مەجۈنى ماددەتۇلھايات ، مەجۈنى ماددەتۇلھايات ، مەجۈنى ماددەتۇلھايات ، مەجۈنى ھالۋائى بەيزە ، مەجۈنى سۆئلەب ، مەجۈنى ماددەتۇل قۇدرەت، مەجۈنى زەنجىۋىل، مەجۈنى ئەفئى، مەجۈنى مۇقەۋۋى، جاۋارىش مۇقەۋۋى، جاۋارىش زەر ئۇنى مۇقەۋۋى، ئىترىفىل كەبىر ، لوئوقى پىياز، ھەببى جەدۋار ، ھەببى جەدۋار ، قۇرسى زەر ئۇنى ھەمدە ئەرقى مائۇللەھمى مۇرەككەپ، مەجۈنى لوبۇبى كەبىر ، مەجۈنى ھالۋائى بەيزە قاتارلىقلار.


# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button