نەپەس يولى كىسەللىكلىرى

ئۆپكە توبىركىليۇزى

تونۇشتۇرۇلىشى

بۇ ئۆپكە جاراھەتلىنىپ جۈدەتكۈچى قىزىتما بىلەن بىرگە ئۆتىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر.سىل كېسەللىكىدە يۆتەل، قان ياكى يىرىڭ بەلغەم بولىدۇ، كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلايدۇ.

سەۋەبى

ئۆپكە سىلنىڭ ئاساسلىق سەۋەپچىسى. ئۇ مۇنەكلىك نەزلە سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت. ئۆپكە سىلىنىڭ جاراسىمى ئۇ مۇنەتلىك نەزلە سۇيۇقلۇقى بىلەن ياكى قان ئارقىلىق ۋە خۇشنا ئەزالاردىن لىمغا سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق يۇتۇش يولى بىلەن ئۆپكىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا زېدىلىنىش سادىر قىلىدۇ.

ئۆپكە سىل جاراسىملىرى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەملەرنىڭ ھەمدە سىل كېسەللىكى سادىر بولۇۋەرمەيدۇ. ئۇ مۇنەكلىك نەزلە سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۆپكىگە ئورۇنلاشقان سىل جاراسىملىرى ئۆپكىدە كۆپىيىپ، زەھەر چىقىرىپ قان ئايلىنىشتا تارقاتقاندىن كېيىن، ئومۇمىي بەدەن ۋە نەسەبلەرنى غىدىقلاپ بىر خىل زەھەرلىنىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كىلىنكىلىق ئىپادىسى

1-پۈتۈن بەدەنلىك ئالامىتى:

پۈتۈن بەدەندە زەھەرلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ چۈشتىن كېيىن تۆۋەن تېمپىراتۇرا بولىدۇ. ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇرۇقلايدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ.

2-نەپەس سىستېمىسىدىكى ئالامەتلەر؛

ئادەتتە قۇرۇق ھۈتەل بولىدۇ ھەمدە ئاز مىقداردا شىلىمشىق بەلغەم كېلىدۇ. داۋاملىق يۇقۇملانغاندا شىلىمشىق ۋە يىرىڭلىق بەلغەم كېلىدۇ. ئۈچتىن بىر قىسىم بىماردا قان قەي قىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

3-بەدەن ئالامىتى:

دەسلەپكى باسقۇچىدا رۇشەن بەدەن ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، كېسەللىك دائىرىسى كېڭەيگەندە كېسەل تەرەپلەردىكى ئۆپكە ھەرىكىتى ئاجىز بولۇپ، چىقىپ تەكشۈرگەندە تۇتۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ. ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە نەپەس تاۋۇشى ئاجىز كېلىدۇ ياكى شاخچە كانايچە ئۆپكە پۈۋەكچە نەپەس تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. ئۆپكە تۇبىركىليۇزى يۇقارقى ئۆپكە ئۈچ ئارقا قىسمى ۋە ئاستى قاناتنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنى ئوقرەك سۆڭەك ئاستى، ئۈستى، تاغاق سۆڭەك رايونىدا چېكىپ تەكشۈرگەندە سوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1.ئۆپكىدىكى جاراھەتنىڭ پۈتۈشىنى تېزلىتىش.

2.يارىغا  گۆش ئۈندۈرۈپ، پۈتۈپ ساقىيىشىنى تېزلىتىش.

3.نەپەس ئېلىشنى كۇشادىلاشتۇرۇش ۋە بەلغەمنى ئوڭاي چىقىرىش.

4.نەزلىنى توختىتىپ ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ زېدىلەندۈرىدىغان مۇنەكلىك نەزلە سۇيۇقلىقىنىڭ ئۆپكىگە داۋاملىق كېلىشىنى توسۇش.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

# سىستېما گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button