يۈرەك مېڭە- قان تومۇر

يۈرەك سانجىقى

كېسەللىك ھەققىدە

ھەرخىل سەۋەبلەردىن تاجىسىمان ئارتېرىيە سىپازمىلىنىپ، تارىيىپ يۈرەك مۇسكۇلىغا قىسقا ۋاقىتلىق قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، كلىنىكىدا تۆش سۆڭەك ئارقىسى تۇتقاقلىق ئاغرىش، ئاغرىق سول مۈرە بىلەك ئىچى تەرىپى ۋە چىمچىلاق بارماققىچە تارقىلىش، ئاغرىش ۋاقتى قىسقا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ كېسەللىك 40 ياشتىن ئاشقانلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە ھەم ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى

بۇ كېسەللىك، ھەرخىل ناچار تۇرمۇش ئادىتى، يۈرەكنى ماي قاپلىۋېلىش، يۈرەك ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتىدە سەۋەبى خىلىت بويىچە ئايرىلىدۇ.

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تاجسىمان ئارتېرىيە قان تومۇر دىۋارىغا ئولتۇرۇشۇپ چۆكمىگە چۈشۈپ، تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ كانال بوشلۇقىنى تارايتىپ، قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەكتە روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قىسقا ۋاقىتلىق قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى يۈرەكتىكى تاجسىمان ئارتېرىيە قان تومۇر دىۋارىغا ئولتۇرۇشۇپ چۆكمىگە چۈشۈپ تاجسىمان ئارتېرىيىنى تارايتىپ، قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتىي ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى يۈرەككە تەسىر قىلغاندا تاجسىمان ئارتېرىيىدە ئاسانلا چۆكمىگە چۈشۈپ قان تومۇرنى تارايتىپ، قاننىڭ ئايلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ، قۇۋۋىتى ھايۋانىنى ئايلىنىشى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىشى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

روھىي − نېرۋا ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

ھەددىدىن زىيادە چارچاش، تەشۋىشلىنىش، غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش، غەم − ئەندىشە قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت روھىي ئازاب تارتىش قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى سەۋەبىدىن نېرۋا ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ تاجسىمان ئارتېرىيە سىپازمىلىنىپ ياكى تارىيىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

تاماكا چېكىش، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق … قاتارلىقلار سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى ئېشىپ كېتىپ يۈرەك مۇسكۇلىغا قىسقا مۇددەت قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي يۈرەك سانجىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئېرسىيەت ئامىلى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

بۇ كېسەللىك ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا ئېرسىيەتلىك بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا يۈرەك سانجىقى بىلەن ئاغرىغان ھەر 100 بىمارنىڭ ئىككىسىنىڭ ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، زىيادە چارچاش، ئاچچىقلىنىش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش، قايغۇرۇش، غەم − ئەندىشە قىلىش، تويۇنۇپ تاماق يېيىش، تاماكا چېكىش، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، ئېگىز تاغ ۋە بىنارلارغا چىقىش قاتارلىق ئامىللار قوزغاتقۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

كېسەللىك ئۆزگىرىشى

يۈرەك سانجىقى ئادەتتە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە تەمنلىشى بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تاجسىمان ئارتېرىيىدە بوتقىسىمان قېتىش بولغاندا ئادەتتە تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ كانال بوشلۇقى تارىيىدۇ، ئەگەر تاجسىمان ئارتېرىيىدىكى بىردىن ئارتۇق چوڭ شاخچىنىڭ كانال بوشلۇقى تارىيىپ %75 ئەتراپىدا توسۇلغان چاغدا، ئاندىن يۈرەك مۇسكۇلىغا قىسقا مۇددەت قان يېتىشمەي يۈرەك سانجىقى كېلىپ چىقىدۇ. يەنى يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي ھەمدە يۈرەك مۇسكۇلىغا ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرى يىغىلىپ قالىدۇ. بۇ يىغىلىپ قالغان ماددىلار يۈرەك مۇسكۇلىدىكى مەركەزگە بارغۇچى سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلىغاچقا ئاغرىش سېزىمى كېلىپ چىقىدۇ. ئىچكى ئەزالاردا پەيدا بولغان ئاغرىق سېزىمى دائىم ئوخشاش يۇلۇن بۆلىكىگە كىرىدىغان يۇلۇن نېرۋىسى تارقالغان تېرە رايونىدا بولىدۇ. تۆش سۆڭەك ئارقىسى ۋە سول تەرەپ بىلەكتىكى نېرۋىلار يۈرەكتىكى نېرۋىلار بىلەن ئوخشاش بىر يۇلۇن بۆلىكىگە كىرگەچكە تەسىرلىنىش تەلىماتىغا ئاساسەن ئاغرىق كۆپىنچە تۆش سۆڭەك ئارقىسى ۋە سول تەرەپ بىلەك ئىچكى تەرىپى، چىمچىلاق بارماق قاتارلىقلارغا تارقىلىدۇ.

ئالامىتى:

كۆپىنچە 40 ياشتىن ئاشقان، قان بېسىمى يۇقىرى ياكى سېمىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاغرىش تۇيۇقسىزلا سول كۆكرەك ساھەسىدىن باشلىنىپ سول تاغاق، بىلەك، چىمچىلاق قولغىچە تارقىلىدۇ. كېسەل كىشىدە قاتتىق قورقۇنچ پەيدا قىلىش، بىرنەچچە سېكۇنتىن بىرنەچچە مىنۇتقىچە ئارىلىقتا داۋاملىشىپ قويۇۋېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئاغرىق ئورنى ۋە تارقىلىش ئورنى:

تىپىك ئاغرىش پەيدا بولىدىغان ئورۇن-تۆش سۆڭىكىنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولۇپ (تۆش سۆڭىكى ئارقىسى ئاغرىش)، ئاغرىش بەزىدە سەل سولغا سىلجىيدۇ، بەزىدە ئاغرىش ئورنى بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە بولۇپ، يۈرەك ئالدى رايونىنىڭ كۆپ قىسمىغا تارقىلىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلاردا ائغرىش ئورنى تۆش سۆڭىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى، ھەتتا قورساق يۇقىرىقى قىسمىدىمۇ بولىدۇ. ئاغرىش سول مۈرە ۋە سول يۇقىرىقى بىلەكنىڭ ئالدى ئىچكى تەرىپىنى بويلاپ كىچىك بارماق بىلەن نامسىز بارماققا يېتىپ بارىدۇ. بەزىدە ئاغرىق بويۇن، كېكىردەك ۋە تۆۋەنكى ئېڭەككىمۇ تارقىلىدۇ.

ئاغرىشنىڭ خاراكتېرى:

ئاغرىش بېسىلىش ياكى جىددىي قىسىلىش خاراكتېرىدە بولىدۇ. بەزىدە تۇنجۇقۇش، ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. بىمارنىڭ چىرايى تاتىرىدۇ، پۈتۈن بەدەن سوغۇق تەرلەيدۇ، بىر قىسىم بىمارلاردا كېسەل قوزغالغاندا ياكى قوزغىلىپ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاغرىغان ئورنىنىڭ تەسىرىدە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.

قوزغىلىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى:

ئادەتتە تەخمىنەن 5~3 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئارام ئالغاندا ياكى  قوزغاتقۇچى ئامىللارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئاغرىق دەرھال ئەسلىگە كېلىدۇ.

باشقا ئالامەتلەر:

چىرايى قارىدايدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ، ئاسان چارچايدۇ، يۈرەك سالىدۇ، باش قايىدۇ، ھەتتا ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ۋاقىتلىق قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، يۈرەك ئۇچى تىڭشاش رايونىدا 4-يۈرەك تاۋۇشى )دالانچە-قېرىنچە تەكرار رىتىمى( ئاڭلىنىدۇ، ئەگەر ئەمچەكسىمان مۇسكۇل زەخمىلەنگەن بولسا يۈرەك ئۇچى رايونىدا قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ.

يۈرەك سانجىقىنىڭ تۈرلىرى

چارچىغاندا پەيدا بولىدىغان يۈرەك سانجىقى:

ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاغرىق جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا، زىيادە چارچىغاندا، روھىي جەھەتتىن ھاياجانلانغاندا ياكى يۈرەكنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان باشقا ئەھۋاللارغا يولۇققاندا قوزغىلىدۇ. مۇۋاپىق دەم ئالغاندا ياكى تاجسىمان ئارتېرىيىنى كېڭەيتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاغرىق تېزلا يوقايدۇ. ھەر قېتىملىق قوزغىلىشتا قوزغاتقۇچى ئامىل ئېنىق بولىدۇ. ئاغرىش ئورنى، ئاغرىشنىڭ خاراكتېرى، داۋاملىشىش ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ. قوزغىلىش ئارىلىقىدا تىنچ ھالەتتىكى ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە ئاساسەن نورمال بولىدۇ. بۇ تىپىك يۈرەك سانجىقى ياكى تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزىلەردە كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق بولمايدۇ. ئۈچ ئاي ئىچىدىكى يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار، قوزغىلىش قېتىم سانى، ئاغرىشنىڭ خاراكتېرى، ئاغرىشنىڭ دەرىجىسى دائىم ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ تۇراقسىز تىپتىكى يۈرەك سانجىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(1  يېقىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان يۈرەك سانجىقى: بۇ ئىلگىرى يۈرەك سانجىقى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولمىغان، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە پەيدا بولغان يۈرەك سانجىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھالەتتىكى يۈرەك سانجىقىنىڭ كۆپىنچىسى تۇراقلىق تىپتىكى يۈرەك سانجىقىغا ئايلىنىدۇ.

(2 ئېغىرلىشىش تىپلىق يۈرەك سانجىقى: بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى-قوزغاتقۇچى ئامىل ئېنىق بولمايدۇ ياكى جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندا روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە قوزغىلىدۇ. قوزغىلىش قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ. قوزغىلىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ، ئاغرىش دەرىجىسىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇش تىپلىق يۈرەك سانجىقى

بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى-ئاغرىقنىڭ يۈز بېرىشى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، روھىي جىددىيلىك، كۆپ ئەقلىي ئەكگەك قىلىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈ پچىقارغان يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭ بولمايدۇ. ئۇ تاجسىمان ئارتېرىيىدىكى قان ئېقىمى زاپاس مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئاغرىقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن، ئاغرىش دەرىجىسىمۇ بىرقەدەر ئېغىر بو لىدۇ. تاجسىمان ئارتېرىيىنى كېڭەيتكۈچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. بۇ يەنە يېتىش ھالىتى تىپلىق يۈرەك سانجىقى، ئۆزگىرىشچان تىپلىق يۈرەك سانجىقى، جىددىي خاراكتېرلىك تاجسىمان ئارتېرىيە خىزمىتى تولۇق بولماسلىق تىپلىق يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسىدىن كېيىنكى يۈرەك سانجىقى قاتارلىق تىپلارغا بۆلىنىدۇ.

ئارىلاشما تىپلىق يۈرەك سانجىقى

بۇ خىل يۈرەك سانجىقىدا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرىلاپ كەتكەندىمۇ ھەم يۇقىرىلاپ كەتمىگەندىمۇ ئوخشاشلا يۈرەك سانجىقى تۇتىدۇ، تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ تارىيىپ قېلىشى تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان ئېقىم زاپاس مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. لېكىن قان ئېقىم زاپاس مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۇراقلىق بولمايدۇ. دائىم دولقۇنسىمان ھالدا قەدەممۇ قەدەم تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇنىڭغا مۇناسىپ كېسەللىك ئىپادىلىرى بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

يۈرەك سانجىقىنىڭ دەرىجىسى:

يۈرەك سانجىقى قوزغىلىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.

Ⅰ دەرىجىلىك يۈرەك سانجىقى:

ئادەتتىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ. پەقەت ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا يۈرەك سانجىقى قوزغىلىدۇ.

Ⅱ دەرىجىلىك يۈرەك سانجىقى:

ئادەتتىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ. كۆپ ھەرىكەت قىلغاندا، تويۇنۇپ تاماق يېگەندە، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالغاندا، جىددىيلەشكەندە، پەلەمپەيدىن چىققاندا يۈرەك سانجىقى قوزغىلىدۇ.

Ⅲ دەرىجىلىك يۈرەك سانجىقى:

ئادەتتىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەر ئېنىق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

Ⅳ دەرىجىلىك يۈرەك سانجىقى:

بارلىق جىسمانىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىئارامسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىنچ ياتقاندىمۇ يۈرەك سانجىقى قوزغىلىدۇ.

دىئاگنوزى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش

تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا تۇتقاقلىق خاراكتېرىدە مۇجۇش خاراكتېرلىك ياكى تۇنجۇقۇش خاراكتېرلىك ئاغرىش، ئاغرىق سول مۈرە، سول يۇقىرىقى بىلەكنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن تاكى نامسىز بارماق ۋە چىمچىلاق بارماققىچە تارقىلىش، ئاغرىش ۋاقتى 5 ~ 3 مىنۇتقىچە بولۇش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان ياكى ئاغرىمىغانلىقى، يېشى، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش، ئەقلىي ياكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىپ، زىيادە چارچاش، مايلىق، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئازاب چېكىش تارىخى بولىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش

 

(1 رېنتگېندە تەكشۈرۈش: رېنتگېندە تەكشۈرگەندە يۈرەك سايىسى نورمال بولىدۇ ياكى چوڭىيىدۇ. ئۆپكىگە قان تولىدۇ.

(2 ئېلېكتروكاردىئاگراممىدا تەكشۈرۈش (ECG): يۈرەك سانجىقى قوزغالمىغان ۋاقىتتىكى ECG دىكى ئىپادىسى: تەخمىنەن %50 بىماردا كۆرۈنەرلىك ئىپادە بولمايدۇ. قىسمەن بىمارلاردا كونا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى خاسلىقى بولمىغان ST بۆلىكى ياكى T دولقۇنىدىكى نورمالسىزلىق بايقىلىدۇ، بەزى چاغلاردا دالانچە ياكى تۇتام شاخچە خاراكتېرلىك يەتكۈزۈشنىڭ توسۇلۇشى ھەمدە دالانچە، قېرىنچە خاراكتېرلىك مۇددەتتىن بۇرۇن قىسقىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

 

يۈرەك سانجىقىنىڭ قوزغالغان ۋاقىتتىكى ئېلېكتروكاردىئاگراممىدا تەكشۈرۈش (ECG) دىكى ئىپادىسى: تىپىك قوزغالغان ۋاقىتتا %95 ئەتراپىدىكى بىمارلاردا يۈرەك سول قېرىنچە سىرتقى دىۋارىغا ئۇدۇل كېلىدىغان ئۇلانما، مەسىلەن: -aVL، VV4-6 قاتارلىقلاردا S-T بۆلىكى تۈز تەكشى بولىدۇ ياكى تۆۋەنلىگەن بولىدۇ. S-T بۆلىكى بىلەن R دولقۇنىنىڭ تۆۋەنلىگۈچى تارمىقىنىڭ كېسىشكەن بۇلۇڭى 90°> بولۇپ، قان يېتىشمەسلىك تىپىدىكى S-T بۆلىكى ئۆزگىرىش دېيىلىدۇ. ئۇنىڭغا قارشى ئۇلانمىلاردا S-T باسقۇچىدا كۆتۈرۈش ئىپادىسى بولمايدۇ. T دولقۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن ئەسلىدىكى تىك ئورۇندىن قوش يۆنىلىشكە ياكى تەتۈر چۈشۈشكە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

(3 يۇقىرىقى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش قىيىن بولغان بىمارلارغا ئېلېكتروكاردىئوگرامما كۆتۈرۈش مىقدارى تەجرىبىسى ۋە تاجسىمان ئارتېرىيىلەرنى سايلاندۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا كېسەللىك ئالامەتلەر تىپىك بولمايدۇ. ئېلېكتروكاردىئوگرامما ھەمدە كۆتۈرۈش كۈچى تەجرىبىسىدىمۇ پەقەت ئارىلىق ئۆزگىرىشىلا بولىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنۇز

يۈرەك سانجىقى بىلەن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى پەرقلەندۈرۈش نۇقتىلىرى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.

قوۋۇرغا ئارىلىق نېرىپلارنىڭ ئاغرىقىدىكى ئاغرىش كۆپىنچە 1 − 2 − قوۋۇرغا ئارىلىقىدا بولۇش، كۆكرەك ئالدى رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق، يۆتكىلىپ ئاغرىش، ئاغرىق خاراكتېرى چوقۇلغاندەك ياكى كۆيۈشۈش خاراكتېرىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىش، يۆتەلگەندە، كۈچەپ نەپەس ئالغاندا ياكى گەۋدىسىنى ئايلاندۇرغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، نېرۋىلارنىڭ تارقىلىش يۆنىلىشىنى بويلاپ باسقاندا ئاغرىق كۈچىيىش، بىلەكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرگەندە يەرلىك ئورۇندا تارتىشىپ ئاغرىش، ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە ۋە مۇناسىۋەتلىك زىمادلارنى تاڭغاندا ئاغرىش پەسىيىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۈرەك سانجىقى بىلەن يۈرەك نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇشكېسىلىنى پەرقلەندۈرۈش جەدۋىلى

يۈرەك سانجىقى يۈرەك نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇرۇلۇش

يېشى ياشانغان ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ بولىدۇ كۆپىنچە ياشلاردا بولىدۇ

جىنسى ئەرلەردە كۆپ بولىدۇ ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ

قوزغاتقۇچى ئامىل چارچاش، جىددىيلىشىش، زىيادە تويۇنۇش،سوغۇققا ئۇچراش چارچىغاندا ياكى دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتىدا

ئورنى تۆش سۆڭەك يۇقىرى، ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭئارقا تەرىپىدە، سول بىلەككە تارقايدۇ يۈرەك ئالدى رايونى سول سۈت بېزى ئەتراپىداتېرىدە ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ

خاراكتېرى مۈجۈلۈش، بېسىلىش، تۇنجۇقۇشسېزىمى بولىدۇ بىردەملىك سانجىلىپ ئاغرىش ياكى ئۇزۇنغاسوزۇلغان يېقىمسىز ئاغرىش

داۋاملىشىش ۋاقتى5 ~ 1 مىنۇتقىچە، 15مىنۇتتىن ئاشمايدۇ بىر نەچچە سائەت، ھەتتا بىر نەچچە كۈن بولىدۇ

باشقا كېسەللىك ئىپادىلىرى يۇقىرى قان بېسىم باشقا نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى،مەسىلەن: يۈرەك سېلىش، ئۇھ تارتقاندەك نەپەسلىنىش قاتارلىق

نېتروگىلىتسىرىنگە قارىتا رېئاكسىيىسى كۆپ ساندىكىلىرى 3 ~ 1 مىنۇت ئىچىدەقويۇپ بېرىدۇ نىتروگىلىسىرىننىڭ ئۈنۈمى يوق. ئەمما ئىشەندۈرۈپداۋالاش ئۇسۇلى ياكى لېۋىنى تەڭشەپ داۋالاشئۇسۇلى ئۈنۈم بېرىدۇ

بويۇن ياكى كۆكرەك ئومۇرتقا كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بويۇن ۋە كۆكرەك ئومۇرتقا كېسىلىدىكى كېسەللىك تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا بولۇش، يۈرەك سانجىقى قوزغىتىدىغان ئامىللارغا يولۇققاندا كېسەللىك قوزغالماسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

كۆكرەك پەردە ياللۇغى، يۈرەك قېپى ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىرى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تاش كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىقلاردىنمۇ پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئەگەشمە كېسەللىكلىرى:

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ۋاقتىدا داۋالانماسلىقى ياكى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، كېسەل پەيدا قىلغۇچى ۋە قوزغاتقۇچى ئامىللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قاتارلىقلار تەسىرىدىن تاجسىمان ئارتېرىيە ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئۇزۇن مۇددەت قان ۋە ئوكسىگېن يەنى روھىي ھايۋانى يېتىشمەي، يۈرەك مۇسكۇلى نىكروزلىنىپ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

جىددىي قوزغالغان ۋاقىتتىكى داۋالاش پرىنسىپى

(1 ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىپ تىنچ ئارام ئالدۇرۇلىدۇ.

(2  ئوكسىگېن پۇرىتىلىدۇ.

(3  تاجسىمان ئارتېرىيىنى كېڭەيتىش، ئېلاستىكىلىقنى ياخشىلاش، يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىنكى داۋالاش

(1  خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

(2  يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاجسىمان ئارتېرىيىنى كېڭەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تاجسىمان قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

جىددىي قوزغالغاندا

بىمارنى ھەرىكەتتىن دەرھال توختىتىپ ھاۋاسى ساپ ئۆيدە ئارام ئالدۇرۇلىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئوكسىگېن پۇرىتىلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، تاجسىمان ئارتېرىيىنى كېڭەيتىش، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاق سەندەلنى گۇلاپقا سۈرۈپ بىمارنىڭ يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە خېمىرى خەشخاش كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن، ھەببى ئەفيۇن كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن بىر دانىدىن؛ ھەببى شىپا كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن، ھەببى بەزىرۇلبەنجى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن تاللاپ ئسىتېمال قىلىشقا بولىدۇ، خەشخاش يېغى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا سىرتىدىن ياغلاپ بېرىلىدۇ.

بۇ كېسەلگە بىرقەدەر جىددىي داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى جىددىي قۇتقۇزۇش دەرسلىكىدە تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىنكى داۋالاش ئۇسۇلى

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن رەيھان ئۇرۇقى، بىدىمىشكى، ئاق سەندەل قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن 12~ 9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي خىلىت بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۈندە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن ئۆشنە، نارمىشكى، بىستىپايەج قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن 9 ~ 7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىلارغا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن ئۆشنە، سەندەل، بىدىمىشكى، نارمىشكى، بىستىپايەج قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن 15 ~ 10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

تاجسىمان ئارتېرىيىنى كېڭەيتىش، ئېلاستىكىلىقنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئىچىش، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى مەتبۇخى ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

مەتبۇخى ئەفتىمۇن نۇسخىسى، ئەفتىمۇن 30 گرام، شاھتەررە، تۇربۇت 15 گرام، چۆبچىن، سېرىق ھېلىقە پوستى، ھېلىلە كابىلە، پوستى قارا ھېلىلە، سانا، بەدىيان، تەمرى ھىندى 20 گرامدىن، ئەينۇلا 10 دانە، بىنەپشە، قىزىلگۈل، زەنجىۋىل 10 گرامدىن، بادام يېغى 10 مىللىلىتىر، ئىتئۈزۈمى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 51 گرامدىن، تەرەنجىبىن 200 گرام، چوڭ ئۈزۈم 100 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ قاينىتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

دارچىن، ئۇد، ئېگىر، زورەمبات، مەستىكى رۇمى 10 گرامدىن كېلىپ سوقۇپ، ئەرقى گۈل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، زىماد تەييارلاپ، يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

قىزىلگۈل، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، پىلپىل، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، دارچىن، ئاسارۇن 10 گرامدىن، قۇندۇز قەھرى ئىككى يېرىم گرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە ئېلىپ سوقۇپ، تالقانلاپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سازەج ھىندى، سۇمبۇل 10 گرامدىن، دۇرونجى ئەقرەب، زورەمبات 15 گرامدىن، ئۆشنە، زەنجىۋىل 10 گرامدىن، گۈلدارچىن 15 گرام، قىرقىلغان پىلە غوزىسى 30 گرام، قىزىلگۈل 10 گرام، بالەنگو 15 گرام، ئىپار بەش گرام، مەرۋايىت 20 گرام، كەھرىۋا 20 گرام، ئالتۇن داغمال سۈيى، كۈمۈش داغمال سۈيى 100 مىللىلىتىردىن، بىدىمىشكى بەش گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئەرقى گاۋزىبان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ گاۋزىبان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن، ئەرقى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 گرامدىن؛ ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مەجۈنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ پەرەنجىمىشكى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ ئامىلە نوشدارى لۆلىۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ بىخ ماجان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمغا 50 مىللىلىتىردىن؛ خىمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن؛ ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

رېتسېپلار

1-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: قىرقىلغان پىلە 120 گىرام، ئالتۇن، كۈمۈش تاۋلىغان سۇ ئالتە مىللىلىتىردىن، گاۋزىبان، پەرەنجىمۇشكى، قىزىلگۈل، سۇمبۇل، ئاق شېكەر، مەرۋايىت، كەھرىۋا، ياقۇت ئالتە گىرامدىن، ئاق سەندەل سەككىز گىرام، تاباشىر توققۇز گىرام، ئەنبەر ئۈچ گىرام، ئىپار ئىككى گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش تاۋلانغان سۇلاردا قەنتنى قىيام قىلىپ، باشقا دورىلارنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گۇلاب بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ
تەركىبى:

يۈرەك سانجىقىتەركىبى: ئامىلە مۇقەششەر، ئاق سەندەل، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 25 گىرامدىن، زەپەر ئۈچ گىرام، تاباشىر 12 گىرام، گاۋزىبان ھىندى، بادرەنجى بۇ 30 گىرامدىن، قىرقىلغان پىلە، مەرۋايىت 15 گىرامدىن، ئالتۇن ۋاراق 10 تال، كۈمۈش ۋاراق 20 تال، قاشتېشى 12 گىرام، ئالما شەربىتى، قەنت 500 گىرامدىن، سۇ بىر كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: مەرۋايىتنى كۇشتە قىلىپ ئايرىم سوقۇپ، زەپەرنى سالايە قىلىپ، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇ قاتارلىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، بىر كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ، 500 گىرام قالغاندا سۈزۈپ، سۈيىگە ئالما شەربىتى بىلەن شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەرۋايىت، ئالتۇن-كۈمۈش ۋاراق، پىلىلەرنى ۋە قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: لاچىندانە، بەدىيان، قىزىلگۈل، ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈزى، زەپەر، ئىپار، قۇندۇزقەھرى 20 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سەندەل ئەرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button