ئاياللارساغلاملىقى

ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا بولغان تەسىرى

تۇغۇت ئۆزى يەڭگىش بىلەن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەتتە ھامىلىدارلارنىڭ بويى 150 سانتىمېتىردىن تۆۋەن، ھامىلە چوڭ؛ ئانىنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمىگەن، باش سۈيى يېرىلىپ كەتكەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىدا ئەگەشمە كېسەللىكلەر بولغان ئەھۋاللاردا ھامىلىدار ئاياللار ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىيدۇ. ھازىر كۆپىنچە ياش ئانىلار تولغاقتىن، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يەڭگىيەلەيدىغان شارائىتتىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا بولغان تەسىرىنى ئويلاشمايۋاتىدۇ.
 مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسى ئائىلىلەشكەن تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ئاينىسا ئىمىندىن ئىگىلىشىچە، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا، ئانىنىڭ بەدىنى زەخمىلىنىدىكەن، ئۈچەي بىلەن بالىياتقۇ، بالىياتقۇ بىلەن قورساق پەردىسى چاپلىشىۋېلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەمدە ئىككىنچى قېتىم ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بالىياتقۇ مۇسكۇل تالالىرى زەخىملىنىپ، بالىياتقۇنىڭ نورمال قىسقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۈچەي ھەرىكىتى ناچارلىشىپ، ئۈچەيلەر تولغىشىپ، چوڭ تەرەت راۋان بولماي، قايتا جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا سەۋەب بولىدىكەن. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلار، بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولىدىكەن. ئاسانلا زىققا كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى ناركوز ھامىلىنىڭ نەپەسلىرىگىچە تەسىر قىلىپ، ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button