ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىيۈرەك مېڭە- قان تومۇر

شەقىيقە

كېسەللىك ھەققىدە

ھەرخىل سەۋەبلەردىن باشنىڭ بىر تەرىپىدىكى قان تومۇرلار، نېرۋىلار، پەي-تارىمۇشلار بېسىلىش، تارتىشىش ياكى سىپازمىلىنىشتىن كلىنىكىدا باشنىڭ ئوڭ ياكى سول يېرىم تەرىپى ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «شەقىيقە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى

قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن

قان خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە قان بېسىمى يۇقىرىلاپ باشنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدىكى قان تومۇرلارنىڭ ئەتراپىدىكى نېرۋىلارنى بېسىشى، سوزۇشى ياكى قان تومۇر ئىچىدىكى بېسىم توقۇلما ئارىلىق بېسىمىدىن يۇقىرى بولۇپ، قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ كۆپلەپ توقۇلما ئارىلىقىغا سىرغىپ چىقىشى نەتىجىسىدە باشنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ ئەتراپتىكى توقۇلما، ھۈجەيرە ۋە نېرۋىلارنى بېسىشى سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت باشتىكى توقۇلمىلارغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار توقۇلما ئارىلىقىغا كۆپلەپ سىرغىپ چىقىپ باشنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئىچكى بېسىمىنى يۇقىرىلىتىپ ئەتراپتىكى توقۇلما ۋە نېرۋىلارنى بېسىپ سىپازمىلاندۇرۇپ ۋە سوزۇپ باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن

بۇ خىل بەلغەم خىلىتى باشتىكى توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ ۋە ئەتراپتىكى توقۇلما، نېرۋىلارنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، سىپازمىلاندۇرۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

روھىي ئامىللار تەسىرىدىن

زىيادە جىددىيلىشىش، تىت-تىت بولۇش، ئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىش قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىياتلار بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، باشتىكى توقۇلما ۋە نېرۋىلارنى سىپازمىلاندۇرۇپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن

بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ %80~ 60 نىڭ ئەجدادىدا مۇشۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

ئالامىتى

شەقىيقەباشنىڭ يېرىمى تەكرار تۇتقاقلىق لوقۇلداپ ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، كۈندۈزى ئاغرىق كۈچىيىپ كېچىسى پەسىيىدۇ، بەزىدە ئوڭ ياكى سول تەرەپ ئالمىشىپ ئاغرىيدۇ، چىرايى تاتىرىپ، كۆز ئالمىسى چىڭقىلىپ، قىزىرىدۇ، كۈن نۇرىغا قارىيالمايدۇ، كۆزى تورلىشىدۇ.

كېسەللىك ئۆزگىرىشى

باشنىڭ يېرىمى تەكرار تۇتقاقلىق لوقۇلداپ ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، كۈندۈزى ئاغرىق كۈچىيىپ كېچىسى پەسىيىدۇ، بەزىدە ئوڭ ياكى سول تەرەپ ئالمىشىپ ئاغرىيدۇ، چىرايى تاتىرىپ، كۆز ئالمىسى چىڭقىلىپ، قىزىرىدۇ، كۈن نۇرىغا قارىيالمايدۇ، كۆزى تورلىشىدۇ.

دىئاگنوزى

تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

باشنىڭ يېرىمى تەكرار لوقۇلداپ ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىش كۈندۈزى ئېغىرلىشىپ كېچىسى پەسىيىش، كۈن نۇرىغا قارىيالماسلىق، كۆز قىزىرىش، كۆز ئالمىسى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭىنى تازىلاش، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان خىلىتىنى تەڭشەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى چارىلەر كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ.

قىيفال تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ.

چېكە، بۇرۇن ئۇچى ياكى ئىككى تاغاق ئوتتۇرىسىغا قانلىق لوڭقا قويۇلىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش مەقسىتىدە ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمون كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئۇدسەلىپ، ئاسارۇن، سازەج ھىندى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، تەمسىز بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئۇدسەلىپ، سوزاپ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىر، 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭىنى تازىلاش، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ھەببى شىپا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن؛ ھەببى قوقىيا كۈندە ئىككى قېتىم، 7~5 دانىدىن، ھەببى ئايارەج كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن؛ ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن، داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن باچكا گۆشى، توخۇ گۆشى، كەكلىك گۆشى، پاقلان گۆشى، ئۈگرە، ئارپا ئېشى، نوقۇت ئېشى، شورپا، پالەك، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ، سەۋزە، چامغۇر، ئانار، ئالما، چىلان، ئەينۇلا، ئەنجۈر قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.

3.  كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن، ئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە، زىيادە چارچاش ۋە جىددىيلىشىشتىن، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن، يورۇقلۇقتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. قاراڭغۇ ئۆيدە ياخشى ئارام ئېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button