مەھمۇد قەشقەرى
مەھمۇد قەشقەرى مىلادى 1020-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، 1090-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن،ئۇنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىسملىك كشى ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى ياش ۋاقىتلىرىدا قەشقەردە مەدەرىسلەردە بىلىم بىلىم تەھسىل قىلغان، ئەرەب،پارس تىللىرىنى، ئەرەب تىل-ئەدەبىياتى ۋە گراماتكىسىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن.قارا خانىيلار ھاكىميىتى تازا كېڭىيىپ بۇخارا ۋە سەمەرقەندلەرگىچە يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلغان ۋە شۇ زاماندىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلىقلەرنىڭ شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلارنى ۋە قەبىلىلەرنى ئايلىنىپ بېرىپ، ھەرقانداق بىرخەلىقنىڭ يەرلىك تىل،ئۆرپ-ئادەتلىرىنى،ماقال-تەمىسىللىرىنى، ھەتتا يەرلىك تېبابەت،دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ئالاھىدە قىزىقىپ ئۆگەنگەن ۋە توپلاپ تەتقىق قىلغان. 1072-يىلى تېزىپ تاماملىغان‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دېگەن كىتابىدا ئەڭ قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن دورىلارنى 150 خىل ئۆسۈملۈك،مەدەن ۋە ھايۋاندىن ئېلىنغان دورىلارنىڭ ساپ ۋە ئۇيغۇرچە نامى يېزىلغان ۋە 50 خىلغا يېقىن كېسەلنىڭ نامى ۋە بىر قانچە رېتسىپلار كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا مال دوختۇرلۇققا ئائىت سۆزلەرمۇ بار.
مەھمۇد قەشقەرى گەرچە بۇ كىتاپنى 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئاتالغۇ،شېئىر ۋە تەمسىللەرنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقىبىر نەچچە يۈز يىللار ئىچىدە بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دە ھېكايە قىلىنغان ئىسكەندەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋى قەشقەر چېگرىسىغىچە يېتىپ كەلگەنلىكى مىلادىدىن 250 يىل بۇرۇنقى ۋەقە. ئالپ ئەرتوڭا(ئافراسىياپ)نىڭ ئۆلۈمىدە ئېيتىلغان مەرسىيە شېئىرلارمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى كىتانلار دەۋەرىدە بارلىققا كەلگەن. دېمەك، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ نەقەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى مۇشۇ كىتابتىنىمۇ مەلۇم. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت دەسلەپتە ئوتتۇرغا قويغان سۆزلىرى بۇ ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بىر ۋەتەنپەرۋەر،مىللەتپەرۋەر ئەدىب ھەم تېۋىپ ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.