ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

سەرسام ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدىن مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ : سىراجىئەھمەت ھاجى
    سەرسام پارىسچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى مېڭە ياكى مېڭە پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى دېگەندىن ئىبارەت. شۇڭا سەرسام ئۇيغۇر تىلىدامېڭە ياللۇغى ياكى مېڭە پەردە ياللۇغى دېگەن مانادا قوللىنىلىدۇ.
     سەرسام  مېڭە پەردىسى ياكى مېڭىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ ياللۇغلىنىشى ياكى بەدەندىكى باشقا ئەزالارنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بۇس – بۇخاراتلارنىڭ ھەرخىل يوللار ئارقىلىق مېڭىگە يېتىپ بېرىپ، مېڭە مەركىزىنى غىدىقلىشى نەتىجىسىدە مېڭىنىڭ خىزمىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قالايمىقانلىشىپ بەدەندە جىددى ھالەتتىكى غەيرى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان،  بالدۇر تونۇپ جىددى داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان ياكى ئەزالارنىڭ پالەچلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جىددى خاراتېرلىك كېسەللىكدىن ئىبارەت. بۇ  كېسەللىك خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سەرسامى ھەقىقى ۋە سەرسامى غەيرى ھەقىقى دەپ ئىككى چوڭ تىپقا بۆلۈنىدۇ.
 سەرسامى ھەقىقىدە مېڭە ياكى مېڭىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ تۈزۈلىشى نورمال بولۇپ ياللۇغلىنىش بولماستىن، بۇس – بۇخاراتلارنىڭ ئۆتكۈر غىدىقلىشى بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە قالايمىقانلىشىش بولىدۇ.
  كېسەللىك سەۋەبى :
   سەرسامى ھەقىقىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار : 1 ) قان خىلىتىنىڭ  ئۆزگىرىشى يەنى قاننىڭ  چىرىشى، ئۇنىڭغا جاراسىم ۋە باشقا ماددىلارنىڭ ئارىلىشىپ  مېڭە ياكى مېڭە پەردىلىرىگە تەسىر قىلىشىدىن، يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئامىلنىڭ سەۋەبىدىن بولغان سەرسام سەرسامى دەمەۋى ( قۇرانتىس ) دەپ ئاتىلىدۇ.
   2 ) سەپرا خىلتىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنى سان – سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ غەيرى ھالەت شەكىللەندۈرگەن ئۆتكۈر سەپرا سۇيۇقلۇقىنىڭ مېڭە ياك مېڭە پەردىلىرىنى غىدىقلىشىدىن يەرلىك ئورۇن ياللۇغلىنىدۇ. بۇ خىل ئامىلنىڭ سەۋەبىدىن بولغان سەرسام سەرسامى  سەپراۋى ( قۇرانتىس خالىس ) دەپ ئاتىلىدۇ.
    3 )  بەلغەم خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنى سان – سۈپەت ئۆزگىرىپ مىقدارى ئاشقان بەلغەم مېڭە ياكى مېڭە يوللىرىغا تەسىر قىلىشىدىن، يەرلىك ئورۇندا ياللۇغ پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئامىلنىڭ سەۋەبىدىن بولغان سەرسام سەرسامى بەلغەمى ( لىسىرغىس ) دەپ ئاتىلىدۇ.
    4 ) سەۋدا خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنى مىقدار ۋە كەيپىيات جەھەتتىن ئېشىپ كەتكەن سەۋدا سۇيۇقلۇقىنىڭ مېڭە ياكى مېڭە پەردىلىرىگە  تەسىر قىلىشىدىن، يەرلىك ئورۇن ياللۇغلىنىدۇ. بۇ خىل ئامىلنىڭ سەۋەبىدن بولغان سەرسام سەرسامى سەۋداۋى دەپ ئاتىلىدۇ.
   سەرسامى غەيرى ھەقىقىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار : سەرسامنىڭ بۇ خىل تىپى بەدەندىكى باشقا ئەزالار خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ياكى باشقا ئۆتكۈر كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بەدەندە پەيدا بولغان بۇس – بۇخاراتلارنىڭ  مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
   كېسەللىك ئالامىتى :
   سەرسام كېسەللىكىنىڭ بەدەندە ئىپادىلىنىدىغان ئالامەتلىرى كېسەللىك تىپى ۋە پەيدا بولۇش سەۋەىبنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى ھەقىقى سەرسامدا كېسەللىك قان خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدن بولغان بولسا  بىمارنىڭ بېشى ئېغىر، كۆز ئېقى ۋە چىرايى قىزىل بولىدۇ. كۆزىدىن دائىملىق ياش ئېقىپ تۇرىدۇ، بەدەن تېمپىراتۇرىسى داۋاملىق يۇقىرى بولىدۇ. بىمارنىڭ تىلى يىرىك بولۇپ، بۇرنىدىن قان كېلىدۇ، تومۇرى تېز، چوڭ سالىدۇ. بىمار ئورۇنسىز كۈلۈپ. كۆپ جۆيلۈيدۇ، يۇرۇقلۇققا قارىالمايدۇ. تېزلىك بىلەن تۇيۇقسىز قۇسىدۇ، قۇسۇق ماددىسى ئېغىزدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىدۇ، بەزى بىمارلارنىڭ بىر كۆزىدىن توختىماي ياش ئاقىدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ يامانلىشىشىغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر.
    كېسەللىك سەپرا خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن بولغان بولسا، بىمارنىڭ قىزىتمىسى ناھايىتى يۇقىرى، بېشى يىنىك، ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ، بۇرۇن چاناقلىرى ۋە ئېغىز قۇرغاقلىشىدۇ، كۆز ئېقى ۋە چىرايى سارغۇچ بولىدۇ. تومۇرى تېز سوقىدۇ، مىجەزى چۇسلىشىپ، ئۆزلىكىدىن ئاچچىقلىنىپ بىئارام بولىدۇ، تولا جۆيلىيدۇ.
   كېسەللىك بەلغەن خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان بولسا، بىمارنىڭ قىزىتمىسى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، تىلى، كۆز جىيەكلىرى ۋە قاش ھەرىكەتلىرى سۇسلىشىدۇ. تىلغا ئاق گەز باغلىغان بولۇپ، سۆزلەش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ. سىرتقى شەرئىلەرنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، خامۇش ھالەتتە كۆپ ئۇخلايدۇ. ئېغىزىدن دائىم شالا ئاقىدۇ، تومۇرى تەرتىپسىز سالىدۇ.
    كېسەللىك سەۋدا خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىدن بولغان بولسا، بىمار قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. ئۇخلىغاندا تولا جۆيلۈپ بىئارام بولىدۇ. ئۇيۇقسىزلىق ئېغىر بولىدۇ. يوقىلاڭ ئىشلارغىمۇ تولا يىغلاپ ئۆزىنى ئاۋارە قىلىدۇ. قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بەدەنلىرى قۇرغاقلىشىدۇ، كۆزىنى يۇمالمايدۇ. تۇرۇپ -تۇرۇپ قەرەلسىز باش ئاغرىيدۇ، تومۇرى ئىنچىكە ۋە تەرتىپسىز سوقىدۇ.
    غەيرى ھەقىقى سەرسامدا بىمارنىڭ مېڭە ياكى مېڭە پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش ئەھۋالى بولمايدۇ، ئەمما ئومۇمىي بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزادىكى كېسەللىكنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان بۇزۇق گازلار مېڭىگە ئۆرلەپ، مېڭە ۋە مېڭە پەردە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆزكۈر غىدىقلىغانلىقتىن مېڭە ۋە مېڭە پەردىلىرىنى باشقۇرۇش، تەڭشەش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بەدەندە ھەقىقى سەرسامنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاش جۆيلۈش، قالايمىقان سۆزلەش، ئەقلى تەپەككۈرى بۇزۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدۇ.
   داۋلاش :
    سەرسامنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەلنىڭ دىئاگنوزى ۋە سەۋەبىنى ئېنىق ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى سەۋەبتىن بولغان كېسەللىكنىڭ ئۆزىگە قارىتا دورا ئارقىلىق داۋالاش، پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، داۋالاشتا ھەم تېز ھەم يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى، سالامەتلىكىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ كېسەللىكنىڭ بەدەندە قالدۇرىدىغان ھەر خىل يامان ئاسارەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    كېسەللىك قان خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان بولسا، قاننى تەڭشەش ئۈچۈن بىمارغا بىر قانچە كۈن مېۋىلەرنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇلىرىنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئەينالۇ، تەمىرى ھىندىلەرنىڭ شىرىسىگە مۇۋاپىق مىقداردا تەرەنجىبىن قېتىپ ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم. بۇنىڭغا قوشۇپ پاچىقىغا قەرەللىك ھىجامەت قويۇش كېرەك، ئاندىن مېڭىدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ھارارەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، قىزىلگۈل ئەرەقى، سىرىكىلەرنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باش قىسمىغا چېپىپ، نېلۇپەر، بىنەپشىلەرنى بۇرنىغا پۇرۇتۇش، ھۆل قاپاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى تەرخەمەك، يۇمغاقسۈتلەرنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈل يېغى بلىەن ئارىلاشتۇرۇپ شېشىگە قاچىلاپ بۇرنىغا پۇرۇتۇش، ئارپا مايسىسى، قارا سۈگەت يوپۇرمىقى، ئاق لەيلى گۈلى، سېمىز ئۆت، كاسىنە مايسىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، دورىلار چىلاشقۇدەك مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە ئومۇمىي بەدەننى يۇيۇندۇرۇش لازىم. چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىيار شەنبەر سۈيىدە كىلىزما قىلىش كېرەك. ئۇيۇقسىزلىق ئەھۋالى بولسا، خەشخاش شەربىتىنى مەلۇم مىقداردا ناۋات قوشۇلغان ئەرەقى بىدىمىشكى بىلەن بىرگە ىستېمال قىلدۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقىغا ئەرەقى گۈل ئىچكۈزۈش لازىم.
    كۈندىلىك ئىستېمال قىلدىغان تامىقىغا ئارپا ئېشىنى ئاساس قىلىش، بىمارنىڭ بەدىنى بەكلا ئاجىز بولسا، ھەر كۈنى ئاقلانغان ئارپا، كۆك ماش، خام قاپاق، پالەك قاتارلىقلار بىلەن تەييارلانغان ئاشقا نادام مېغىزى شىرنىسىنى  ئارىلشتۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.
    كېسەللىك سەپرا خىلىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان بولسا، ئالدى بىلەن بەدەندىكى سەپرانىڭ .ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تەمرى ھىندى، ئەينالۇ، قارا ئۈرۈك، چىلان، سەرپىستان، تەرەنجىبىنلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىلارنى چىلاشقىدەك مىقداردىكى سۇغا چىلاپ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم. ئاندىن بەدەننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، بەدەنگە ھۆلۈك يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تاتلىق ئانار ۋە چۈچىمەل ئانارلارنىڭ سۈيىگەقاپاق سۈيى، تاۋۇز سۈيى، ئەرەقى گۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق ناۋات سېلىپ، ئېرىتىپ ئىستېمال قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، كۆك قاپاقنىڭ لېشى، تەرخەمەك، يەرلىك شوخلا، سۈگەت يوپۇرمىقى، سۈگەت يىلتىزى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سىركە ۋە گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، باش ساھەسىنى يۇيۇش كېرەك. تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئۈچۈن تەرەتنى بوشاشتۇرغۇچى دورىلار بىلەن كىلىزما قىلىش لازىم.
     ئۇيقۇ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوسۇڭ  ئۇرۇقى، خەشخاش پوستى، بابۇنە قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دورىلار چىلاشقىدەك مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە باش ساھەسىنى يۇيۇش كېرەك. زىيادە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ئۈچۈن، خەشخاش شەربىتىنى قائىدە بويىچە ئىستېمال قىلدۇرۇش، بۇنىڭغا قوشۇپ تاۋۇز ئۇرۇقى شىرنىسى، ئىسپىغۇل لۇئابى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 12 مىللىلېتىردىن، ەاۋزىباندىن 60 مىللىلېتىر، ئەرەقى نېلۇپەردىن 120  مىللىلېتىر، قورۇپ سوقۇلغان بالەنگۇ ئۇرۇقى تالقىنىدىن 10 گرام ئېلىپ، ھەممە دورىلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇرەككەپ دورىلاردىن ئىتتىرىفىل كەشنىيز ئەرەقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.
    كېسەللىك بۇزۇلغان قان ۋە ئۆتكۈر سەپرانىڭ ئورتاق تەسىر قىلىشىدىن بولغان بولسا، بىمارغا قاپاق ئۇرۇقى مېغىزىدىن 25 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 36 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تاسقاپ، سوفۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن، ئارپا سۈيى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلدۇرۇش، سىرتقى تەرەپتىن كۆك تەرخەمەكتىن 60 1گرام، تاۋۇز شاپىقى، كۆك  يۇمغاقسۈت، سۈگەت يوپۇرمىقى، ئاق سەندەل، نېلۇپەر، ئوسۇڭ ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىق دورلارنىڭ ھەر بىردىن 30 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركە، گۈل يېغىغا چىلاپ، بىر كېچە تۇرغۇزۇپ، سۈيىدە باش ساھەسىنى ياغلاش كېرەك.
    كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان تامىقىغا بەدەننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ،بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى تائاملارنى، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەرنى، سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەردىن تەييارلانغان شەربەتلەرنى ئاساس قىلىپ ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم.
    كېسەللىك بەلغەم خىلىتىنڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزگەرگەن بەلغەم خىلىتىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن، بىمارغا بەدىيان يىلتىزى پوستى، كەرەپشە يىلتىزى، رۇم بەدىيان ، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، ئىزخىر يىلتىزى، ئۈستى قۇددۇس قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر كايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، دورا چىلاشقىدەك مىقداردىكى سۇغا چىلاپ، تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ، سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن تەييارلانغان گۈل قەنت ياكى ئىسكەنجىبىن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم. بەدەندىكى بەلغەم خىلتى تولۇق پىشىپ بولغاندىن كېيىن، بەلغەمنى سۈرگۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، ياكى سۈرگۈ دورىلىرىدا تەييارلانغان دورا سۇيۇقلۇقىدا كىلىزما قىلىش كېرەك. ئاندىن كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى داۋالاش كۈنلىرى، سىركىگە گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، باش ساھەسىگە چاپسا ياكى ئاق سەندەلنى قىزىلگۈل ئەرەقىدە سۈزۈپ باز ساھەسىگە چاپسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى .ئىككى كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، يۇقىرقى دورىلارغا ئىزىپ تەييارلانغان مەلۇم مىقداردىكى قۇندۇز قەھرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە باش ساھەسىگە چېپىش لازىم. بىمارنىڭ كېسەللىكى سەل ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەندىن كېيىن، قۇندۇز قەھرى، ئاقىر قەرھا، يالپۇز، تاغ يالپۇزى، توغرىغا قاتارلىق دورىلارنى بىرلىككتە سىركىگە چىلاپ، تاتقۇنى چىقارغاندىن كېيىن، مەلۇم مىقداردا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، باش ساھەسىگە چېپىش كېرەك. ئاندىن مېڭىدىكى كېسەللىك ماددىلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن، كۇندۇش، قۇندۇز قەھرى، قارامۇچ قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تاسقاپ، سوفۇپ تەييارلاپ، بۇرنىغا پۇرۇتۇش لازىم.
    يۇقىرقى دورىلاردىن باشقا بىمارغا سەبرى، شەھمە ھەنزەل، تۇربۇت، سوقمۇنىيا، غارىقۇن، مەستىكى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تاسقاپ، بەدىيان سۈيى بىلەن ھەر سانىسى نوقۇت چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلاپ، بىمارنىڭ روھى ھالىتىگە ئاساسەنكۈندە بىر قېتىم يەتتە دانىدىن 15 دانىغىچە، قايناقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك. بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، بىخ كەبىر، پىننە، قەنتەرىيۇن، ئىزخىر قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن ھاجەت مىقداردا ئېلىپ، بىر لېتىر سۇغا بىر كېچە چىلاپ، سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، بۇ دورا سۈيىگە مەلۇم مىقداردىكى زاراڭزا مېغىزى شىرنىسى ۋە سوقۇپ ئۇپا ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن شەھمە ھەنزەل، سوقمىنىيا، نەمەك ھىندى، توغرىغا قاتارلىق دورىلارنىڭ تالقانلىرىدىن مەلۇم مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ، كىلىزما قىلىش كېرەك.
    بىمارنىڭ كۈندىلىك غىزاسىغا بەدەندىكى بەلغەم ماددىسىنى تەڭشەپ، ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى، ھارارەتنى پەيدا قىلىپ، بەدەنگە قۇۋۋەت بەرگۈچى سىڭىشلىك تائاملارنى تەييارلاپ بېرىش كېرەك.
     كېسەللىك سەۋسا خىلىتىىنڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان بولسا، ئالدى بىكەن ئۆزگەرگەن سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن بىمارغا گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، بىستى پايەنچ، سەرپىستان، تەرەنجىبىن قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقدردا ئېلىپ، دەملەپ ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك. ماددا وىشقاندىن كېيىن سەۋدا خىلىتىنى تەنقىيە قىلغۇچى دورىلارنى تەييارلاپ، ئىستېمال قىلدۇرۇپ بەدەننى تازىلاش لازىم. ئاندىن ئومۇمىي بەدەنگە بولۇپمۇ مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش ئۈچۈن، كۆپلەپ ئارپا دەملىمىسى ئىستېمال قىلدۇرۇش، بەدەندىكى كېسەللىك ماددىلىرىنى پارچىلاپ يۇمشۇتۇش ئۈچۈن ئىسكەنجىبىن ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.
    سەۋدا ماددىسى تەڭشىلىپ، كېسەل بىر ئاز ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەندىن كېيىن، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، پىننە، بىنەپشىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن ھاجەت مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تاسقاپ ئادەم سۈتى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ، باز ساھەسىگە چېپىش، بابۇنە، قىزىلگۈل، پىننە، ئىكلىكمىلىك، خەشخاش يوپۇرمىقى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، دورا تىرىپلىرىنى باشقا چېپىپ، بىنەپشە يېغى، بابۇنە يېغى، قاپاق ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم بىرىگە ئادەم سۈتى ئارىلاشتۇرۇپ، باش ساھەسىنى ياغلاش كېرەك. بۇنىڭغا قوشۇپ ئەپتىمۇن، بىستى پايەنچ، غارىقۇن، شەھمە ھەنزەل، سوقمۇنىيا، لاچىۋەرد، ھەببى بىلسان قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداراد ئېلىپ. سوقۇپ تاسقاپ، كاسىنە سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، ھەر دانىسى نۇقۇت چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم بەش دانىدىن توققۇز دانىغىچە ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئەپتىمۇن، قارا ھېلىلە، ھېلىلە كابىلى، سانا، شاھتەررە، بادرەنجى بۇيا، گاۋزىبان، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، بىستى پايەنچ، ئارپا قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، دورىلار چىلاشقىدەك مىقداردىكى سۇغا چىلاپ، قاينىتىپ سۈزۈپ، بۇنىڭغا مەلۇم مىقداراد قارا شېكەر، ئىرىتىلگەن خىيار شەنبەر شىرنىسى، بادام يېغى گۈل يېغى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىلىزما قىلىش لازىم ( بۇ ئىككى خىل نۇسخىنىڭ سەۋدا خىلىتىنى تازىلاغتىكى ئۈنۈمى يۇقىرى ).
    كېسەللىك بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ ئورتاق ئۆزگىرىپ تەسىر قىلىشىدىن بولغان بولسا، كەپتەر ياكى توخۇنى بۇغۇزلاپ، قارنىنى يېرىپ ئۇنى قىزىق ھالەتتە بىمارنىڭ باش ساھەسىگە تېڭىش لازىم. گۈل بىنەپشە. ئۈستى قۇددۇس، نېلۇپەر، بادىرەنجى بۇيا، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تۇخۇمى خۇببازى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئالتە گرامدىن، ئەنجۈردىن ئۈچ دانە، سەرپىستان، ئۇرۇقسىز ئۈزۈملەرنىڭ ھەر بىرىدىن 11 دانەدىن، ئەرەقى گاۋزىبان، ئەرەقى بەدىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 120 مىللىلېتىردىن ئېلىپ، دورىلارنى ئارەىلاشتۇرۇپ چىلاپ، قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىنى 36 مىللىلېتىر بىنەپشە شەربىتى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم. مۇرەككەپ دورىلاردىن خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، خېمىرى گاۋزىبان ساددە قاتارلىقلارنى ئەرەقى گۈل بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم.
    غەيرى ھىقىقى سەرسامنى داۋالاشتا، كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق ئايرىپ، شۇ سەۋەبكە قارىتا داۋالاشنى ئاساس قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بەدەننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىمارغا مېۋە سۇلىرى ۋە مېۋە شەربەتلىرىنى ئىچكۈزۈش، تەمرى ھىندى، ئەرەقى نېلۇپەر ياكى گۇلاپقا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلدۇرۇش،  بۇلارغا قوشۇپ مۇرەككەپ دورىلاردىن ئىتتىرىفىل كەشنىيز، ئەرەقى گاۋزىبان ساددە، داۋائىل مىشكى بارىد قاتارلىق دورىلارنى كۈندە قائىدە بويىچە ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكۇمى ئىلمىي ژۇرنىلى ( 1999 –يىللىق 1 – ئاي نەشىرىدىن ئېلىندى. )

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button