ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ۋە ئۇنىڭ ئەلقانۇن ناملىق ئەسىرى ھەققىدە :
تەبىئەت پەنلىرى خۇسۇسەن تېبابەت ئىلمى تەرەققىياتىغا بۈيۈك ھەسسە قوشقان ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئوتتۇرا ئاسىيادىن يېتىشىپ چىققان ۋەتەنداش ئۆلىمالىرىمىزدىن بىرى سانىلىدۇ . ئۇ ھىجرىيە 370 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ بېشىدا (980 – يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا) بۇخارا ئەتراپىدىكى ئەفشانە قىشلىقىدا دۇنياغا كەلگەن . ئىبن سىنا بەش ياشقا كىرگەندە ئائىلىسى بۇخاراغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇنى ئوقۇشقا بەرگەن . ئىبىن سىنا ئاۋۋال ‹‹ قۇرئان›› ، تىل – ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۇقۇغان ۋە ئون ياشقا بارا – بارماي بۇ دەرسلەرنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرۈۋالغان . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مەنتىق ، ھېساب ،ئەلجەبر (ئالگېبرا ) ، ھەندەسە ( گېئومېتىرىيە ) ۋە پەلەكىيات ( ئاسترونومىيە ) بىلىملىرىنىمۇ ئىگىلىگەن . شۇنىڭ بىلەن ئىبىن سىنا تەبىئەت پەنلىرىنى خۇسۇسەن تېبابەتنى سۆيۈپ ئۆگەنگەن . ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغما ئىستېداتى ۋە پەۋقۇلئاددە مېھنەت سۆيەرلىكى تۈپەيلى دەرسلەرنى ئاسانلا بىلىۋالاتتى . ھەتتا نامەلۇم بىلىملەرنىمۇ كىتابلاردىن ئۆگىنىۋالاتتى . ئۇ بولۇپمۇ تېبابەتتە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى . ‹‹ ئىبىن سىنا ئۆز تەرجىمەھالىدا تېبابەت قىيىن ئىلىملەردىن ئەمەس ، شۇ سەۋەبتىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ پەننى ئىلگىرىلەپ كەتتىم . ئەمدى ھەتتا بىلىمدان تېۋىپلەرمۇ مەندىن ساۋاق ئالىدىغان بولدى . بىمارلارنى داۋالاپ تۇردۇم ۋە شۇ يۇسۇندا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىم نەتىجىسىدە داۋالاش ئىشلىرى ماڭا شۇ قەدەر ئېچىلىپ كەتتىكى ، ئۇنى تەرىپلەش قىيىن ›› دەپ يازىدۇ . *( ئىبىن ئەبى ئۇسايىبىئە ، ئۇنىڭ ئەل ئەنباقى ، تەبەقات ئەل ئەتىببا مىسىر.1882 ). ئىبىن سىنا 17 يېشىدا بۇخارا خەلقى ئارىسىدا ماھىر تېۋىپ سۈپىتىدە داڭ چىقاردى . شۇ كەملەردە سامانىيلار خانلىقىنىڭ خانى – نۇھ ئىبنى مەنسۇر ئاغرىپ قالدى . ئوردا تېۋىپلىرى ئۇنى داۋالاشقا ئاجىز ئىدى . بۇخارادىن يېڭى چىققان ياش تېۋىپنىڭ شۆھرىتى ئوردىغىمۇ يېتىپ بولغان ئىدى . شۇڭلاشقا ، ئۇ ئوردىغا شاھنى داۋالاشقا تەكلىپ قىلىندى ۋە ئەمىرنى تىزلا ساقايتتى. بۇنىڭ شاراپىتى بىلەن ئىبىن سىنا ئوردا كۇتۇپخانىسىدىن پايدىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشتى . بۇ كۇتۇپخانا شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتىكى ئەڭ كاتتا كۇتۇپخانىلار قاتارىدا سانىلاتتى . بىر نەچچە يىل داۋامىدا كېچە – كۈندۈز تىنماي مۇتالىئە قىلىش نەتىجىسىدە ، ئىبىن سىنا ئۆز بىلىم دائىرىسىنى مىسلىسىز كېڭەيتتى . شۇ دەۋردە بۇ قەدەر بىلىملىك كىشىنى تېپىش مۈشكۈل ئىدى .
ئىبىن سىنا ئۆز دەۋردىكى مەشھۇر ئۆلىمالار جۈملىدىن ئەبۇ رەيھان بىرۇنى بىلەن بولغان ئىلمىي مۇنازىرىلىرى تەخمىنەن شۇ يىللاردىن باشلاندى . ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى يىرىك ئەسىرىنى 1000-10001 – يىللىرى يازغان .
999- يىلى قاراخانىيلار بۇخارانى بېسىۋېلىپ سامانىيلار خانلىقىنى ئاغدۇردى . بۇندىن تاشقىرى ئايرىم فېئودال ھۆكۈمرانلار ئارىسىدىكى ئۆز- ئارا ئۇرۇشلار ھامان تىنجىماي بۇخارادا تىنچ ۋە خاتىرجەم ئىلمىي ئىشلارنى قىلىشقا ھېچقانداق شارائىت بولمىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە 1002 – يىلى ئىبىن سىنانىڭ دادىسى ۋاپات بولدى . ئاقىۋەتتە ئىبىن سىنا بۇخارانى تەرك ئېتىپ خارەزىم (ئۆرگنچ) گە كەتتى .
خارەزىممۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمقى ۋە باي مەدەنيەتلىك دىيارلىرىدىن بىرى بولۇپ ، 11 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ يەردە ئىلمىي ھايات خېلى راۋاجلانغان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۆرگەنچتە ئۆز زامانىسىنىڭ كۆپلىگەن يىتۈك ئالىملىرى ئىجادىيەتكە مەشغۇل ئىدى . بۈيۈك ئالىم ئەبۇ رەيھان بىرۇنى(973-1048) شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر .
شۇ ۋاقتتىكى غەزنەۋىيلەر ھۆكۈمرانى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي (998-1030) خارەزم زېمىنلىرىنى ئۆز خانلىقىغا قۇشۇۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭغا تەۋە بولۇشنى خالىمىغان ئىبىن سىنا تەخمىنەن 1010-1011 – يىللىرى خارەزىمدىن مەخپىي ھالدا خۇراسانغا كەتتى ۋە كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان گوركان ئەمىرلىكىگە يېتىپ كەلدى . بۇ يەردە ئۇ ئەبۇ ئۇبەيدە جۇزجانى بىلەن تۇنۇشتى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ يىگىت ئىبىن سىناغا ئەڭ يېقىن ۋە سادىق شاگىرت بولۇپ قالدى ۋە ئۇستازىنىڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە يېنىدا بولدى .
كۆپ ئۆتمەي ئىبىن سىنا گوركاندا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى ۋە تېۋىپلىق پائالىيىتىنى باشلىدى . تېبابەتكە ئائىت مەشھۇر ئەسىرى ‹‹ كىتاب ئەل قانۇن فىت تىب››(تېبابەت قانۇنلىرى) نىڭ بىرىنچى جىلدىنى ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى يېزىشقا كىرىشتى .
1014 – يىلى ئىبىن سىنا گوركاننى تەرك ئېتىپ بىر قانچە مۇددەت رەي ۋە قەۋزىن شەھەرلىرىدە تۇرغاندىن كېيىن ، ھەمەدانغا كەلدى ۋە بۇۋەيھىلەر ھۆكۈمدارى شەمسۇددەۋلە (997-1021) خىزمىتىگە كىردى ۋە ساراي تېۋىپى بولۇپ ئىشلىدى . كېيى ۋەزىرلىك مەنسىپىگە كۆتۈرۈلدى . دۆلەت ئىشلىرى بىلەن بولۇپلا قالماي ئىلمىي ئىشلارنىمۇ داۋام قىلدى ۋە بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى يازدى . ئۆزىنىڭ يىرىك پەلسەپىۋى قامۇسى ‹‹كىتاب ئەششىفا›› نى شۇ يەردە يېزىشقا كىرىشتى .
يۇقىرىدا نامى زىكىر قىلىنغان جۇزجانىنىڭ يېزىشىچە ئىبىن سىنا قۇۋۋەتلىك كىشى بولسىمۇ ، لېكىن شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈش، كېچىلىرى ئۇخلىماسلىق ، ئۆزلۈكسىز ئىشلەش ۋە بىر نەچچە قېتىم تەقىپ ئاستىغا ئېلىنىش ، ھەتتا ھەپسىدە يېتىشلار ئالىمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن . ئۇ ھىجرىيە 428 – يىلىنىڭ رامزان ئېيىدا (1037- يىلى نويابىردا) 58 ياشتا ھەمەداندا ۋاپات بولغان ، ئۇنىڭ مەقبەرىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا .
ئىبىن سىنا ئۆز دەۋرىدىكى قامۇسى ئالىم بولۇش سۈپىتىدە ھەر قايسى پەنلەر بىلەن پائال شوغۇللانغان ۋە ئەسەرلەرنى يازغان . تۈرلۈك مەنبەلەردە ئۇنىڭ 450 تىن ئارتۇق ئەسىرى قەيت قىلىنغان ، لېكىن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپى يوقىلىپ كەتكەن . بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى 242 پارچىدۇر . *{يەھيا مەھدەۋىي . فېھرىست – ئى نۇسخەھا . يى مۇسەننافەت – ئى ئىبىن سىنا. تېھران 1333(1954) }بۇنىڭ ئىچىدە 80 پارچىسى پەلسەپە ، ئىلاھىيەت ۋە تەسەۋۋۇپقا مەنسۇپ . 43 پارچىسى تېبابەتكە ئائىت . 19 پارچىسى مەنتىقە ، 26 پارچىسى روھشۇناسلىققا ، 23 پارچىسى تەبىئەت ئىلمىگە ، يەتتە پارچىسى ئاسترونومىيەگە ، بىر پارچىسى ماتىماتىكىغا ، بىر پارچىسى مۇزىكىغا ، ئىككى پارچىسى خېمىيەگە تۇققۇز پارچىسى ئەدەب ئىلمىگە ، تۆت پارچىسى ئەدەبىياتقا تەۋە بولۇپ ، سەككىز پارچىسى باشقا ئالىملار بىلەن بولغان ئىلمىي مەكتۇپلاردىن ئىبارەت .
ئالىمنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۇمۇمىي پەلسەپىگە ئائىت ئەڭ يىرىك ۋى مۇھىم ئەسىرى ‹‹ كىتاب ئەش – شىفا ›› دۇر . ئۇنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلمىي قامۇسى دېيىشكە بولىدۇ . ئۇ تۆت قىسىمدىن .ئىبارەت . 1) مەنتىق ، 2) تەبىئىي پەنلە ، 3) ماتىماتىكا ، 4)ئىلاھىيەت . بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەبچە تېكسىتى بىر نەچچە قېتىم نەشر قىلىنغان . باشقا تىللارغا تۇلۇق تەرجىمە قىلىنمىغان ، پەقەت ئايرىم بۆلۈملىرىلا تۈرلۈك شەرق ۋە غەرب تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان .
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور