تارىخى شەخىسلەر

شەمسۇلئەتبىبا غۇلام گىيلانخان

شەمسۇلئەتبىبا غۇلام گىيلانخان 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىراننىڭ گىيلان شەھرىدە تۇغۇلغان مەشھۇر تېۋىپ ۋە دوختۇر بولۇپ، بۇ كىشى ياش ۋاقتىدا يۇنان تىبابىتى، ھىندى تىبابىتى، ئەرەب ئىسلام تىبابىتىنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. كېيىن ئەنگىلىيەگە بېرىپ 12 يىلغا قەدەر غەرپ تىبابىتىنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. غۇلام گىيلانخان شەرق ۋە غەرپ تىبابىتىدە دۇنيا بويىچە شۆھرىتى چىققان دوختۇر ۋە تېۋىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئۇنىڭغا » شەمسۇلئەتبىبا» (تېۋىپلار قۇياشى) دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن ھەمدە ئۇ ئەنگىلىيە پادىشاھلىق سەھىيە جەمىيىتىگە ئەزا بولغان. ئىراننىڭ ھىفزى سىھھەت ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا بەلگىلەنگەن. لاھوردىكى ئىسلام تىبابىتى ئونۋېرستىتىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش مەسئۇلى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ كىشى ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، نېمىسچە تىللارنى ۋە پارسچە، ئەرەبچە، ئوردو تىللىرىنى پىشىشىق بىلەتتى. ئۇ ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىلارنى بىر نەچچە قېتىم ساياھەت قىلىپ ئىلمىي يىغىنلاردا لىكسىيە سۆزلىگەن. بۇ كىشىنىڭ دېھلى، كاراچى، لاھۇردا چوڭ دورىگەرلىك مۇئەسسەسەلىرى، دورا زاۋۇتلىرى ۋە كىتابخانىلىرى بار. ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرىدىن :
1. «مەنزىنىلئەدۋىيەداكتىرى» (ئىككى توم كىتاب). بۇ كىتابتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان يەككە دورىلارنىڭ ھەر خىل ئىسىملىرى، خۇسۇسىيەتلىرى، چىقىش ئورنى، تەبىئىتى، خىمىيىلىك تەركىبى ۋە فارماكولوگىيىلىك تەسىرى پۈتۈنلەي ھازىرقى زامان غەرب تىبابىتى نۇقتىئىنەزىرى بويىچە تەھلىل قىلىپ بېكىتىلگەن.
2. «مەخزىنىلھېكمەت» (ئىككى توم). بۇ كىتابتا كېسەللىلەرنى تونۇش، دىئاگنۇز قويۇش، داۋالاشنىڭ غەرپچە ۋە شەرقچە داۋالاش ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلگەن.
3. «مەنزىنىلئىلاج» (ئىككى توم). بۇ كىتابتا باشتىن- ئاخىر ئىچكى كېسەللىلەرنى سۆزلەيدۇ.
4. «ئىلاج بىلمۇفرىدات» (يالغۇز دورىلار بىلەن كېسەل داۋالاش). بۇ كىتابتا 2000 خىلدىن ئارتۇق دورىلار بىلەن كېسەل داۋالاش تونۇشتۇرۇلغان.
5. «تارىخي تىب» بۇ كىتابتا دۇنيا تىبابەت تارىخى سۆزلىنىدۇ.  «تارىخى ئەتبىبا» بۇنىڭدا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر دۇنيادا نامى چىققان شەرق ۋە غەرپ تېۋىپلىرىنىڭ تەرجىمالى تونۇشتۇرۇلغان.
6. «لۇاتىلئەدۋىييە». بۇ كىتابتا پۈتۈن يەككە دورىلارنىڭ يۇنان، ئەرەب، پارس، ھىندى، ئوردو، ئىنگىلىز، لاتىن، تۈرك قاتارلىق تىللاردىكى ئىسىملىرى بىر- بىرلەپ تونۇشتۇرۇلغان.
7. «مەخزىنىلجەۋارھىر». بۇ كىتابتا 21 مىڭ تىببىي ئاتالغۇنىڭ ئىنگىلىز، ئەرەب، پارس تىللىرىدىكى نامى تونۇشتۇرۇلغان.
8. «تەشرىخ ئۇمەناپىئىىلئەزا» (ئاناتومىيە ۋە فىزولوگىيە).
غۇلام گىيلانخاننىڭ مەزكۇر 8 خىل كىتابى ھازىر ئۇيغۇر تىبابىتىدە كەڭ تۈردە پايدىلانماقتا .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button