نەپەس يولى كىسەللىكلىرى

ئۆپكە ھەققىدە چۈشەنچە

 ئۆپكە قان بىلەن ھاۋا ئوتتۇرىسىدىكى گاز ئالماشتۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، نەپەسلىنىش ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ خادىمىي ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆكرەك قەپىزىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان، ئوڭ ۋە سول تەرەپتە بىردىن قانىتى بولىدۇ. ئۆپكە يۇمشاق ھەم ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ، سىرتقى يۈزىنى بىر قەۋەت سىلىق پلازما پەردىسى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۆپكىنىڭ ئۇچى يۇقىرىغا قارىغان بولۇپ، يۇمىلاق بولىدۇ. تېگىنىڭ مەركىزى دىئافراگمىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. سول ئۆپكە قانىتى يۇقىرى_تۆۋەن ئىككى ياپراقچىقا، ئوڭ ئۆپكە قانىتى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئۈچ ياپراقچىغا بۆلۈنگەن. ھەر قايسى تەرەپتىكى ئۆپكىنىڭ سىرتقى يۈزى قوۋۇرغا يۈزى دېيىلىدۇ. ئۆپكە تېگى دىئافراگما يۈزى، ئىچكى تەرىپى تىك پاسىل يۈزى دېيىلىدۇ. تىك پاسىل يۈزىنىڭ مەركىزىدە ئۆپكە ئىشىكى بولۇپ، بۇنىڭدىن كانايچىلار، ئۆپكە قان تومۇرلىرى نېرۋا ۋە لىمفا تومۇرلىرى ئۆپكىگە كىرىپ چىقىدۇ.
     ئۆپكە سىرتقى يۈزىنى قاپلاپ تۇرغان پلازما پەردىسى (كۆكرەك پەردە ئەزا قەۋىتى ۋە ئىچكى قىسمىدىكى ئۆپكە ئۇيۇل ماددىسى نەيچە قىسمى، نەپەسلىنىش قىسمى ( ئاساسەن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى) ۋە ئۆپكە ئارىلىق ماددىلىرىدىن تەركىب تاپقان.
 (1     ئۆپكىنىڭ نەيچە قىسمى
     ئۆپكىنىڭ نەيچە قىسمى ئۆپكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر دەرىجىلىك كانايچىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوڭ_سول كانايچىلار ئايرىم_ئايرىم ھالدا ئۆپكە ياپراقچە كانايچىلىرىغا بۆلۈنۈپ، ھەر قايسى ئۆپكە ياپراقچىلىرىغا كىرىدۇ. ھەر بىر ئۆپكە ياپراقچە كانايچىلىرى يەنە قايتا_قايتا بۆلۈنۈپ بۆلۈنگەنسېرى ئىنچىكىلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنچىكە كانايچىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. نەيچە دىئامېتىرى بىر مىللىمېتىردىن كىچىك بولغان ئىنچىكە كانايچىلار ۋە ئۇلار تارقالغان ئۆپكە توقۇلمىلىرى بىر ئۆپكە كىچىك ياپراقچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ كاناي ۋە كانايچىلارنىڭ خىزمىتىگە ئوخشايدۇ.
(2    ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش قىسمى
    ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش قىسمى ئاساسەن نەپەسلىنىشچان كانايچە، ئۆپكە پۈۋەكچە نەيچىسى، ئۆپكە پۈۋەكچە خالتىسى ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شۈمۈرۈلگەن ھاۋا مۇشۇ ئورۇندا قىل قان تومۇرلاردىكى قان بىلەن گاز ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.

# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button