نەپەس يولى كىسەللىكلىرى

زۇكام ۋە نەزلە

تونۇش

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا باش ئاغرىش، قىزىش، بۇرۇن ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

   ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە كېسەللىك تەرەققىياتىنىڭ ئېغىر_يېنىكلىكى ۋە مېڭىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقلارنىڭ چۈشكەن ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن:»مېڭىدىن كەلگەن ئوفۇنەتلىق سۇيۇقلۇقلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، بۇرۇن ئارقىلىق چىقىرىلغان، شۇنداقلا كېسەللىك ئالامەتلىرى نىسبەتەن يەڭگىل بولغان ھالەت زۇكام، مېڭىدىن كەلگەن ئوفۇنەتلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ بۇرۇن ئارقىلىق چىقىرىلماستىن، كاناي تەرەپكە چۈشۈشى، شۇنداقلا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ نىسبەتەن ئېغىر بولغان ھالىتى نەزلە دېيىلىدۇ» دەپ شەرھلەنگەن.

    ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە نەزلە سۆزى ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىپ كىلىنگەن بولۇپ، بىرسى يۇقىرىقى ئېيتىلغان زۇكامنىڭ ئېغىرلاشقان ھالىتىدىكى كېسەلگە قارىتىلغان، يەنە بىرى، مېڭىدىن كەلگەن ئوفۇنەتلىك سۇيۇقلۇقلار نەزلە دەپ قارالغان. بۇ يەردە سۆزلەنگەن نەزلە كېسەللىككە قارىتىلغان.

    ئادەتتە زۇكام بىلەن نەزلىنى داۋالاشتا ئوخشاش داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

    سەۋەبى

    1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

   خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات زىيادە تەسىر قىلغاندا ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇپ، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ مىزاجىنى بۇزۇپ، يەرلىك ئورۇننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىدىكى تەبىئىي قۇۋۋەتلەر ۋە ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ قوغدىنىش كۈچى ئاجىزلاپ، ھەر خىل جاراسىملارنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىپ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جاراسىملار كۆپلەپ ئۆسۈپ كۆپىيىپ، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 .2خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات زىيادە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىدىكى توقۇلما شىللىق پەردىلىرىنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ، تەبىئەت كۈچى ئاجىزلاپ، جاراسىملارنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىشى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلىنىپ، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3 .خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىيات ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىدىكى قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ، توقۇلمىلارنىڭ تەبىئەت كۈچى ئاجىزلاپ ھەر خىل جاراسىملارنىڭ كىرىشى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   4 .خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات زىيادە تەسىر قىلغاندا قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىدىكى تەبىئىي قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھەر خىل جاراسىملارنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىشى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلىشى بىلەن ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئالامىتى

 . 4 خىلىتسىز قۇرۇق ئسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان زۇكامنىڭ ئالامىتى:

    گال، يۇتقۇنچاق قۇرۇق بولىدۇ، كۆپ چۈشكۈرىدۇ، دىماغ پۈتۈپ بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ، بۇرۇن چاناقلىرى قىزىرىدۇ، ئاۋازى پۈتىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە قىزىتما، جۇغ_جۇغ پەيدا بولىدۇ، قۇرۇق يۆتەل كۈچلۈك بولۇپ، يەڭگىل دەرىجىدە ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ.

5.خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ياكى قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان زۇكامنىڭ ئالامىتى:

باش ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ، بۇرۇندىن كۆپ مىقداردا سۇ ئاقىدۇ، تەم ۋە پۇراق سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ، توڭۇپ تىترەيدۇ.

    دىئاگنوز ئاساسى

   1.تىپىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

   1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان زۇكامغا دىئاگنوز قويۇشتا، گال، يۇتقۇنچاق قۇرۇق بولۇش، كۆپ چۈشكۈرۈش، باش ئاغرىش، قىزىتما بولۇش، دىمىغى پۈتۈش، بۇرۇن چاناقلىرى قىزىرىش، جۇغ_جۇغ پەيدا بولۇش، قۇرۇق يۆتىلىش، ئۇيقۇسى ئاز بولۇش، ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغانلىق ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك_ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ.

   2) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان زۇكامغا دىئاگنوز قويۇشتا، باش ئېسىلىپ ئاغرىش، بۇرۇندىن كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق چىقىش، تەم، پۇراق سېزىمى تۆۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت_قوللار سىرقىراپ ئاغرىش، توڭۇپ تىترەش، ئۇيقۇسى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى سوغۇق مۇھىتتا تۇرغانلىق، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك_ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ.

   2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

   قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.

   سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

   يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

  يۇقۇملۇق تارقىلىشچان زۇكامدا ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلار ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، يەنى يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ، ئومۇمىي بەدەن سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىلىرى قىزىرىپ، ياللۇغلىنىدۇ. زۇكامدا ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

   داۋالاش پىرىنسىپى

   1.خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

   2. كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

   داۋالاش ئۇسۇلى

   خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان زۇكامغا سوۋۇتۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

   بىنەپشە، نېلۇپەرلەرنى 20 گرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ كاشكاپ تەييارلاپ 100~300 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ تەرلىتىلىدۇ.

   بىنەپشە، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، پوستى خەشخاش، نېلۇپەر، پىرسىياۋشان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زۇپا 10 گرامدىن، چىلان، سەرپىستان 20 گرامدىن، تەمرى ھىندى 50 گرام، قەنت مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

   بىنەپشە يېغى، نېلۇپەر يېغى، قاپاق يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرسى بولسا مۇۋاپىق مىقداردا بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.

   كېپەكنى كۆيدۈرۈپ ئىسى بۇرۇنغا يەتكۈزۈلىدۇ.

   بابۇنە، بىنەپشە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قارا سۇنا ياپرىقى، خەشخاش پوستىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ باش يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

    كاشكاپ جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بىر بولاقتىن، زۇپا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، لوئوقى بادام كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، لوئوقى سەرپىستان كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

    خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ياكى قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قىزىتما پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

   بىنەپشە، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، نېلۇپەر، زۇپا 10 گرامدىن، پىرسىياۋشان 12 گرام، چىلان 30 گرام، ناۋات 60 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە كاشكاپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

    ئېگىر، سەندەل، تاتلىق قۇستە قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈپ ئىسى بۇرۇنغا يەتكۈزۈلىدۇ.

   گۈلبىنەپشە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمشىباھار ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، چىلان بەش دانە، سەرپىستان يەتتە دانە، گاۋزىبان، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن بەش گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا بىر كېچە چىلاپ كاشكاپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېتىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

    زۇكام جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بىر بولاقتىن، كاشكاپ جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بىر بولاقتىن، خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، زۇپا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

   دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

   1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، مايلىق، ئاچچىق_چۈچۈك، زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك_ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

  2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يەڭگىل يېمەك_ئىچمەكلەر مىزاجغا قاراپ مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

   3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق مۇھىتتا تۇرۇشتىن، سوغۇق سۇ ئىچىشتىن، زىيادە چارچاش، غەم_ئەندىشە قىلىش، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا قارىتا كاللا_پاقالچەك شورپىسىغا سامساقنى كۆپرەك سېلىپ ئىچكۈزۈش، باشنى ئىسسىق ساقلاش، شۇنداقلا توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button