ئىچكى كېسەللىكلەرنەپەس يولى

ئۆتكۈر ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

سەۋەبى

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرى

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، قان تومۇرلاردا ئاسانلا نوكچا پەيدا قىلغاچقا، بۇ نوكچىلار ئۆپكە ئارتېرىيىسىدە توسۇلۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆپكە قان ئايلىنىشقا جىددىي توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوڭ يۈرەككە قان قېيىپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرى

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى ئاسانلا قان تومۇرلاردا نوكچا ھاسىل قىلغاچقا، بۇ نوكچىلار قان ئېقىمى ئارقىلىق ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە بارغاندا ئۆپكە ئارتېرىيىسىنى توسۇپ ئۆپكە قان ئايلىنىشنى جىددىي توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسى كېڭىيىش ۋە يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرى

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى قان تومۇرلاردا ئاسانلا چۆكمىگە چۈشۈپ، نوكچا ھاسىل قىلغاچقا، بۇ نوكچىلار قان ئېقىمى ئارقىلىق ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە بارغاندا ئۆپكە ئارتېرىيىسىنى توسۇپ ئۆپكە قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئوڭ يۈرەك كېڭىيىش ۋە يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەرخىل راك كېسەللىكلىرى سەۋەبى

ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى ۋە داس بوشلۇقىدىكى ئەزا ئۆسمىلىرىدىكى راك ھۈجەيرىلىرى قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە كىرىپ، ئۆپكە كىچىك ئارتېرىيىسىدە كەڭ كۆلەملىك توسالغۇ پەيدا قىلىپ، يۈرەك خىزمىتىنىڭ ئۆتكۈر تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

باشقىلار

تۇغۇت ۋاقتىدا باش سۈيى بالىياتقۇ ۋېنا كاۋىكىغا كىرىپ قان ئايلىنىش بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە بارغاندا ئۆپكە ئارتېرىيىسىنى توسۇپ باش سۈيى كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈنئىي ھاۋالىق قورساق يۈرەك قان تومۇر ئوپېراتسىيىسى ۋە بۆرەك ئەتراپىنى ھاۋا بىلەن سايىلاندۇرۇش جەريانىدا كۆپ مىقداردىكى ھاۋا ۋېناغا كىرىپ كېتىش بىلەن قان ئېقىمى ئارقىلىق ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە بېرىپ، ھاۋا كەپلەشمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

كېسەللىك ئۆزگىرىشى

ھەرخىل نوكچىلار ۋېنا قان ئېقىمىغا ئەگىشىپ ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى ئارقىلىق ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە كىرىپ، ئۆپكە ئارتېرىيە ئاساسى غولى ياكى چوڭ شاخچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى جىددىي يۇقىرىلاپ، ئوڭ يۈرەك يۈكى تۇيۇقسىز ئېشىپ ئۆتكۈر ئوڭ يۈرەك قېرىنچە كېڭىيىش ۋە ئوڭ يۈرەك قېرىنچە خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەنسول يۈرەككە قايتىدىغان قان مىقدارى ئازايغانلىقتىن، سول يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى ئازىيىپ تاجسىمان ئارتېرىيىدە ئۆتكۈر قان كەملىك پەيدا بولىدۇ ۋە بەدەن قان ئايلىنىشتىكى ئارتېرىيە بېسىمى ئۇشتۇمتۇت تۆۋەنلەپ، يۈرەك مەنبەلىك شوكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى

كېسەل باشلىنىشى جىددى بولۇپ، تۇيۇقسىز نەپەس قىيىنلىشىدۇ، تۇنجۇقۇش سېزىمى بولىدۇ. يۈرەك سالىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، يۈرەك ساھەسى يېقىمسىزلىنىدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، يۈرەك ساھەسى قاتتىق ئاغرىپ، چىرايى تاتىرىدۇ، نەپەس تېزلىشىپ، تىنچسىزلىنىدۇ، بىئارام بولىدۇ، كالپۇك ۋە مۈچە ئۇچلىرى كۆكىرىدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ، مۈچىلەر سوۋۇپ، تومۇرى ئىنچىكە، ئاجىز سالىدۇ، يۈرەك قېتىمى تېزلىشىپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ ياكى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، تۆش سۆڭەك سول قىرى 2-، 3-قوۋۇرغا ئارىلىقىدىن يۈرەك سوققانلىقى مەلۇم بولىدۇ، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ۋە ئېچىلىش دەۋرلىك ئات چاپقاندەك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ، ھەر ئىككى ئۆپكە تېگىدىن سۇناي تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى سولغا قاراپ كېڭىيىدۇ، بويۇن ۋېناسى كۆپىدۇ، جىگەر چوڭىيىدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇ، تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بىمارلاردا ئۆتكۈر ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ كلىنىك ئىپادىسى كۆرۈلمەستىنلا تەساددىپىي ئۆلۈش يۈز بېرىدۇ.

دىئاگنوزى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن

نەپەس قىيىنلىشىش، تۇنجۇقۇش، كۆكرەك ئاغرىش، ھوشىدىن كېتىش، يۈرەك سېلىش، كۆكىرىش، پۇت-قوللار سوۋۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىقلار ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى، قاندا ماي يۇقىرىلاش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىق ياكى تۇغۇت، ئوپېراتسىيە ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېتىش تارىخى بولىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن

1. ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش: يۈرەك ئېلېكتر ئوقى ئوڭغا ئاغىدۇ. يۇقىرى دەرىجىدە سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئوڭ يۆنىلىشى بويىچە تولغىنىش ۋە ئوڭ باغلام شاخچىنىڭ توسۇلۇشى بولىدۇ. ئۆپكە تىپلىق P دولقۇن بولىدۇ، P دولقۇن ئېگىز ھەم ئۇچلۇق بولىدۇ. Ⅰ ئۇلانمىدا S دولقۇن چوڭقۇر بولۇپ، Ⅲ ئۇلانمىدا Q دولقۇن روشەن بولىدۇ ۋە T دولقۇن تەتۈر چۈشىدۇ. يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەر كېسەل باشلىنىپ 42-5 سائەت ئىچىدە بولىدۇ. 2-1 كۈن ئىچىدە روشەنلىشىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەمما Ⅲ ئۇلانمىدىكى T دولقۇننىڭ ئۆزگىرىشى ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

2. رېنتگېندە تەكشۈرۈش: ئۆپكە ئارتېرىيە كونۇسى پۇلتىيىپ چىقىدۇ. ئۆپكە دەرۋازا سايىسى ۋە ئۆپكە قان تومۇر سايىسى نورمالدىن كەڭرەك بولىدۇ. يۈرەكنىڭ سايىسى چوڭىيىدۇ. ئىككى تەرەپتىكى كۆپ ئورۇنلۇق ئۆپكە ئارتېرىيە كەپلەشمىسىدە ئۆپكە قىسمىدا كانايچە ئۆپكە ياللۇغىدا ئوخشاش ئىنفىلتىراتسىيىلىك سايە بولىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنوز

ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن، بولۇپمۇ تۆۋەنكى دىۋار يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىكى ئىلگىرى تاجسىمان ئارتېرىيە توسۇلۇش كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىش، قورساققا سۇ چۈشۈش كۆرۈنەرلىك بولماسلىق، يۈرەك ئېلېكتر كاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە دەسلەپكى دەۋردە پەۋقۇلئاددە ئېگىز چوڭ بولغان، ئەمما سىممىتىرىك بولمىغان T دولقۇن پەيدا بولۇش، S-T بۆلىكى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ۋە تىك چۈشكەن T دولقۇن بىلەن بىرلىشىپ يايى دۈمبىسى يۇقىرىغا قارىغان گۈمبەز شەكلى بولۇش، غەيرىي نورمالنى Q دولقۇن پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. قان زەردابىدىكى فىرمىنتىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسىغا دىئاگنوز قويۇشتا ياردىمى چوڭ بولىدۇ

داۋالاش پىرىنسىپى

1. دەرھال ئوكسىگېن پۇرىتىلىدۇ.

2. ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. ئۆپكە قان تومۇرلىرى ۋە تاجسىمان ئارتېرىيىدىكى سپازمىنى تۈگىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. شوكقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

5. يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىققا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6. توسالغۇلارنى ئېچىش، نوكچا ئېرىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

7. كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولسا ئۆپكە ئارتېرىيىسىنى يېرىپ، كەپلەشمە ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

بۇ كېسەل بىر قەدەر جىددىي بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا جىددىي قۇتقۇزۇش دەرسلىكىدە سۆزلەنگەن چارىلەر قوللىنىلىدۇ.

مەنبە .UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

Back to top button