تارىخى شەخىسلەر

ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ھەققىدە : ھىكايەت

مالخۇلىيا كىسەللىكى تىۋىپلار داۋالاشتا ئاجىز كىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرىدۇر. گەرچە سەۋدايى ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئىللەتلەردىن بولۇپ ھېسابلانسىمۇ ئەمما، مالىخۇليا كېسەللىكى ئىنتايىن ئۇزۇن مۇددەتتە ئوڭلىنىش بىلەن ئالاھىدە ئۆزگىچە تۇرىدۇ. ھازىرچە تېخى ھېچكىم تېبابەتتە ئابۇ ھەسەن ئىبنى يەھيانىڭ «مۇئالىجاتى بوقراتى» كىتابى كەبى زور كىتاب يازغان ئەمەس. مەزكۇر كىتابىدا بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا ئاجىز كەلگەن بىر نەچچە ئىمام، ھەكىم، ئالىم ۋە پەيلاسوپلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

مېنىڭ سەرخىس تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇستازىم شەيخۇلئىمام ئەبۇ جاپپار ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ سەئىد ئەن – نەشەۋىي ئۆزىنىڭ شەيخۇلئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئۇقايىل ئەل – قازىبىيىندىن ئاڭلىغان بىر ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ شەيىخ ئەمىر فەخرۇد دەۋلە باكالجەر ئەل – بۇئىيدىن ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇ شۇنداق ھىكايە قىلىدۇ: بۇ ئىيلار ئەۋلادىدىن بولغان بىر مەشھۇر كىشىدە مالخۇلىيا كىسەللىكى پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى بۇقا دەپ ھىس قىلىشقا باشلاپتۇ. بىمار كۈندە تىنماي بۇقىدەك ھۆركىرەيدىكەن ۋە كۆرگەنلا ئادەمگە:«مېنى سويۇڭلار، گۆشۈم شورپىغا ئىنتايىن باپ!» دەيدىكەن. ئىش ئاخىرى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يىتىپتۇكى، بىمار ھىچ نەرسە يىمەس – ئىچمەس بولىۋاپتۇ. تېۋىپلار ئۇنى داۋالاشقا ئاجىز كەپتۇ.

بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋەزىر ئىدى. شاھىنشاھ ئالا ئوددەۋلە مۇھەممەد ئىبنى دۈشمەنىزىيار ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تايىنىپ قالغان ۋە مەملىكەتنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ قويغان، بارىلىق ئىشلارنى ئۇنىڭ رايى تەدبىرىگە قاراپ ئەمەلگە ئاشۇرار ئىكەن. ھەقىقەتەنمۇ، ئارىستوتىل ۋەزىر بولغان ئىسكەندەردىن كىيىن ھىچبىر پادىشاھنىڭ ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىناغا ئوخشاش ۋەزىرى بولغان ئەمەس!

ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋەزىر بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدىمۇ ھەركۈنى سۈبھىدىن ئاۋۋال ئورنىدىن تۇرۇپ « شىفا» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككى ۋارىقىنى يازاتتى. سۈبھى سادىق ۋاقتىدا كىيە رەئىس بەھمەنيار، ئەبۇ مەنسۇر ئىبنى زىللا، ئەبۇل ۋاھىت جۇزجانىي، سۇلايمان رىمشىقى ۋە مەن، يەنە باكالجارغا ئوخشاش شاگىرىتلىرىنى قۇبۇل قىلغاچ تاڭ ئاتقاندا دەرىس سۆزلەيتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بىز ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئادا قىلاتتۇق.

ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئۆيدىن چىققان ۋاقتىدا مەشھۇر كىشىلەر ۋە ھاجەت – تەلەپ، ئەرىز قىلىپ كەلگەنلەردىن مىڭلاپ ئادەم ئۇنىڭ سارىيى ئالدىدا توپلىنىپ تۇرغان بولاتتى. ئۇ ئاتقا مىنگەندە توپلانغان جامائەت ئۇنى ئارقىسىدىن كۆزىتىپ تۇراتتى. ئۇ دىۋانغا يېقىنلىشىپ بارغاندا ئاتلىقلارنىڭ سانى ئىككى مىڭغا يىتىپ قالاتتى. ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا پىشىنگىچە دىۋاندا ئىشلەيتتى. ئۆيگە قايىتقاندا داستىخان يېنىدا ئولتۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن تاماق يەيتتى. كىيىن ئازغىنە ھاردۇق ئېلىپ ئۇيقۇدىن تۇرغاندا نامازنى ئادا قىلىپ، شاھىنشاھ ھۇزۇرىغا باراتتى. ناماز ئەسىرگىچە ئۇلار بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسىللىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولاتتى. ئۇلار پەقەت ئىككى كىشىلا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئۈچىنچى كىشى بۇ سۆھبەتكە قاتناشمايتتى. دېمەك ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنانىڭ بىر دەقىقىمۇ بوش ۋاقتى بولمايتتى.

شۇنداق قىلىپ تېۋىپلار ئەشۇ بىمارنى داۋالاشقا ئاجىز كەلگەچكە ئۇلۇغ ھۆكۈمدار ئالا ئوددەۋلەگە بۇ ھەقتە خەۋەر بىرىشتى ۋە ئلتىماس قىلىپ ۋەزىرنى ئەشۇ يىگىتنى داۋالاشقا كۆندۈرۈشتى سوراشتى. ئالا ئوددەۋلە بۇ ھەقتە ۋەزىرگە ئېيتقان ئىدى، ۋەزىر ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلدى.

شۇندىن كىيىن ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا كىشىلەرگە: « بېرىڭلار، قاسساپ سىنى سويغىلى كىلۋاتدۇ، دەپ خەۋەر قىلىڭلار!» دەپ بۇيرىدى. يىگىتكە شۇنداق دەپ خەۋەر بەرگەندە ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى.

ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئاتقا مىنىپ بىمارنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىككى كىشى بىلەن ئۆيگە كىرىپ، يېنىدىن پىچاقنى چىقاردى – دە :«سويىدىغان بۇقا قەيەردە؟» دەپ سورىدى. بىمار يىگىت گويا «مەن مۇشۇ يەردە» دىگەندەك قىلىپ ھۆركىرىدى. ئىبنى سىنا: « پۇت – قولىنى باغلاپ، ئوتتۇرغا ياتقۇزۇڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. بۇنى ئاڭلىغان بىمار يۈگۈرۈپ، ھويلا ئوتتۇرسىغا باردىدە ئوڭ تەرىپىنى قىلىپ ياتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت – قولىنى مەھكەم باغلاشتى.

ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ پىچاقنى بېلىدى. قاسساپلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە ئولتۇرۇپ قولى بىلەن بىمارنى تۇتۇپ باقتى – دە « ئەھا، بۇ بۇقا ئىنتايىن ئۇرۇققۇ! سويۇشقا ئەرزىمەيدۇ، كۆپرەك ئوت بىرىڭلار، سەمىرسۇن!» دېدى – دە ئورنىدىن تۇرۇپ تاشقىرىغا چىقىپ ئادەملەرگە: « قول – پۇتىنى يىشىپ، مەن ئېيىتقان يىمەكلىكلەردىن ئالدىغا قويۇڭلار – دە يە، تىزىرەك سەمىرسەن، دەپ ئېيتىڭلار! دېدى.

كىشىلەر ئىبنى سىنانىڭ ئېيىتقىندەك قىلىشتى. ئۇنىڭ ئالدىغا تاماق ئېلىپ كەلسە بىمار توختىماي يەيتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىبنى سىنا بۇيرىغان شەربەت دورىلىرىنى ئالدىغا قويۇپ: « ياخشى يەپ – ئىچ! بۇ نەرسىلەر بۇقىنى سەمىرتىدۇ!» دېيىشتى. بىمار ئۇلارنىڭ ئېيىتقىنىغا قۇلاق سالاتتى،تىزرەك سەمىرسەم ئاندىن مىنى سويىدۇ، دىگەن ئۈمۈددە رەت قىلماي ئىستىمال قىلاتتى.

شۇنداق قىلىپ تېۋىپلار ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا دەستۇرى بويىچە داۋالاشنى داۋام ئەتكۈزىۋەردى. بىمار بىر ئاي ئىچىدە ئۆزىگە كىلىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.

بارىلىق ئەقىل ئىگىللىرىگە مەلۇمكى، مۇنداق مۇئالىجەنى چوڭقۇر ئىلىمى، يۈكسەك ماھارىتى ۋە ئۆتكۈر ئىدىراكى بولمىغان كىشى ھىچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ!

مەنبە : توردۇنياسى


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button