ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

تۆت ماددا تەلىماتى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

قەدىمقى ئۇيغۇرلار تۆت ماددىنى «تۆت تادۇ» دەپ ئاتىغان. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ھەم جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۆت ماددىدىن تۈزۈلگەن. تۆت ماددا بولسا، تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.

پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سىرلىرى ئېچىلماقتا. ئۇيغۇر تېبىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبىتى جۈملىدىن، ئۇيغۇر تېبىتىنىڭ ئاسسىي بولغان تۆت ماددا تەلىماتى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە تېپىلغان ئېېمېنتلار ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى تېپىلىش ئېھتىماللقى بولغان ئېلېمېنتلار مۇقەررەركى مۇشۇ تۆت چوڭ ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدىغانلىقى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋۇداتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەنلىكى ئىسپاتلانماقتا. 13 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇر ھۆكۈماسى جامالىدىن ئاقساراي تەرىپىدىن يېزىلغان «تېببىي ئاقساراي» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسەردە :«تۆت ماددا چوڭ كائىناتتىكى جىسىملارنى تۈزۈگۈچى ئاساسىي ماددا .» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۇلۇق مەزمۇنى

تۆت ماددا تەلىماتى  ئۇيغۇر تېبەتچىلىك ئىلىمىنىڭ يادروسى، قەدىمقى ئۇيغۇرلار پۈتۈن كائىناتنى ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئىلگىرىلا تۆت ماددا ھەققىدە ئىلىي بولغام مۇكەممەل نەزەرىيىۋى يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان.

قەدىمقى ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى تۆت ماددا تەلىماتىنى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى، ساقلىق ۋە كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا چەمبەرچەس باغلاپ چۈشەندۈرگەن.

ئەبۇ ئەلى ئىبنىسنا ئۆزىنىڭ «ئەلقانۇن قىت تىب» ناملىق زور ھەجىملىك تېببىي قامۇسىدا؛ «تەبىئىي ئۇنسۇرلار تۆت، ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئارتۇق ئەمەسلىكىگە تەبىئەت ئالىمىرى ئىشەنسۇن، ئۇلارنىڭ ئىككىسى يەڭەىل، ئىككىسى ئېغىر، يەڭگىلى ئوت بىلەن ھاا بولۇپ، ئېغىرى سۇ ۋە تۇپراقتۇر. تۇپراقنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ۋە سوغۇقتۇر، … سۇ سوغۇق ۋە ھۆلدۇر، … ھاۋانىڭ تەبىئىتى ئىسسىق ۋەقۇرۇق.» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئىبنىسىنا يەنە: «تۆت ئۇنسۇر (ماددا) يوقالمايدۇ. بىر – بىرىگە ئۆزگەرمەيدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ شەكىللىرى ئۆزگىرىشى مۇمكىن،» دەپ قارايدۇ. ھەمدە «ئالەمنى سۇ، ئوت، تۇپراق، ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ئۇنسۇر مۇرەككەپلىكىدىن ھاسىل بولغان» دەپ قارايدۇ. ئەبۇ ناسىر پارابى «ئىھسائۇل ئۈلۈم» ناملىق ئەسىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۆت ماددا قارىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ بايان قىلساق، تۆتلۈك شېئىر بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلار : ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىمۇ تۆت خىل بولۇپ، ئاتاپ ئېيتقاندا ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتقا ئىگە بولىدۇ» دەپ يازغان.

دېمەك، ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسى تۆت ماددىنىڭ كەيپىياتلىرى شۇ خىل ماددىنى تەشكىل قىلغان ماددىلاردا يۈز بەرگەن ئوكسىدلىنىش، ئوكسىدسىزلىنىش، ئېلېكترون قوشۇۋېلىش، بىرىكىش ۋە پارچىلىنىش رىئاكسىيىسى، شۇنداقلا ئېنېرگىيىنىڭ بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە ئۆزگىرىشى، يوقتىن بارلىققا كەلمەسلىكى، باردىن يوقاپ كەتمەسلىكى، جىسىملارنىڭ بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىلىشى قاتارلىق بىر قاتار فىزىكىلىق ۋە خېمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا شەكىللەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ئوتنى ئېلىپ ئېيتساق، مەشھۇر كلاسسىك ئەسەر «كۇللىياتى نەفىس» دە: « ئوت مۇتلەق يەڭگىل بولۇپ، ھەممىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، كائىناتتىكى بارلىق ماددىلارنى قىزىتىدۇ، پىشۇرىدۇ. سۇ ۋە زىمىننىڭ سوغۇقلىقى ئوت ( قۇياش)نىڭ سەۋەبىدىن تەڭشىلىدۇ» دېيىلگەن. شۇڭا ھازىرقى زامان جۇغراپىيە بىلىملىرىغا ئاساسەن قۇياشنى كۈزەتكىنىمىزدە مۇنۇ يەكۈنلەرگە ئېرىشەلەيمىز. يەنى قۇياشنىڭ ئوتتۇرا قىسىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى 15 مىليون گرادۇسقا يېتىدۇ. بېسىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، 250 مىليارد ئاتموسفېرا بېسىمىغا يېتىدۇ. ئاشۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم ئاستىدا يادرونىڭ يىغىلىش رېئاكسىيىسى يەنى تۆت ھىدروگېن ئاتومى يادروسى يىغىلىپ بىر گىلى ئاتوم يادروسىغا ئۆزگىرىدۇ. يادرونىڭ يىغىلىش رېئاكسىيىسى جەريانىدا قۇياش بىر مۇنچە ماسسىنى سەرپ قىلىپ كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ. قۇياش ئاساسىي تەركىبى بولغانHa (گىلى) ئاتومى پارچىلىنىپ ئىككى دانە (ھىدروگېن ) ئاتومىنى ھاسىل قىلىش بىلەن بىرەە غايەت زور ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇياشنىڭ 500 كىلومېتىر قېلىنلىقىدىكى قىسىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى K6000 بولۇپ، 100 سېلىتسىيە گرادۇستا پارلىنىدىغان سۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا قۇياشتا مۇتلەق قۇرۇقلۇق كەيپىيات ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يۇقىرىقىدەك زور ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئارقىلىق يەر شارىغا ئىسسىقلىق يەتكۈزىدۇ.

بۇنىڭدىن نەچچە ئون ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغانئۇيغۇر تېبابەت كلاسستىك كىتابلىرىدا «تۆت ماددا پارچىلانمايدىغان، پارچىلانغان تەقدىردىمۇ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش خۇسىيەتكە ئىگە پارچىلارغا بۆلۈنىدىغان ماددىلر» دەپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈملىرى «تۆت ماددا ئاددىي جىسىملار بولۇپ ئادەم تېنى ۋە باشقا نەرسىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تەركىبىدۇ. ئۇلار شەكلى تۈرلۈكچە بولغان بۆلەكلەرەە بۆلۈنمەيدۇ. بىر – بىرىگە ئۆزگەرمەيدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ شەكىللىرى ئۆزگىرىشى مۇمكىن.» دەپ قاراپ كەلگەن. كېيىن ئىنسانلار 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «ئاتوم» نى ماددىلارنىڭ «مۇتلەق» پارچىلانمايدىغان ئاساسىي دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلگەن. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىلىم – پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاتومنىڭ پارچىلىنىپ ئاتوم يادروسى بىلەن يادرو سىرتىدىكى ئېلېكترونلارغا ئايرىلىدىغانلىقى، يادروسىدا مۇسبەت زەرەتلىك پروتون بىلەن زەرەتسىز نېيتروننىڭ بارلىقى، يادرو سىرتىدا مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكترونلارنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ قىسقىغىنە بىر ئەسىر ئىچىدە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل بايقاشلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت ماددا تەلىماتىنىڭ ئىلىم ھەقىقەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنداقلا ھازىر بايقالغان 111 خىل ئېلېمېنتنىڭ تۆت ماددا ئىچىدىن تېپىلغانلىقى ھەم بۇنىڭدىنكېيىنئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭمۇ بۇ تۆت چوڭ ماددىدىن چەتنەپ كەتمەيدىغانلىقى بۇنىڭ ئىلمىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

مەسىلەن، ھاۋا تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ O2 (ئوكسىگېن)، N2 (ئازوت )،  H2  (ھىدروگېن )، S (گۈڭگۈرت) قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان. سۇ ئىككى دانە  H (ھىدروگېن) ئاتومى بىلەن O2 (ئوكسىگېن) ئاتومىدىن تۈۈلگەن. تۇپراق تەركىبىدە بولسا O2  (ئوكسىگېن)، Mg (ماگنىي)،A (ئاليومىن)،  Fe (تۆمۈر) قاتارلىقلار بار.

قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقى تۆت چوڭ مادىنىڭ بىرى بولغان ئوتنى «مۇتلەق يەڭەىل، يەر شارىنى ئوراپ تۇرىدىغان ھاۋا قاتلىمىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنى ھازىرقى زامان جۇغراپىيە بىلىملىرىگە ئساسلىنىپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بارلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. يەنى قۇياشنىڭ زىچلىقى ئوتتۇرىچە يەر شارىنىڭكىدىن كۆپ شالاڭ بولۇپ، يەر شارى زىچلىقىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولغان  H بىلەن He (گىلى) نىڭمۇ زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ،H (ھىدروگېن)نىڭ نۇر ھالەتتە بىر لېتىر ھىدروگېننىڭ ماسسىسى 0.0899 گرام بولۇپ، ئوخشاش ھەجىمدىكى ھاۋا ماسسىنىڭ تەخمىنەن ئوت تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. He (گىلى) بولسا ئىنىرت گاز بولۇپ، زىچلىقى ئەڭ كىچىك ھەم ئوت گاز ھالەتتە بولۇپ ئەڭ يېنىك، شۇڭا ئوت (قۇياش)نى مۇتلەق يەڭگىل، يەر شارىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدا دېيىشكە بولىدۇ. ھاۋانى ئېلىپ ئېيتساق، قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقى «ھاۋا نىسبىتى يەڭگىل بولۇپ ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدە» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ھاۋا تەركىبىدىكى ماددىلارنى ئانالىز قىلغاندا، ئوكسىگېننىڭ نورمال ھالەتتىكى زىچلىقى g/L 1.429 ،CO2 نىڭ نورمال ھالەتتىكى زىچلىقى  g/L 1.977 بولۇپ، ئومۇملاشتۇرغاندا ھاۋانىڭ زىچلىقى g/L1.293 بولىدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىن ھاۋانىڭ ئوتتىن ئېغىر، سۇ، تۇپراققا قارىغاندا يەڭگىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا ھاۋا نىسبىي يەڭگىل ھېسابلىنىدۇ.

سۇنىڭ ئېلىپ ئېيتساق، قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقى «سۇنى نىسبىي ئېغىر» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى سۇ سۇيۇق ھالەتتە بولۇپ، ℃4 دىكى زىچلىقى g/cm31، ئىككى H ئاتومى بىلەن بىر دانە O(ئوكسىگېن) ئاتومىدىن تەركىب تاپقان. ھاۋاغا قارىغاندا ئېغىر، تۇپراققا قارىغاندا يەڭگىل بولۇپ نىسبىي ئېغىر ھېسابلىنىدۇ.

تۇپراقنى ئېلىپ ئېيتساق، قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقى «تۇپراقنى مۇتلەق ئېغىر، بارلىق ئېغىر جىسىملارنى ئۆزىگە تارتىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، تۇپراق تەركىبىدە ئوكسىگېن %49.13 نى ئىگىلەيدۇ، زىچلىقى g/L1.429، Na (ناترىي)نىڭ زىچلىقى g/cm30.97، K (كالىي)نىڭ زىچلىقى g/cm30.96، A(ئاليۇمىن)نىڭ زىچلىقى g/cm32.7، Fe(تۆمۈر)نىڭ زىچلىقى g/cm37.8،Mg(ماگنىي)نىڭ زىچلىقى g/cm31.74. شۇڭا تۇپراقنىڭ زىچلىقى سۇنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، مۇتلەق ئېغىر ھېسابلىنىدۇ ھەم جىسىملارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئېغىر جىسىملارنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەدىمقى ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ ماددا ھەققىدىكى قاراشلار ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

دېمەك ئوت، ھاۋا، سۇ تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت ماددا تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق، جانسىز ماددىلارنىڭ، جۈملىدىن ھايۋانلارنىڭ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ تۈزۈلۈشىدە، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتا،نورمال ھەرىكەت پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدا، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ماددىلار ھېسابلىنىدۇ.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button