شىپالىق رېتسىپلار

تۇرۇپ تەركىپلىك تەۋسىيە رېتسىپلار

تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق .
تەركىبى : ھەر 100 گرام تۇرۇپ تەركىبىدە 0.6 گرام ئاقسىل، 6 گرام قەنت ، 49 مىللىگىرام ۋىتامىن B1  ، 0.04 گرام ۋىتامىن B2، 0.5 مىللىگرام ۋىتامىنPP ۋە 33 مىللىگرام ۋىتامىن C
بار.
خۇسۇسىيىتى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش ، يەل ھەيدەش، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپىكىنى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىلىشى: تۇرۇپنى خام يەپ بەرسە گال ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. تۇرۇپنى نېپىز يالپاقلاپ ئۈششۈپ قالغان ئورۇنغا كۈنىگە نەچچە قېتىم تاكى قىزىقلىق ھېس قىلغۇچە سۈرىتسە ئۈششۈكنى ساقايتقىلى بولىدۇ. ئاق تۇرۇپنى قاينىتىپ ، سۈيىدە پۇتىنى يۇسا پۇت تەرلەشكە مەنپەت قىلىدۇ. ئاق تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ دائىم ئىچىپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىلدۇ. خام تۇرۇپنى كۈندە ئىككى تالدىن يەپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىلدۇ . خام تۇرۇپنى كۈندە ئىككى تالدىن يەپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بىر كىلوگرام كۆك تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، يالپاقلاپ توغرىغاندىن كېيىن 300 مىللىمېتىر سۇغا سېلىپ ، 130 مىللىمېتىر سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ، پىسەپلىرىنى سۈزۋېتىپ سۈيىگە 200 گرام ساپ ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە ، قان تۈكۈرۈشنى ، يۆتەلنى توختىىدۇ.
كۆك تۇرۇپنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېزىپ 300 مىللىلېتىر ئەتراپىدا سۈينى چقىرىپ ، ئۇنىڭغا  30 گرام ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ.

كۆك تۇرۇپنى سقىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۈيىنى چىقىرىپ ، سۈيىگە باراۋەر مىقدااردا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇنى ئارلاشتۇرۇپ كۈندە  بىر قانچە قېتىم ئىغىزنى چايقاپ بەرسە ، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا ياخشى مەنپەت قىلىدۇ.
سىقىپ چىقىرىلغان 50 گرام تۇرۇپ سۈيىگە نېلۇپەر يوپىرمىقى سۈيىنى ئارلاشتۇرۇپ كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قان ئارىلاش قۇسۇشقا مەنپەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى قېلىنراق يالپاقلاپ ، مەشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قىزىتقاندىن كېيىن ئۈششۈپ قالغان يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئۈششۈكتىن بولغان قىچىشىش، ۋە يېنىكرەك  ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.  يېڭى تۇرۇپنىڭ ئېزىپ چىقىرىلغان  500 گرام سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا بورنىئول ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە 3-4 قېتىم بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ، باشنىڭ يېرمى ئاغرىشقا مەنپەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى خام يەپ بەرسە ياكى 50 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقىنى چالىراق قورىۋېتىپ قايناق سۇ بىلەن دەملەپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
ئېتىزلىققا قىرو چۈشكەندە يۇلۇۋالغان تۇرۇپنى ئېىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، بەلغەملك يۆتەلگە مەنپەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان تۇرۇپتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۋېتىپ ، سۈيىنى سوۋىتىپ كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، تولغاققا مەنپەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى پات- پات ئىچىپ بەرگەندە ، كۆمۈ گازى بىلەن زەھەرلىنىشنى تېزدىن ساقايتقىلى بولىدۇ.
150 گرام تۇرۇپ سۈيىگە 50 گرام سېرىق شېكەر ئارلاشتۇرۇپ كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا يوغان بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، قان بسىم يۇقىرلىقتىن بولغان باش قېيشقا مەنەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇرۇپ ئۇرۇقى سارغايغىچە قورۇپ ، تالقانلاپ، كۈندە 3 قېتىم ھەر قېىمدا 30 گرامدىن ئازراق شېكەر قوشۇلغان قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، ئادەتلىنىش خارەكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلۋېتىپ ، چامغۇر ئۇرۇقىنى تولدۇرۇپ ، ئاغزىنى ئېتىپ، خېمىر بىلەن ئوراپ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، ھەسەل بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن يەپ بەرسە ، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشىرىدۇ. تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزى ھاراققا ئارىلاشتۇرۇپ زەھەرلىك ھاشارەتلەر ۋە يىلان چاققان ئورۇنغا چاپلىسا زەھەرنى ئالىدۇ. ئاغرىق پەسەيىدۇ.
تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چقىرىپ سۈينى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە ، زەھەرلىك ھاشارەتلەر چاقمايدۇ. تۇرۇپنى ئۇزۇن مۇددەت يەپ بەرسە ، رەڭگى – روھنى گۈزەلەشتۈرىدۇ. تۇرۇپ يوپىرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، 30 گرام سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا سىر كەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشىرىدۇ. تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا ئېچىپ بەرسە تاماق سىڭدۇرىدۇ. ،جىگەر ،تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. تۇرۇنى قاينىتىپ سۈيىنى چىقىرىپ سىر كەنجىۋىل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ غەر- غەر قىلسا ئاۋازنى ئاچىدۇ. تۇرۇپنى تاماقتىن كېيىن يەپ بەرسە ، ھەزمنى ياخشىلايدۇ، ئەتىيازلىق تۇرۇپنىڭ يوپىرمىقىنى پىشۇرۇپ ، زەيتۇن يېغى ياكى سېرىقماي بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە ، يەللەرنى تارقىتىدۇ ،  تۇرۇپنىڭ سۈيىنى  گۈل يېغى بىلەن قاينىتىپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتسا ، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ. خام ھالەتتە توغراپ  تۇز سېپىۋېىتپ يەپ بەرسە ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. تاماق سىڭدۈرىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button