نەپەس يولىنەپەس يولى كىسەللىكلىرى

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى

 

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى كېكىردەك قىسمىنىڭ شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆتكۈر يامراشلىق ياللۇغى، دائىم بوۋاق بالىلاردا قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك ھەققىدە

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى كېكىردەك قىسمىنىڭ شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆتكۈر يامراشلىق ياللۇغى، دائىم بوۋاق بالىلاردا قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، كېسەللىنىشى تېز، ئالامىتى ئېغىر (كېچىدە كېكىردەك مۇسكۇل بوشىتىشتىن ئاجرالمىلار توسۇلۇپ قېلىپ كېسەللىك ئالامىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ) ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئېغىر بولغاندا كېكىردەك توسۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىشتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى

بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، كېسەللەنگۈچىنىڭ يۆتەل ئاۋازى ئالاھىدە بولۇپ، تاڭ-تاڭ ئاۋازى ياكى كۈچۈكنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. تېبابەتتە ھاۋىشىغاندەك يۆتەل دېيىلىدۇ؛ ئاۋازى ئوخشىمىغان دەرىجىدە پۈتۈپ قالىدۇ؛ نەپەس سۈمۈرگەندە خىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى نەپەس سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. مەسىلەن: نەپەسلىنىش تېزلىشىش، نەپەس سۈمۈرگەندە كۈچەش قاتارلىقلار، شۇنداقلا قىزىش بىللە كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللەنگۈچىدە يەنە بىئاراملىق، چىرايى تاتىرىش، ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بوۋاقتا تۇيۇقسىز يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

داۋالاش پىرىنسىپى

نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش، ئالامەتلىرىگە قاراپ داۋالاش , كاناينى يېرىش ئوپېراتسىيەسى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش .

ئالدىنى ئېلىش

1-ئادەتتە سىرتلاردا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، قۇياش نۇرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش، تەن ساغلاملىقنى كۈچەيتىش , كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك .

2-كىلىمات ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش، ۋاقتىدا كىيىمنى ھاۋا كىلىماتىغا ئاساسەن قېلىن نېپىزلىكىنى تەڭشەش، ئىسسىق، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش.

3-زۇكام تارقالغان مەزگىلدە، ئامالنىڭ بارىچە سىرتقا چىقماسلىق، يۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش .

4-تۇرمۇشتا قائىدە نىزام بولۇش كېرەك، يېمەك ئىچمەكتە دىققەت قىلىش، يېتىپ قوپۇشتا كەچتە بالدۇر يېتىش ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇش، شامال ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش. ئۇخلىغان ۋاقىتتا شامالدىن ساقلىنىش .

5-ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ؛ ئەتىگەندە، تاماقتىن كېيىن ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاش .

6-مۇۋاپىق مىقداردا نەشپۈت، تۇرۇپ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ يۇتقۇنچاقنى ئاسراش.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تور

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button