ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىتىبابەت نەزىرىيىلىرى

ھاۋا

چۈشەنچە

تۆت ئاساسى ماددا(تۆت تادۇ)تەلىماتىدىكى تۆت ماددىنىڭ بىرى .ھاۋا بوشلۇقلارنى  (ۋاكوئۇملارنى) ۋە بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ تۇرغۇچى مىكرو دانىچىلىق ماددىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار يەنە ھاۋانىڭ جىسىملارغا گاھى ئىسسىق، گاھى ھۆللۈك ئۆتكۈزۈش تەسىرىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك چوڭ ماددا دەپ ھېساپلىغان، ھەكىم سۇلتانى ئەلى «دەسترۇلئىلاج» ناملىق ئەسىرىدە « ھاۋا ئاددى ماددا بولۇپ، ئورنى سۇدىن يۇقىرى ئوتتىن تۆۋەندۇر، تبىئىتى ھۆل ئىسىسىق، ھاۋا سۇدىن لەتىفراقتۇر، ئۇ نەرسىلەرنى سۇدەك ھۆل قىلمايدۇ، ھاۋا بەك لەتىف بولغاچقا ھېچقانداق نەرسىلەرنى بۇلغىمايدۇ » دېيىلگەن.  ھاۋا بوشلۇقلارنى ھەم بوشلۇقلارنى تولدۇرغۇچى ماددىلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ، باشقا ماددىلار (ئوت، سۇ، تۇپراق) نىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەم ئۇلارغا نىسپى تەسىر كۆرسەتكۈچى ماددىلاردۇر.

ئورنى

ھاۋانىڭ ئەسلى ئورنى- بوشلۇقتىن ئىبارەت، ياكى بوشلۇققا تارقىلغان ماددىلارنىڭ مېكرو زەرىچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، ئورنى ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدەدۇر. ۋەزىنى نىسپى يەڭگىل .

ھاۋا پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەممە قىسمىغا زىچلىقى ئوخشاش بولغان دەرىجىدە تارقالغان بولۇپ، تارتىش كۈچى كۈچلۈك، تېمپراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغان مۇھىتلاردىكى ھاۋانىڭ زىچلىقى چوڭ، ئەكىسچە بولغاندا كىچىك بولىدۇ.

ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ «ئېھسال ئۆلۈم» ناملىق ئەسىرىدە، «ئالەمدە ماددىسىز بوشلۇق يوق (ئەمەلىي ماددا ئىگەللىمىگەن بوشلۇق) ، ئۇ بوشلۇقنى ۋە شۇ بوشلۇق ۋە تولدۇرۇپ تۇرغۇچى دەل ھاۋادۇر » دەپ بايان قىلىنغان، ئۇيغۇر تىبابىتىدە دېيىلىۋاتقان ھاۋا ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىلىدۇ. تارمەنىدە يەرشارىنى ئوراپ تۇرغان ئاتموسفېرا كۆزدە تۇتۇلسا، كەڭ مەنىدە پۈتكۈل ئالەم بوشلۇقىدىكى ماددىنىڭ ھەرىكەت ئورنى بولغان بوشلۇقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

خۇسۇسىيەتلىرى

ئادەتتە ئۇيغۇر تىبابىتىدە دېيىلىۋاتقان ھاۋا بوشلۇقلارنى ۋە بوشلۇقلارغا تارقىلالىغان باشقا ماددىلارنىڭ مېكرو بۆلەكلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ نىسپى شالاڭ ھەم لەتىف جىسىمدۇر. ئۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئوتنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتكە ئىگە بولغان قىسىمى (شامال) تۇپراق تەبىقىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ۋاستىلىك ھەرىكەت بېغىشلاش، ئوتنىڭ سۇ ۋە تۇپراققا بولغان ئارتىق تەسىرلىرىنى توسۇش ياكى تەڭشەش، جىسىمغا پۇراق پەيدا قىلىش، ماددىلارنىڭ قۇرۇلما ھالەتلىرىنى تەڭشەش تەسىرى بولۇپ، ئالەم ۋە ئادەم تۈزۈلىشىدە بىر ماددا سۈپىتىدە قاتنىشىپ ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. ئۇ نىسپى يەڭگىل بولغاچقا ئورنى ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقتۇر، ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

ھەر قانداق ماددىنىڭ ھەرىكىتى مەلۇم بوشلۇقتا مەلۇم ماددىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ. شۇ بوشلۇق دەل ھاۋادۇر.

نىسپى، شالاڭ، لەتىف جىسىملىق خۇسۇسىيىتى

شالاڭ، لەتىف بولۇشى ئادەم ۋە ئالەم تۈزۈلمىسىدىكى روللارغا ماسلاشقان بولغاچقا يەنى ئالەم تۈزۈلمىسىدە زىچ جىسىملارنى بىر بىرىگە كىرىشتۈرۈش، باشقا ماددىلار ( ئوت، سۇ، تۇپراق) نىڭ پارلىنىشچان تەركىبىلىرىنى ئۆز تەركىبىگە تارقالدۇرۇپ، ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر، ئادەم بەدەن تۈزۈلمىسىدە بولسا، بەدەننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى (شەكلى، ھالىتى ۋە خىزمىتى) مۇكەممەللىكىنى ساقلاشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. بەدەن تۈزۈلمىسى توغرىسىدا ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ «يۈرەك دورىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە، «ئەزالار خىلىتلارنىڭ قۇيۇق، كەسىف قىسمىدىن پەيدا بولغىنىغا ئوخشاش، روھ  خىلىتلارنىڭ لەتىف ئۇچۇچان قىسمىدىن پەيدا بولغان. ئۇلارنىڭ نىسبىتى ئوخشاشتۇر» دەپ بايان قىلغان.

تۆت خىلىت تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى بولغاچقا، بەدەن تۈزۈلىشىدە ئالەم بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.

ھاۋا  بەدەندىكى روھ –قۇۋۋەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، ئۆزىنىڭ شالاڭ، لەتىف خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇقراتنىڭ نەزىرىدە ھاۋا روھتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ. ئىبىنسىنا «ئەلقانۇن» ناملىق ئەسىرىدە، روھ خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان قىسمى بىلەن ھاۋايى نەسمى(ساپ ھاۋا) نىڭ بىرىكىشىدىن يۈرەك سول قېرىنچىسىدا بارلىققا كېلىدۇ. بەدەندىكى روھلارنىڭ مەنبىئىي شۇدۇر » دەيدۇ. ھاۋانىڭ روھنى بارلىققا كەلتۈرىشىدىكى سەۋەب ھاۋا ئىنتايىن لەتىف، نىسپى شالاڭ جىسىم بولغاچقا ئوتنىڭ تەسىرىدە مىكرو تەركىبلەرگە سىڭىپ كىرەلەيدۇ. ئۇنداق بولغاندا روھ بەدەننىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەركىبلىرىگىمۇ سىڭىپ كىرىپ ، بەدەننى پەرۋىش قىلىش، ئۆستۈرۈش، رولىنى ئوينايدۇ. ھەم بەدەندە ئېلىپ بارغان ھەرخىل ماددا ئالمىشىش پائالىيەتلىرىنى نورمال تەرتىپكە سېلىپ، ھاياتلىقنىڭ نورمال داۋاملىششىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھاۋانىڭ شالاڭلىق، لەتىفلىك خۇسۇسىيىتى ئۆسۈملۈكلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوتنىڭ تەسىرىدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ئۈچۈن فوتوسىنتز ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ھاياتىنى داۋام قىلىدۇ.

ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا ھاۋانىڭ شالاڭ، لەتىفلىك خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ زۆرۈر بولغان روللىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى

ھاۋا ئوتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى ناھايتى ئەركىن ماددا بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئۆزى ئورۇنلاشقان بوشلۇقلارنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقىلىپ، شۇ بوشلۇقنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ ئىنتايىن مىكرو تۈزۈلۈشكە ئىگە شالاڭ جىسىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم ئۇنىڭ ئىنتايىن مىكرو تۈزۈلۈشلەرگىمۇ سىڭىپ كىرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى شالاڭ مىكرو تۈزۈلۈشكە ئىگە ھەرقانداق ماددا ئۆز زىچلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن ، ئۈزلۈكسىز ھالدا باشقا ماددىلاردىن ئوزۇق ئېلىپ تۇرىدۇ (مىكرو تەركىبلەر پالىنىپ شۇ بوشلۇققا تارقىلىپ تۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ خۇددى سۇنىڭ يۇقىردىن تۆۋەنگە ئېقىشىغا ئوخشاش بىر خىل جەرياندۇر )، ۋە ئۇ بوشلۇق يېپىق بولسا شۇ بوشلۇققا قاپسېلىپ ئۆز خىزمىتىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي بولىدۇ. ئاقار جىسىملار فىزىكىسىدىن مەلۇمكى « مەجبۇرلانغان ھەرىكەت شۇ سېستىمىغا قارىتا ماددىلار ئوتتورىسىدا بولىدۇ. ئاقار جىسىملار ئېنىرگىيە تەسىرىدىن مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ، ئۆزى ئېنىرگىيەگە ئېرىشىپ ئۇ ئېنىرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ. مەجبۇرلانغان كۈچنىڭ تەسىرىگە يوقالغاندا، شۇ سېستىما ئىچىدە ئۆز ئېنىرگىيىسىنى سەرەپ قىلىدۇ. مەسىلەن قار يامغۇرلارنىڭ يېغىشى  » .

يۇقىردا دېيىلغاندەك ئىختىيارى بولىدىغان ھەرىكەت مەجبۇرىي بولىدىغان ھەرىكەتنىڭ ئەكسى بولۇپ، ھاۋاغا قارىتا بولىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەردە يەنىلا بولشۇقلارنى تولدۇرۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەكس ئەتكەن.

ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ «ئېھسال ئۆلۈم» نامىلىق ئەسىرىدە، ھاۋا ئۈستىدە توختىلىپ، « … ئالەمدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرغۇچى دەل ھاۋادۇر. ھاۋا ئوتنىڭ مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرىشى بىلەن شامال ۋە بورانلار پەيدا بولىدۇ. ئۇ ھەرىكەت ئارقىلىق بوشلۇقلارغا تارقىلىدۇ» مانا بۇ ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش رولىدىن ئىبارەت، بولۇپ، جانلىقلار ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلىشىدە ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىسا نورمال قىياپەت (فېگورا) ئىستىتىكىغا (گۈزەللىككە) لايىق شەكىللەنمەيدۇ.

تۇپراق تەبىقىسىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ۋاستىلىق ھەرىكەت بېغىشلاش خۇسۇسىيىتى

ھەرىكەت كۈچنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولىدۇ. جىسىمدا ھەرىكەت پەيدا قىلغۇچى كۈچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. جىسىم ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچ قارىشىلىق كۈچ دېيىلىدۇ. ھاۋا ئوتنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتكە ئىگە بولغاچقا تۇپراق تەبىقىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، ھەرخىل تەبىئىي ھۆنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ. «دۇنيادىكى تەبىئى ھەيكەلتراشلار » دېگەن كىتابتا شامال، سۇ ۋە بىر قىسىم ھايۋاناتلارنىڭ رولى ئۈستىدە تەپسىلى توختالغان. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى شامال ئوت تەبىقىسىنىڭ ھاۋاغا ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شامال ئىسسىق ھاۋا بىلەن سوغۇق ھاۋانىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىدىن پەيدا بولغان بىر خىل تەبىئى كونۋېكسىيىلىك ( كونۋېكسىيە ئاقار جىسىملارنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدىكى ماددىلارنىڭ نىسپى ئېقىمى ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئالماشتۇرىدىغان جەريان، ئاقار جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناھايتى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش شەكىلى ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ماددىلار كونۋېكسىيىلىك جەريان ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ، ئاقات جىسىملارنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ نىسپى ئېقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەبىئىي كونۋېكسىيە ۋە مەجبۇرىي كونۋېكسىيە دەپ ئىككى خىل بولىدۇ)  جەرياندۇر.

شامالنىڭ سۇ تەبىقسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بولسا ۋاستىلىق تەسىر بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا، ئوتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، شامالغا ئايلىنىپ شامال سۇ يۈزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن سۇ بىلەن سۈركىلىش ھاسىل قىلىپ، سۇ دولقىنىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئوتنىڭ ھاۋاغا بولغان تەسىرى تۇپراققا ۋاستىلىك ئۆتىدۇ. مانا بۇ ھاۋانىڭ تۇپراق تەبىقىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ھەرىكەت بېغىشلاش تەسىرىدىن ئىبارەت.

ھاۋانىڭ ئوتنىڭ تۇپراق تەبىقىلىرىگە بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش خۇسۇسىيىتى

تۇپراق ۋە سۇ تەركىبلىرىنىڭ  ئارەزى ھالەتتە پارچىلنىشنى توسۇش خۇسۇسىيتىگە قارىتىلغان بولۇپ ئوت سۇنى قىزدۇرۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش، تۇپراققا بولسا تۇپراقنى پاچىلاش، يىمىرلىشنى تىزلىتىش قاتارلىق تەسىرلىرىنى كۆرسەتكەچكە  ھاۋا ئوتنىڭ ئۇلارغا بولغان ئارتۇق تەسىرلرىنى (سۇ تۇپراقنى ئوراش ياكى قورشاش) توسىدۇ، ھەم بۇ ئارقىلىق ئېكىلوگىيلىك مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى سىليوۋ لاپاس (پارنىك) نىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشايدۇ. سىليوۋ لاپاس قىش ۋاقتىدا لاپسنىڭ تېمپراتۇرىسىنى تەڭشىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە لايىق تېمپراتۇرا بىلەن تمپراتۇرا ھازىرلاپ بېرىدۇ. ھاۋامۇ شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئوت تەركىبىدىكى زىيانلىق تەركىبلارنى سۈزىدۇ، ياكى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

نۇرغۇن گازلار مىزاجى بىر خىللىق ئاساسىدا ھاۋا كاتىگورىيىسىگە جەملەنگەن بولۇپ، ئوتنىڭ سۇ ۋە تۇپراق تەبىقىلىرىگە بولغان ئارتۇق تەسىرىنى تەركىبىدىكى گازلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق توسۇپ، ناھايتى ئاز قىسمىنىلا ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى تۇپراق ۋە سۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ماسلاشقاندۇر، بۇ نى مۇنداق چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تېرە سىرتقى مۇھىتتىكى باشقا ماددىلارنىڭ تەسىرى سېزىمىنى ئاجىزلاشتۇرپ، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى پوسىتىدىمۇ، ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسى ھەتتا تۈكلىرىدىمۇ، شۇنداق خۇسۇسىيەت بولىدۇ. ھاۋانىڭ يۇقارقى خۇسۇسىيىتىنى ئادەم ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پوستىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئوتنىڭ تۇپراققا، سۇغا بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش رولى ھاۋنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر.

ھاۋانىڭ جىسىمغا پۇراق پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى

ھەرقانداق جىسم ئازدۇر كۆپتۇر بولسۇن مۇھىت ئىچىگە تارقىلىپ تۇرىدۇ. شۇ جىسىمنىڭ پۇراقلىرى ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ھاۋانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پۇراش ئورۇنلىرىغا يېتىپ بېرىپ، جىسمدا پۇراقتىن ئىبارەت بىر سېزىمنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە كۆرۈش سېزىمى مۇھىتقا مۇھتاج ئەمەس، يورۇقلۇق چۈشكەن ھەرقانداق ماددىنى كۆرەلەيدۇ، ئۇندىن باشقا بارلىق سەزگۈلەر مۇھىتنى ۋاستە قىلىپ ئاندىن تارقلىدۇ. مەسىلەن ئاۋاز سېزىمى ھاۋا زىچلىقى چوڭ جايدا كۈچلۈك ئاڭلىنىدۇ. ھاۋا زىچلىقى شالاڭلاشقانسېرى چاستوتىسى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئاۋاز مەنبىئىنىڭ ئوخشاش بولىشىغا قارىماي ئاجىزلايدۇ. قوۋۇس بوشلۇقىدا بولسا تارقىلالمايدۇ. ئاۋازنىڭ ۋە پۇراقنىڭ تارقىلىش ۋاستىسى يەنىلا ھاۋادۇر، ئۇلارمۇ قوۋۇس بوشلۇقىدا تارقىلالمايدۇ. شۇڭا ئېيتىمىزكى ھاۋا كۆرۈش سېزىمىدىن باشقا سېزىم پائالىيەتلىرىنى سېزىش ئەزالىرىغا ۋاستىلىق يەتكۈزگۈچىدۇر. ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ يۇقىردا دېيىلىپ ئۆتكەندەك ، روھ ساپ ھاۋانى مەنبە قىلىپ پەيدا بولۇپ، گەۋدەنى ۋاستە قىلىپ پۈتۈن ئەزالارغا تارقىلىدۇ.

ھاۋانىڭ ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى

ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرى ئۇنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇن ھالەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، شەكلىنىڭ مەزمۇنىغا خاس ھالەتتە ياكى مەزمۇنىنىڭ شەكلىگە مۇناسىپ  پەيدا بولىشى، ھاۋانىڭ ماددا ھالەتلىرىنى تەڭشەگۈچىلىك رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. يەنى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشنىڭ سموۋولى ھاۋادۇر. ھەر قانداق بوشلۇق (ھېچقانچىق نەرسىنىڭ يوقلىقى) مۇكەممەلسىزلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. مۇشۇنداق مۇكەممەلسىزلىكنى تۈزەتكۈچى دەل ھاۋادۇر.  مانا بۇ ئۇنىڭ ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئىبارەت. ئادەم بەدەن تۈزۈلىشىدە بولسا، يەنىلا شۇ مۇناسىۋەت ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، روھتىن ئىبارەت بىر ماددىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ بەدەننىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يېتىپ بېرىپ، گەۋدە ھەرىكىتىنى تولۇق كامىل ئورۇنلاپ، ئادەم بەدىنىدىكى خاس مۇكەممەللىكنى شەكىللەندۈرگەن، .

ھاۋا ئالەم ۋە ئادەمنىڭ تۈزۈلىشىدە ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ دېگەن خۇسۇسىيىتى بولسا، ئۇنىڭ مىكرو بوشلۇقلارغا سېڭىپ كىرىش ۋە ئۇلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ماددا تۈزۈلۈشىدە ئاساسىي زىچلىقنى نورماللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ.

ھاۋانىڭ كەيپىياتى ھۆل ئىسسىق دېگەن خۇسۇسىيتى، ئۇنىڭ يۇقىردا ئېيتىلغان بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھاۋا بوشلۇقلارنى ۋە بوشلۇقلارغا تارقلالغان باشقا ماددىلارنىڭ مېكرو بۆلەلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ نىسپى شالاڭ ھەم لەتىف جىسىمدۇر. ئۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئوتنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتكە ئىگە بولغان قىسىمى (شامال) تۇپراق تەبىقىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغا ۋاستىلىك ھەرىكەت بېغىشلاش، ئوتنىڭ سۇ ۋە تۇپراققا بولغان ئارتىق تەسىرلىرىنى توسۇش ياكى تەڭشەش، جىسىمغا پۇراق پەيدا قىلىش، ماددىلارنىڭ قۇرۇلما ھالەتلىرىنى تەڭشەش تەسىرى بولۇپ، ئالەم ۋە ئادەم تۈزۈلىشىدە بىر ماددا سۈپىتىدە قاتنىشىپ ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. ئۇ نىسپى يەڭگىل بولغاچقا ئورنى ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقتۇر دېگەن خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق ئالەم ۋە ئادەم بەدىنى تۈزۈلمىسىگە قاتنىشىدۇ.

ھازىرقى زامان يېزا-ئىگىلىك ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغان ئەگىشپ، ئاتموسفېرانى‹‹ ھاياتلىققا ئىگە›› دەپ تەرىپلەيدۇ. مانا بۇلار ھاۋا ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەنچىدىن ئىبارەتتۇر.

ھاۋانىڭ ئادەم ئورگانىزىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەممىمىزگە مەلۇمكى جانلىقلار ھاۋادىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ. جۈملىدىن ئىنسانلار ھاۋادىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ. ئورگانىزم ھاۋادىن ئايرىلسا ئەڭ دەسلەپ مىڭە ھۈجەيرىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئەزالار ئاستا-ئاستا زەئىپلىشىپ، بەدەندىكى ھاياتلىقمۇ توختايدۇ. قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابەت پىشىۋالىرى «ئىنسان ياشاش جەريانىدا تۆت چوڭ ماددىدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ قايسى بىرى يوقالسا ھاياتلىقمۇ توختايدۇ» دەپ قاراپ، ھاۋانى «ماددىي روھ» دەپ ئېيتقان. ماددى روھ بولغان بەدەندىكى نامايەندىسى روھتىن ئىبارەت. دېمەك، ھاۋا يەنى ئوكسىگېن ئادەم بەدىنىدىكى ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان روھىي ھايۋانىينىڭ ئاساسىي بولۇپ، بەدەندە ھاسىل بولغان خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان، جەۋھەر قىسمى مۇشۇ ماددى روھ يەنى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچراشقاندىلا ئاندىن بەدەندە ياخشى روھ شەكىللىنىپ ھاياتلىق نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ. دېمەك، روھ يوقالسا ياكى قالايمىقانلاشسا پۈتۈن بەدەن خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىدۇ. ھەتتا ھاياتلىق توختايدۇ. روھ ھاسىل قىلىشتا ھاۋادىكى ئوكسىگېن بەدەنگە كىرىپ ئۆپكە قان ئايلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنىپ، بەدەندىكى كېرەكسىز كاربون (Ⅳ) ئوكسىد سىرتقا چىقىرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش نورمال ئېلىپ بېرىلىپ ھاياتلىق داۋاملىشىدۇ. ھاۋاسىز ھاياتلىقنى قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا ھاۋا ھەر قايسى سېستىمىلارغا بولغان تەسىرى ۋە ئۇ سېستىمىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندە ئايرىم ئايرىم چۈشەندۈرىمىز .

ھاۋانىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاساسلىقى ئىغىز بوشلۇقى، تىل، يۇتقۇنچاق، بوغۇز، قىزىل ئۆڭگەچ، جىگەر، ئۆت، ئۆت خالتىسى، ئاشقازان كىرىش ئىغىزى، ئاشقازان، ئاشقازان چىقىش ئىغىزى، 12 بارماق ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بىزى، بوغماق ئۈچەي، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە، قارىغۇ ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، Sسىمان ئۈچەي، تۈز ئۈچەي، مەقئەت قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى مىزاجى سوغۇق بولىدۇ. (جىگەر ۋە ئۆتتىن باشقىسى) ئۇلارنىڭ بۇنداق مىزاجىدا بولىشى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىگە ماسلاشقان، جىگەرنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇ ھاۋادىن ئۆز مىزاجقغا يارىشا قۇۋۋەت ئالمىغىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ھەم ھەرقايسى ئەزا توقۇلمىدا بولىدىغان تۆت قۇۋۋەتنىڭ ئىچىدىمۇ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيلىك خىزمىتى ھۆل ئىسسىق كەيپىياتقا ماسلاشقان بولۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولىشى، سۈمۈرلۈش ئەھۋالىنىڭ ھەممىسى ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، تۆت ماددا ئالەم ۋە ئادەم بەدىنىنى تۈزۈشتىكى دەسلەپكى خام ئەشيا بولغانغا ئوخشاش ھەممە ئەزا توقۇلمىلاردا بولىدىغان تۆت خىل قۇۋۋەت شۇ ھاياتلىقنىڭ مەۋجۈدىيىتىدە تۆت چوڭ ماددىدەك مۇھىم . ئۇلارنىڭ بىرەرسىنى يوق دەپ پەرەز قىلساق ھاياتلىقنى پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

ھاۋانىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولسا، ھاۋا يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەندەك تۆت خىل قۇۋەت نورماللىقىنى ساقلاش ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ نورمال فىزولوگىيلىك خىزمىتىنى تەڭشەيدۇ، بۇنداق ساقلاش روھنىڭ تۇرىتكىسىدە بولۇپ ، رۇھ، قۇۋۋەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىدا بىۋاستە ئامىلدۇر، خۇددى ھاۋا روھنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئامىل بولغانغا ئوخشاش قۇۋەتنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئامىلدۇر، ھاۋا ئۆزىنىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتى ئارقىلق ھەزىم ئەزالىرىنىڭ نورمال ھەجىمىنى ساقلايدۇ، ھاۋا كاتىگوريىسىگە تەۋە ھەزىم ئەزالىرىنىڭ كاۋاكلىرىدا يىمەك-ئىچمەكتىن ئاجىرلىپ چىققان بىرخىل بوخارى جىسىم (تەبئيى يەل) بولۇپ بۇخىل بۇخارى جىسىم ھەزىم ئەزالىرىنىڭ لۆمۇلدىمە ھەرىكەتلىرىنى (ئاساسلىقى ئاشقازان ئۈچەي) كۇچەيتىپ يىمەك-ئىچمەكنىڭ ھەزىم بولىشنى، سۈمۇرلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۆل ئىسسىق تەبئيتى بىلەن بەدەندىكى تۇپراقنىڭ ۋەكىلى بولغان سەۋدا خىلتىنى كەيپىيات جەھەتىتن مۇتلەق تەڭشەيدۇ، سەپرا، بەلغەم خىلىتلىرىنى تەبئىي تەڭشەپ ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا بولغان ئارتوق تەسىرىنى تۇسىيدۇ.

ھەزىم قىلىش سىستىمىسىغا تەۋە ئەزالارنىڭ نورمال بىسىمىنى ساقلايدۇ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىكى ھەم ئۇلارنى تۇزگۇچى توقۇلمىلار ئوتتۇرسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل بىسىملەرنى پەيدا قىلىدۇ ياكى تەڭشەيدۇ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلش ئەزالىرىنى ئارتوقچە غىدىقلاشنى توسىيدۇ، نورمال غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ نورمال لۆمۇلدىمە ھەركىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، جىگەرنىڭ ھەزىم پائالىيتىگە قاتنىشىپ ياكى تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدۇ ھەم جىگەرنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان مىزاجىنى نورمال ساقلاپ خىلىتلارنىڭ نورمال ئىشلىنىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەم ھەزىم ئەزالىرىنىڭ نورمال تۇزلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ ھەزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان ئەڭ مۇكەممەل شەكىلنى ھاسىل قىلىش ۋە ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ھاۋا يۇقىرقىدەك رولى ئارقىلىق ھەزىم ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ،ھەم ھەزىم ئەزالارنىڭ خادىمىيلىك رولىدىن ئىبارەت رولىنى تولۇق ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەگەر ھاۋا ئۆزىنىڭ يۇقىرقىدەك تەسىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىسا ياكى ھەزىم ئەزالىرى ھاۋانىڭ تەسىرلىرىنى قۇبۇل قىلمىسا ھەرخىل كىسەللىك ئۆزگىرىشى كىلىپ چىقىدۇ،ئىبىن سىنا ئۆزىنىڭ«يۇرەك دورىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە «تەبىئەت خۇسۇسىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەيدۇ شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولدۇكى ھاۋا ۋە باشقا ماددىلار (ئوت،سۇ،تۇپراق)نىڭ  پۇتۇن خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنىڭ كەيپىياتىغا توپلاشقان بولۇپ بۇخىل خۇسۇسىيەت كەيپىيات، ھەقىقەتتە خۇسۇسىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يۇقىرقىلار ھاۋانىڭ ھەزىم سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.

ھاۋانىڭ قان ئايلىنش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئۇيغۇر تېبابەت ئاساسى نەزىريىسىدە قان خىلىتى ھاۋانىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى بولۇپ ئورنى جىگەر، يۇرەك، قانتومۇرلاردا ،يىلىكتە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

مۇشۇ نەزىريىگە ئاساسلانغاندا ھاۋانىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئىككىسى ماھىيەتتىن ئېىيقاندا ھاۋانىڭ ھەرقايسى سىستىمىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇ سىستىمىلارنىڭ روھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتگە ئوخشايدۇ، چۇنكى رۇھ شۇ ئەالارنىڭ نورمال فىزولوگىيلىك خىزمىتىگە قانداق مۇھىم بولسا، ھاۋا شۇ ئەزالاردىكى روھنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن شۇنداق مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا شۇنداق ئېيتىشقا بولدىكى ھاۋا ھەرقايسى ئەزا بىلەن بىۋاستە ھەم ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك ، بىۋاستە مۇناسىۋىتى روھنى بارلىققا كەلتۇرۇش مۇناسىۋىتىدۇر، ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولسا «سۇنىڭ دەريا،كۆللەردە پارلىنىپ ھاۋاغا چىققاندىن كىيىن سۇ پارى ئۆزئارا بىرىكىپ يەرگە چۇشكىچە بولغان ئارلىقتا يامغۇر يەرگە چۇشۇپ دەريا، كۆللەرگە توپلاشقاندىن كىيىن يەنە شۇنىڭدەك نام بىلەن ئاتىلدىغانلىقىدەك ھەرقايسى ھالقىلاردا شۇ ھالقىنىڭ بىشى ۋە ئاخىرقى قىسمىدىكى مۇناسىۋەت مەسلىسىدەك مۇناسىۋەتتۇر» .

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، ھاۋا روھنىڭ بارلىققا كىلىشىدە ئاساسى ئامىلدۇر، قان روھنى تۇتقۇچى ئاساسى ئامىلدۇر.يۇرەك ئۇنى ھەرىكەتلەندۇردىغان مەركىزى ئەزادۇر، ئۇلارنى يەنى ئۆزىدىن ھاۋانىڭ يۇرەك قانتومۇر سىستىمىسىغا بولغان مۇناسىۋىتى قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تۇۋەندە ئايرىم-ئايرىم سۆزلىنىدۇ.

ھاۋانىڭ يۇرەك قان ئايلىنىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

يۇرەك قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالار ئاساسلىقى يۇرەك قىزىل قانتۇمۇر ۋە كۆك قانتومۇرلاردور.قىزىل قانتومۇر لىمفا ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى لىمفا كاناللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ ھاۋا شۇ ئەزالارنى تۇزۇشتە بىر ماددا سۇپىتىدە قاتنىشىدۇ،بۇخىل تۇزىلىشكە ھاۋانىڭ بەدەندىكى زاھىرى (ۋەكىلى) بولغان قان خىلىتى قاتنىشىدۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغاندا پۈتۈن بەدەن شۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئۆزئارا ناھايتى مۇرەككەپ ھالدا بېرىكىشى بىلەن پەيدا بولىدۇ ، ھاۋا شۇ تەننى تۈزۈشكە بىر ماددا سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. بۇخىل قاتنىشىش ھاۋانىڭ خۇسۇسىيتى بىلەن بولىدۇ.

شۇنداق دەپ ئېيتىمىزكى ھاۋا قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۇزۇشتە بىر بىر ماددا سۇپىتىدە قاتنىشىدۇ ، بۇخىل قاتنىشىش ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرىشتىن باشقا ماددىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىرىنى تەڭشەش شۇ ئەزالارنىڭ ئومۇمى ھالەتلىرىنى تەڭشەش دىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتلىرى بولۇپ ئۇ ئەزالارغا تۇۋەندىكىدەك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتى بولسا ماددا تۇزلىشى زىچلىق ئىتىبارى بىلەن بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئۆز خۇسۇسىيتىگە يارىشا فىزۇلۇگىيلىك خىزمەتلىرىنى بىجىرىش ئۇنىڭ تۇزلىشى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك ساددا ھالەتتە سۇ، تۇپراق ياكى ئوتتىن تۇزۇلگەن ماددىلارنىڭ مۇكەممەللىكىدە نوقسان بولىدۇ، زىچلىقى خۇسۇسىيتىگە يارىشا بولمايدۇ ، ئارلىقلىرىدا مەلۇم بوشلۇقلار ۋە كاۋاكلار شەكىللىنىپ قالىدۇ ، زىچلىقى بەك ياكى بەك كىچىك بولۇپ كەتكەن بولىدۇ ،بۇ خىل ھالەتتە تۇزىلگەن ماددىنىڭ ئەفئالى (فىزىئولوگىيسى) غەيرى تەبئىي بولىدۇ، ھاۋا ئۆزىنىڭ بوشلۇقلانى تولدۇرۇش خۇسۇسىيتى ئارقىلىق قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۇزىشكە قاتنىشىپ زىچلىقىنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە يارىشا (قۇۋۋىتىگە) بەرداشلىق بىرەلېگىدەك دەرىجىدە شەكىللەندۈرىدۇ.

باشقا ماددىلارنىڭ (ئوت، سۇ، تۇپراق)  ئۆزئارا تەسىرىدە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيتى بولسا يەنە ئېيتىمىزكى مۇرەككەپ ماددا تۇزلىشى ماددىلار ئارسىدىكى (تۆت چوڭ ماددا ئارىسىدىكى) ئۆزئارا تەسىرى كۇچلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ خۇسۇسىيتىنى ئىلگىرى سۇرۇش ۋە نىسپى چەكلەش ئارقىلىق شەكىلى، خۇسۇسىيەتكە لايىق مۇرەككەپ ماددا تۇزلىشى پەيدا بولىدۇ،ھاۋانىڭ مۇرەككەپ ماددىلارنى  تۇزۇشتىكى ئۇلارنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكىنى، ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش رولى ئۇنىڭدىلا بولماستىن تۆت چڭ ماددىنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇتتۇر، ھاۋا قان ئايلىنىش سىستىمىسىنى تۇزگۇچى ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيتىنى خىز مىتىگە لايىقلاشتۇرۇش رولى بولسا تۆت ماددىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئارقىلىق  بولىدۇ، ھاۋا ئۆزىنىڭ بۇخىل خۇسۇسىيتى ئارقىلىق يۇرەك قانتۇمۇر سىستىمىسىدىكى ئەزالارنى جۇملىدىن پۇتكۇل بەدەننىڭ تۈزىلىشنى تۇزگۇچى ماددلارنىڭ خۇسۇسىيتنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ، ھاۋانىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئومومىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيتى بولسا ماددىنىڭ شەكىل ھالىتى خۇسىيتىگە ماسلاشقان بولۇپ بۇخىل خۇسۇسىيەت ھاۋا ئۆزىنىڭ بىر ماددىلىق سۇپىتى بىلەن باشقا ماددلارنىڭ خۇسۇسىيتىنى ئۆزئارا تەڭشەپ ئۇ ئەزالارنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ.

ھاۋانىڭ كەيپىياتى ئۇنىڭ ئومومىي خۇسۇسىتىنڭ يىغندىسى بولۇپ ھاۋا ئۆزىنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەت،ئالاھىدىلكنى ئۆزىنڭ كەيپىياتىغاجەملىگەن.

ھاۋائۆزىنىڭ كەيپىيات ئالاھىدىلىكىگەئاساسەن ئۆزىنڭ خۇسۇسىيتىنى بەلگىلىگەن ماھىيەتىن ئىتقانداكەيپىيات خۇسۇسىيتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

ھاۋانىڭ قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلاربىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،قان خلىتى بەدەندىكى ھاۋانىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۇنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرى ھاۋانىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن كەلتۇرۇپ چىقىرىلغان ۋە تەجىربىدىن يەكۇنلەنگەن شۇڭا ئېيتىمىزكى ھاۋا قان تەركىبىدىكى روھ  (بارلىق ئەزا ئىھتىياجلىق بولغان قۇۋەتنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل) بارلىققا كەلتۇرگۇچى ئاساسى ئامىلدۇر ، قۇۋۋەت رھدىن مەدەت ئالمىغۇچە ئۆزرولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ ، روھ ھاۋادىن مادەت ئالمغۇچە پەيدا بولمايدۇ،ھەم ئەزانى ئوزۇقلاندۇرالمايدۇ ھەم پەرۋىش قىلالمايدۇ.ھاۋا ھاۋا بىلەن قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى روھ،قۇۇۋەت بىلەن باغلانغان بولىدۇ.قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق قان ھۇجەيرسى، قان پىلازمىسىغابۆلىندۇ،قان ھۇجەيرىسى قىزىل قان ھۇجەيرىسى ،ئاق قان ھۇجەيرىسى،قان پىلاستىنكىسى دىن تۇزۇلگەن قان پىلازمىسى بولسا سۇ،ئىرىتمە ماددىلاردىن تۇزۇلگەن ئىرىتمە ماددىلار قان زەردابى ئاقسىلى، ئىيۇنلوق ماددىلار ،گاز ھالەتتىكى ماددىلار شۇنداقلا بىر قىسىم ئورگانىك ماددىلاردىن تۇزۇلگەن بولۇپ ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگىن ۋە باشقا ماددىلار بەدەندە روھنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۇرىتكە بولىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگىن، ئازۇت قان قىزىل ئاقسىلى بىلەن بىرىكىپ ھەممە ئەزالارنى ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلەپ ھەرقايسى ئەزالارغا ئىھتىياجلىق بولغان ئوكسىگىنىنى يىتەرلىك دەرىجىدە يەتكۇزۇپ بىرىدۇ ، باشقا گازلار(ئازۇت، ئىېنرىت گاز  ) بولسا بەدەنگە زۆرۇر بولغان ماددىلارنىڭ پارچىلنىپ كىتىشنى توسىيدۇ،ماددا ئالمىشىشنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يۇقارقىلار ھاۋانىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بولۇپ ھاۋا تەركىبىدىكى باشقا ماددىلار (ئازۇت ، ئېنرىت گازلار…) نەپەس ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان قىسمىنىڭ ئورگانىىزىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زادى قانداق ئىكەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس بۇ تەتقىق قىلىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنىڭ بىرى بەزىلەر ھاۋا تەركىبىدىكى ئۇ ماددىلارنىڭ يۇرەك قانتومۇر ۋە ئۆپكە توقۇلمىللىرىنىڭ ئاكتىپ ماددىلار تەسىرىدە سۇپەت ئۆزگىرىشنى توسۇش رولى بار دەپ قارايدۇ ، بۇ خىل قاراش « شەرھى ئەسباب»تا بايان قىلىنغان ،لىكىن ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى ئانچى مۇۋاپىق ئەمەس.

ھاۋانىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى

نېرۋا سىستىمىسى ئاساسلىقى، مەركىزى نېرۋا سىستىمىسى ئەتراپ نېرۋا سىستىمىسى دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بولىندۇ، ئۇ ئاساسلىقى روھى نەپسانىنىڭ نېرۋا ئايلىنىش روھنىڭ نېرۋا ئەسەبلەردىكى ئايلىنىشقا خاس بولغان قىسمىنىڭ پائالىيەت رايۇنى بولۇپ ئۇنىڭ تۇزلىشى شۇ خىل پائالىيەتكە ماسلاشقاندۇر، ھاۋانىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيتى  يۇقىردا بايان قىلىنغىندەك بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىردىكى خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق نېرۋا سېسىتىمىسىگە تەئەللۇق ئەزالاررنىڭ تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇ ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىگە ماسلاشقان تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلىرى بولىدۇ. يەنى نېرۋا تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىي باشقا ئەزا توقۇلمىلىرىغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ئۇ يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئوكسىگېن ئاساسىلىقى نەپەسلەنگەندە قىزىل قان ئاقسىلى تەركىبىگە سىڭگەن ئوكسىگېندىن كېلىدۇ. ئۇ ئوكسىگېن يەنىلا ھاۋانىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھاۋادىن كېلىدۇ.

نېرۋا تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنى كۈچەيتىدىغان ئامىللارنى قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسپاتلىغاندا ئۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى مېتابولىزىم ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. مېتابولىزىم ئېھتىياجىنىڭ ئۇنداق يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئوكسىگېننى تەلەپ قىلىشى مىڭە ھۈجەيرىلىرى ئاساسىي ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ئەڭ ئاسان پارچىلىنىدىغان لەتىف قىسىمى بولغان ئەزا توقۇلمىلار بىۋاستە پايدىلىنالايدىغان ھالەتتىكى بىر خىل ماددىغا ئەڭ ئېھتىياجلىقتۇر، بۇ ماددىنىڭ ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچ خىل بولۇپ، ئوكسىدلىنىش، ھىدروزلىنىش، باشقا ماددىلار بىلەن بېرىكىپ تويۇنغان ھالەتتىكى ماددىلارنى ھاسىل قىلىش (پولىمىرلىنىش)  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىش ھالىتىدە ئەزا توقۇلمىلارنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھېدروزلىنىش ھالىتىدە بولسا، باشقا ماددىلارغا ئايلىنىپ ئېنىرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ. بۇنىڭدا باشقا ماددىلار ئېنىرگىيىسىن پايدىلىنىدۇ. تويۇنغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىش ھالىتى بولسا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. (بۇ يەردە سۆزلىنىۋاتقان ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى غەرب تىبابىتىدە سۆزلىنىۋاتقان ئادىنوزىن ترېپوسفات ( ATP  ) نىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشايدىغان بىرخىل ماددا بولۇپ، ئوكسىگېننىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭدىنمۇ تېز پارچىلىنىدىغان بىرخىل ماددا قەدىمكى تىببىي كىتابلاردا «خەمىرەئى دىماغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ماددا بايان قىلىنغان، لېكىن بۇ ماددا توغرىسىدا ھازىرغىچە غەرب تىبابەت ماتىرياللىرىدا بولسۇن ھېچقانداق مەلۇمات يوق ) .

ھاۋا ئۇندىن باشقا يەنە مىڭى يۇلۇن ئىچكى بېسىمىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى بار. ئادەمنىڭ روھى پائالىيىتى نورمال ۋاقتىدا مىڭە سۆڭىكى بىلەن مىڭە پوستلىقىنىڭ ئارلىقىدا مەلۇم بوشلۇق بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. (فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال) بۇ بوشلۇقنى ئادەتتە سۇيۇقلۇقمۇ ئەمەس، پەردىمۇ ئەمەس، بىر خىل ماددا ئوراپ تۇرىدۇ. ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە مىڭە ھەجمى نورمال ھەجىمدىن چوڭىيىپ، شۇ پەردىسىمان ماددىنى بېسىپ، مىڭە ماددىسىنىڭ كۆز قۇلاق قاتارلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن بىۋاستە تۇتاشقان ئەزالارغا بېسىم كەلتۈرۈپ قويىشىدىن توسىدۇ. ھاۋا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن بۇ بوشلۇق  (بۇ بوشلۇق ئادەم بالاغەتكە يەتكەندە ئېنىق ئايرىلىدۇ. ئۇ نورمال قىممەتكە ئىگە بولۇپ بۇ بوشلۇقنىڭ بەك چوڭىيىپ كېتىشى مىڭە يىگىلەش كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى، بەك كىچىك بولىشى مىڭە سۇلۇق ئىششىق كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر بۇ بوشلۇق ئىچىدىكى ماددا سەۋدا خارەكتىرلىك غەيرىي تەبىئىي ئۆزگەرسە، قارا بېسىش، جۆيلۈش، ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ)  مىڭە ئىچكى بېسىمىنى تەڭشەيدۇ. ھاۋانىڭ يەنە مىڭە ۋە نېرىپلاردىكى روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، نېرۋا سېستىمىسىدىكى روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىنىڭ بىنورماللىششى يەنىلا ھاۋانىڭ ماددىنىڭ ئومۇمىي ھالەتلىرىنى تەڭشەش خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىنورماللىششىدىن كېلىپ چىقىدۇ. (بۇ خىل تەڭشىلىش بىر خىل تەبىئىي جەرياندۇر)

يۇقىرقىلار ھاۋانىڭ نېرۋا سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .

ھاۋانىڭ نەپەس سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

نەپەس سېستىمىسىغا تەئەللۇق ئەزالار بۇرۇن، ئېغىز بوشلۇقى، كېكىردەك، كاناي، ئۆپكە، ئۆپكە بۈۋەكچىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىدەك:

ھاۋانەپەس سستىمسىغا تەئەللۇق ئەزالارنى تۆت چوڭ ماددىنڭ بىر بولۇش سۇپىتى بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىىپ ئۆپكىنڭ ھاۋا

ئالماشتۇرشىغا ماسلاشقان شەكىل ھالىتىنى تۇزۇشكە قاتنىشىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ھاۋا تەركىبىدىكى بەدەنگە كىرەكلىك ماددىلارنى ئۆپكىگە ماسلاشقان خىزمەت فۇنكىسىيسىگە ئاساسەن بەدەندە مىتابولىزىم جەريانىدا پەيدا بولغان كىرەكسىز ماددىلارنىڭ ئۆپكە پۇۋەكچىللىرىدىكى گاز ئالماشتۇرۇش رولى (ئاساسلىقى گازلارنىڭ ئۆپكە پۇۋەكچىللىرىدە توپلانغان ماددىلارنى ئىرىش، ئىرىمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئۆپكە پۇۋەكچىللىرىدە ئوكسىگىننىڭ ئىرىشچانلىقى يۇقىرى، كاربون تۆت ئوكسىد ۋە بىر قىسىم مېكرۇ كىرەكسىز ماددىلارنىڭ پارلىنىشچانلىقى يۇقىرى ھالەتتە تۇرغان بۇزۇق گازلارنىڭ چىقىرلىشى نەپەس مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرشى بىلەن ئورۇندىلدۇ، كىڭىيشىدە بولسا سىرىتتىكى ساپ ھاۋا ۋە بەدەندىكى كىرەكسىز ھاۋانى ئۆپكە پۇۋەكچىسىگە يىغىپ توپلايدۇ، قىسقىرىشتا بولسا ئىرىگەن ساپ ھاۋا بىلەن بەدەندە ھاسىل بولغان ھاۋا(ھاۋانى روخاسىنى) ئۆزىگە تەئەللۇق جايلارغا يۇرۇشتۇرىدۇ) ئارقىلىق ئورگانىزىمنى ئوكسىگىن، ئازۇت، سىېيرەك گاز ئىلمىنىتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، سۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگىنىنى قىزىل قان ئاقسىلى(زولاسى سۈرۇخ مەۋايە)قوشۋالىدۇ، ئازۇت ۋە سىېيرەك گاز ئىلمىنىتلىرىنى بولسا بىر قىسمى ئۆپكە پۇۋەكچە دىۋارىغا يىپىشىپ ئۇنىڭ بۇزۇلىشىنى توسىيدۇ، يەنە بىر قىسىمى بولسا ئىچكى ئەزالاردىكى شۇ خىل ماددىلارغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۇن موھىم روللارنى ئوينايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشچە ئادەم %100 ساپ ئوكسىگىن بىلەن نەپەسلەنسە تۆۋەن ئاقسىللىق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولدىكەن، ئادەتتە بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق كۆرۇلدىغان بولۇپ بۇ خىل  ئەھۋال ئۆپكىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولىدىكەن، بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ھاۋا تەركىبىدىكى ئازۇت بەدەنگە كىرەكلىك ئاقسىللارنى سىنتىزلاشقا(يەنى بىرىكتۇرىشكە) قاتنىشىدۇ.

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button