پىشقەدەم ئۈستازلار

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى

— ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى تۆھپىكار ئۇستاز ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى توغرىسىدا

ئوبۇلقاسىم مەتنىياز

2003 – يىلى 18 – ئاۋغۇست. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ‹‹كۇئىنلۇن›› مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا تۆمۈر داۋامەت، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەر يارىشىملىق چىمەن دوپپا، ئاق رەڭلىك يەكتەك كىيگەن، چىلان رەڭ ھاسا تۇتقان، 70 ياشتىن ئاشقان خۇشچىراي بىر مويسىپىتنى ئايرىم – ئايرىم قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشىغا بەرىكەت تىلىدى. ئۇلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە ئېرىشكەن بۇ كىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇدىر ۋىراچ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ پېنسىيونېرى ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى ئىدى.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى 1933 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ تامباغ يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن بولۇپ، 1947 – يىلغىچە مەدرىستە ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تاغىسى ئىمىننىياز ئاخۇندىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، بوۋىسى داڭلىق تېۋىپ قۇرباننىياز ئاخۇننىڭ خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان 8 فورمات 586 بەتلىك چاغاتاي يېزىقىدىكى قول يازمىسى ‹‹تەجرىباتى تېببىي›› دىن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى، دىياگنوزى، داۋالاش ئۇسۇللىرى، پەرھىزلىرى، دورا رېتسېپلىرى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ھىندىستاندا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك بويىچە ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇللا داموللا مەۋلىۋى، ھەسەن مەۋلىۋى، ئابدۇكېرىم ھاجىملاردىن پارس، ئوردۇ تىللىرىدىكى كىلاسسىك تېببىي كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ، تېبابەتچىلىك بىلىمىنى بېيىتقان. 1955 – يىلى تاغىسى ئىمىننىياز ئاخۇن ۋە بىر قانچە تېۋىپ بىلەن بىللە خوتەن شەھىرىنىڭ گۈلباغ بازىرىدا قۇرۇلماقچى بولغان خۇسۇسىي شىپاخانىغا دورا – دەرمەك ۋە مال – مۈلكىنى پاي قوشۇپ، خوتەن ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيەسى(يېڭى يول ئۇيغۇر تېبابەت بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيەسى) نى قۇرغان.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى بۇ ئامبۇلاتورىيەدە ئۇستاز تېۋىپلارنىڭ دورىگەرلىك ۋە داۋالاش جەھەتتىكى ماھارەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەن. 1975 – يىلى بۇ ئامبۇلاتورىيە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ دوختۇرخانىنىڭ كەسپىي بۆلۈم، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈمىدە يېتەكچى تېۋىپ ھەم بۆلۈم مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شۇ يىللاردا ئۇ ياش تېۋىپلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، داۋالاش قىيىن بولغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان مېڭە – يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ئەرلەر كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ، كېسەللەرنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى% 75 كە، ياخشىلىنىش نىسبىتىنى% 98 كە يەتكۈزگەن.

ئەلى ھاجىم قۇرباننىياز ئەمچى يۇقىرىدا نامى قەيت قىلىنغان كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش بىلەن بىللە، بۇ كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش، دورىلارنىڭ شىپالىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسېپلىرىنى دوختۇرخانىغا تەقدىم قىلىپ، بۇ دوختۇرخانىدا تەييارلىنىۋاتقان پىششىق دورىلار تۈرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە شىپالىق ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشىگە تۆھپە قوشقان.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى 1978 – يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپتە ئېچىلغان تۇنجى قارارلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەندىن باشلاپ بىر نەچچە قارارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەم خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا ئېچىلغان ئون نەچچە قارارلىق تېۋىپ تەربىيەلەش ۋە دورىگەرلەرلىك كۇرسىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇ 1987 – يىلدىن بۇيان تەكلىپ بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك سىنىپلىرىغا ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىلمىدىن دەرس ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زورايتىش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قۇشقان. ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان ۋە پىراكتىكا قىلغانلار 579 غا يەتكەن. ئۇ باشقىلارنى تەربىيەلەش بىلەن بىللە يەتتە ئوغلىنىڭ تۆتىنى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە غەرب تېبابىتى بويىچە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇتۇپ، ئۆز كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدۇرغان.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى نەزەرىيە بىلەن داۋالاش، دورىگەرلىك ئەمەلىيىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، توپلىغان تەجرىبىلىرىنى رەتلەپ، باشقىلار بىلەن بىللە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد دەرسلىكىدىن ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى››، ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى››، ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى›› (ئۈچ كىتاب)، ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار ئىلمى›› (2توم)، ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ئىلمى›› قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ‹‹ئوردۇ تىلىدىن ئاساس››، ‹‹تېببىي ئوردۇ تىلى›› دەرسلىكىنىڭ تەكلىپلىك تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ يەنە ‹‹جۇڭگو تېببىي قامۇسى›› نىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قىسمىنى يېزىشقا قاتناشقان. باشقىلار بىلەن بىللە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قامۇسىنىڭ ‹‹مۇرەككەپ دورىلار قىسمى›› 6 – تومىنى يېزىشقا قاتناشقان. بۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1995 – يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن، خەنزۇچە نۇسخىسى 2005 – يىلى شاڭخەي پەن – تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلغان.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى ياراتقان تۆھپىسىگە ئاساسەن، دوختۇرخانا بويىچە كۆپ قېتىم ‹‹ئىلغار خىزمەتچى›› بولۇپ تەقدىرلەنگەن ۋە 1985 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹شىنجاڭدا 30 يىل خىزمەت قىلغانلار›› شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ، شۇ يىلى مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ھەر مىللەت بىمارلىرىنى داۋالاپ ئۇلارغا شىپالىق بەخش ئېتىش بىلەن بىللە، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىپ، ‹‹ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش›› ناملىق كىتابنى يېزىپ، نەشر قىلدۇرغان.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا يېزىپ چىققان ‹‹يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ئۇسۇلى››، ‹‹بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈش كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ئۇسۇلى››، ‹‹ئاق كېسەللىكنى داۋالاش توغرىسىدا››، ‹‹سىبلىس ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ھەققىدە››، ‹‹ جىگەر كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى››، ‹‹مەزى بېزى ياللۇغىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى››، ‹‹ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشتىكى تەجرىبىلرىم›› ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇلۇپ، مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يازغان بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلىرى مۇناسىۋەتلىك گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

77 ياشتىن ھالقىغان بۇ ئۇستاز تېۋىپ ئۆزىنىڭ 60 يىللىق تېۋىپلىق ھاياتىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش مەقسىتىدە تەجرىبىدىن ئۆتكەن 2000 خىلدىن كۆپرەك دورا نۇسخىلىرىنى رەتلەپ نەشرگە سۇنغان ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار خەزىنىسى›› يېقىندا شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭ بۇ كىتابى تۈركىيە سەھىيە پەن – تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ قالماي 1995 – يىلىدىن بۇيان، خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.


# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button