تارىخى شەخىسلەر

ئەبۇ ئابدۇللا خارازىمى

ئەبۇ ئابدۇللا خارازىمى خارازىم شەھرىدە تۇغۇلغان ۋە باغدادتىكى پەلسەپە ھېكمەت ئوردىسىغا باشلىق بولغان. رىيازىياتتا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسىرىنى روبىرىت شىتىر دېگەن ياۋرۇپالىق كىشى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. 1941- يىلى ۋە 1915-1937- يىللىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەنگىلىيەدە بېسىلغان. خارەزىمنىڭ ھېساب، مەنتىق، ئىلمىي جەبىر، تىبابەت، مۇزىكا، ماتېماتىكا، ئاستىرونومىيە قاتارلىق ئەسەرلەردە مۇھىم ئەسەرلىرى بولۇپ ئۇنىڭدىن زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەنلىرى ئالگىبېرا ۋە ماتېماتىكىدۇر. «مۇفتاھۇل ئۆلۈم» دېگەن كىتابى ئەڭ چوڭ تىببىي لوغەت بولۇپ، ئۇ تېبابەت، پەلسەپە، مەنتىق، ماتېماتىكا، ئاستىرونومىيە، مۇزىكا، خىمىيەگە ئائىت بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى بابى مەخسۇس دورىگەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يالغۇز ۋە مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار ئۇلارنى ئىستېمال قىلىش ۋە ئۆلچەملىرى ناھايىتى ئىنچىكە بېكىتىلگەن. بۇ كىشىنىڭ ئاناتومىيەگە ئائىت كىتابىدا ھەرىكەتلىك تومۇرلار، لىمفا تومۇرلىرى، مۇسكۇللىرى، نېرۋىلار، شىللىق پەردىلەر توغرىسىدا ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان. شۇنىڭدەك سەمىرىپ كېتىش، ئۇستىخانلارنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى، بەرەس، بەھەق، قوبا، جوزام، سەرتان، سەرئى، يەرقان ھەققىدە يازغان قوللانمىلىرى شۇنداقلا يالغۇز دورىلار ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى بار. بۇلۇپمۇ ئۆسۈملۈك ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋە، گۈل- چېچەك، غازاڭ، يىلتىز، رەشتە، پوستى، شىرىسى، سۈتى، يىلىمى قاتارلىقلار ھەققىدە ئايرىم مەلۇمات بەرگەن. بۇ كىتابتىن ھازىرقى تېۋىپلىرىمىز ئوبدان پايدىلنالايدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button