ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىدورىگەرلىك ئىلمى

مەئىدەن دورىلارنى تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدىن مەسئۇل پراففىسو: ئابدۇرېھىم ئابدۇكېرىم
    قىسقىچە مەزمۇنى : ماقالىدا مەئىدەن دورىلارنى تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىدى، تاۋلاشقا كېرەلىك مۇھىت ۋە تاۋلاشقا كېتەرلىك ماتىرياللار، تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇشنىڭ مەشخۇلات خەريانى قاتارلىقلار ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مەئىدەن دورىلار، تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇش
دورا ئەشيالارنى تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇش تىبابەتچىلىكىمىزدىكى كۈشتە قىلىپ لايىقلاشتۇرۇشنىڭ بىر  تۈرى بولۇپ، ئۇ ئەژداتلىرىمىزنىڭ كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ياراتقان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
تىبابەتچىلىكىمىزدە ھازىرغىچە مەئىدەن جىنىسلىق دورىلاردىن زەر نەخ، شورا، نۈشۇدۇر، قىزىل سىر، سىماب، قەلەي، ئاش تۇزى، كۆمۇر، بىخ مارجان، تانىكار، زەمچە، كۆك تاش، كىبىرىت، مەدەستان، ئاھاڭ، سۈرمە، سەنگىيا، قاشتېشى، لاجىېۋەرد، پادەزەھىرى، تۇتىيا، سەنگى جاراھەت قاتارلىقلار ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىمىزدە بۇ خىل دورىلاردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە بۇ دورىلارنى تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىدى ۋە ئۇنىڭ يېڭى ئۇسۇل چارىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
مەئىدىن دورىلارنى تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىدى
مەئىدەن دورىلارنى تاۋلاپ لايىقلاشتۇرۇش مەئىدەن تۈرىدىكى مەلۇم بىر خىل دورا ئەشيانى بىۋاستە ھارارەت تەسىرى بىلەن يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا كۆيدۈرۈپ ئۆچۈرۈش ياكى چۆكۈرۈش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان كىرىستال ھالەتتىكى نىئورگانىك بىرىكمىنى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. كونكېرىتنى قىلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى مەقسەتكە يېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
1. دورا ئەشيالار ھەجىمىنى كىچىكىلتىپ، دورىلىق ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. مۇناسىپ دورا ئەشيالارنى كۆيدۈرۈپ تاۋلىغاندا دورا جىسمى بوشۇشۇپ تەركىبىدىكى ئۆتكۈر شىپالىق تەركىبلىرى پارچىلىنىپ ئاجراپ چىقىپ، كېرەكسىز قىسمى ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تاۋلانمىلارنىڭ ھەجىمى كىچىكلەپ دورىلىق تەسىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارىدۇ.
2.  دورا ئەشيالارنى ئېزىش، سالايە قىلىشقا قولايلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياسالمىلارغا تەكشى ئۆزلۈشۈش ۋە تېرە يۈزىدىن سېڭىپ كېرىشنى تېزلىتىش. مۇناسىپ دورا ئەشيالارنى تاۋلاپ لايىقلاشتۇرغاندىن كېيىن،ۋە سالايە قىلىپ، ،مەلھەم ياسالمىلىرىغا بىرقەدەر تەكشى ئۆزلەشتۈرگىلى، يەرلىك ئورۇن ۋە تېرە يۈزىگە سىڭىپ كىرىشنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېرە يۈزىدىكى كېسەللىك بار جايغا بىۋاستە سەپكىلىمۇ، زىمات، مەلھەم، پىلىتە تەييارلاپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ.
3. دورىلارنىڭ شىپالىق رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەنەرقىنى تۆۋەنىلىتىش.
دورا  ئەشيالارنى تاۋلاشنىڭ مۇھىتى ۋە كېرەكلىك ماتىرياللار
دورا ئەشيالار تاۋلىنىدىغان ئورۇن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى، سىلكىنىشتىن خالىي بولۇشى،  يەر يۈزى سىمۇنت بولۇپ، ئوت ئالىدىغان  ماتېرياللار بولماسلىقى. ھاۋاسى ساپ بولۇشى، زەھەرلىك گازدىن ۋە پۇراقدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى لازىم.
دورا ئەشيالارنى تاۋلاشتا تۆۋەندىكىدەك ماتېرياللار كېتىدۇ :
تاۋلانمىلارنى يېغىۋېلىش قاچىسى : – ئادەتتە تاۋلانمىلارنى يېغىۋېلىش قاچسى ساپالدىن ئىشلەنگەن پار – پۇر چىنە- قاچا بولىدۇ. ئۆلچىمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
ئېغىز ئېتىش ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېريالى : (1) قىزىل سېغىز. قىزىل سېغىزنى كۆيدۈرۈپ ئىزىپ، 60 – نۇمۇرلۇق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ، ئىشلىتىشتە 17 پىرسەنتلىك ئاشتۇزى سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ يېرىم قاتتىق خېمىر تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ. (2 ) گەژ، خام گەژ ۋە پىشۇرۇلغان گەژنى تەڭ مىقداراد ئېلىپ، ئايرىم – ئايرىم ئېزىپ 80 – نۇمۇرلۇق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەم پىشۇرۇلغان گەجگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ يۇغۇرۇپ، يېرىم قاتتىق خېمىر تەييارلانىدۇ. ئېغىزىنى ئېتىش ۋاقتىدا بىر قەۋەت پىششىق گەژ،بىر قەۋەت خام گەژ  بىلەن ئېغىز ئېتىلىدۇ. ئۈستگە ئىشلىتىلگەن خام گەژگە سۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، بۇ ھارارەت تەسىرىدىن يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. (3 ) دەريا قۇمى : قۇرۇق دەريا قۇمىنى 40 – نۇمۇرلۇق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ، ئىشلىتىش ۋاقتقدا ئىسسىقلىق ساقلىغۇچى قىلىنىدۇ. (4 ) باغاقچە قەغەز : مەلۇم ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولغان قېلىن قاتتىق قەغەزنى تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتە كېسىپ، تۇز سۈيىگە چىلاپ، چىنە بىلەن قازان ئۇچراشقان جاينى ئېتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
تاۋلاشقا ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ : مەئىدەن دورىلار ئوت كۈچى ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ. تاۋلاشنىڭ ئوت كۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، يۇقىرى ئوت كۈچى بىلەن ياخشى سۈپەتلىك تاۋلانمىلارنى تاۋلىغىلى بولىدۇ. ئوت كۈچى ھاسىل قىلشتا ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان  يېقىلغۇلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار :
(1 ) ھايۋان تېزەكلىرى : ھايۋان تېزەكلىرى ھارارەتنى بىر قەدەر تەكشى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمما  ئۇچرىشىدىغان يۈزى تۆۋەن، ساقلىنىش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولىدۇ بۇ نۆۋەتلىنىپ دەپلىتەشكە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
(2 ) ئوتۇن كۆمۈرى: ئوتۇن كۆمۈرىنىڭ ئوتى يالقۇنلۇق ئوي بولۇپ، ئۇچرىشىدىغان يۈزى تېزەككە قارىغاندا چوڭراق بولىدۇ. ئوت دەپتىنى ياخشى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئەمما ساقلىنىش، تەسىر قىلىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىتىپ تاۋلاشقا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
(3 ) كوكۇس ؛ ئادەتتە تاۋلانمىلارغا كوكۇس يېقىلغۇ قىلنىدۇ، كوكۇسنىڭ ئوت كۈچى كۈچلۈك، ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن ئەمما ئوت دەپتىنى ئوتۇن كۆمۈردەك ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
( 4) كۆمۈر : تاۋلاشتا ئادەتتە ئىسسىز كۆمۈر ئىشلىتىلىدۇ. بىر خىل كۆمۈرنىڭ ئوت كۈچى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلىدۇ. ئوت دەپتىمۇ خېلى يۇقىرى بولىدۇ .بۇنداق كۆمۈرنى كۈچلۈك تاۋلاشنىڭ يېقىلغۇ ماتېريالى قىلشقا بولىدۇ.
يۇقىرقىلاردىن باشقا بىخەتەرلىككە، تازىلىققا كاپالەتلىك قىلىش، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆمۈر مېيى، تەبىي گاز، توك ئوچىقى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى ئويلىنىپ كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ.
 تاۋلاشنىڭ مەشخۇلات جەريانى
ئېغىزنى بېكىتىش : قازان ئىچىگە دورىنى سېلىپ ئۈستىدىن چىنىنى دۈم كۆمتۈرۈپ  چىنە بىلەن قازان ئۇچراشقان جايغا تۇرلانغان چىلان باغقچە قەغەز ئۈچ – تۆت قەۋەت قۇيۇلىدۇ. ( بۇ قازان ئىچىگە باشقا بەرسىلەرنىڭ كىرى) كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ) قەغەز ئۈستى ئالتە سانتىنېتىر قېلىنلىقتا لاي بىلەن بېكىتىلىپ، لاي ئۈستىگە قازان بىلەن تەڭ قۇم توشقۇزىلىدۇ. دۈم كۆمتۈرۈلگەن چىنە قاچىنىڭ تۆۋىگە گۈرۈچ تۆكۈپ، ئۈستى  ئىككى دانە كېسەك بىلەن باستۇرۇپ قويۇلىدۇ، ئاندىن قازانغا دەسلەپتە سۇس ئوت كۈچى بىلەن بىر سائەت ھەرارەت تەسىر قىلدۇرىلىدۇ. بۇ جەرياندا چىنە تۈۋىدىكى قېنىق سارغۇچ رەڭگە كىرىدۇ، ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي كۈچلۈك ئوت كۈچى بېرىلىدۇ، بۇ جەرياندا چىنە تۈۋىدىكى گۈرۈچ كۆيۈپ قارا رەڭگە كىرىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ئوت توختۇتۇلۇپ قازەن سوۋۇتىلىدۇ. قازان سوۋىغاندىن ئالدى بىلەن قۇم چۈشۈرۋېتىلىدۇ، .اندىن كىچىك پىچاق بىلەن لاي، قەغەزلەر قىرىپ چىقىرۋېتىلىدۇ، ئارقىدىن دۈم كۆمتۈرۈلگەن چىنە قاچىنى ئاستا ئوڭدا قىلىپ قاچا دىۋارىغايۇققان تاۋلانما قىرىندىلار ئاستا – ئاستا قىرىپ ئېلىنىپئقۇغلاپ سالايە قىلىنىپ تەييارلىنىدۇ، ئىشلىتىلىش ۋاقتىدا نېپىز خەسىگە ئوراپ تۆت سائەت ئەتراپىدا قاينىتىلىپ سۇ ئۈستىگە لەيلىگەن مايلاش ئىسلىرىنى سۈزۈپ چىقىرىۋېتىپ، قۇرۇتۇپ قايتا سالايە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر سىمابنى تاۋلاشقا توغرا كەلسە، قازان ئۇلىغا تۈشۈكلۈك تور ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تور ئۈستىگە سىمابنى تۆكۈپقىزدۇرۇپ، سىمابنىڭ جۇغلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
تاۋلانما دورا ئەشيالارنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
    1 ) تاۋلانما دورىلار ئۆيكۈر تەسىرلىك بولۇپ، زەھەرلىنىش ئېھتىمالى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئىشلىتىش مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
    2 ) تاۋلانما دورىلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلار ئاساسەنسىرتتىن ئىشلىتىلىپ ئىچىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ. سىرتتىن ئىشلىتىلگەن ۋاقتىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، دورا ئىشىتىلىدىغان ئورۇننى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. بولمىسا كۈچلۈك زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شىللىق پەردىلەرگە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
   تاۋلانما دورىلاردىن تەييارلىنىدىغان ياسالمىلاردىن ئۈلگە
   مەلھىمى سىماب : بۇ دورىلارنىڭ تەركىبىدە سىماب، كۆك تاش، كىبرىت، مەدەستان، زەرنەخ ( ھەر قايسىسى تەڭ مىقداردا ) سېرىق ياغ ( ھەممە دورىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك مىقداردا ) قاتارلىقلار بار. تەييارلاشتا سىمابتىن باشقاا دورىلارنى ئىزىپ  سالايە قىلىنىدۇ. سىماب قازان ئىچىگە تۈشۈكلۈك قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تۆشۈكلىرىگە تەكشى تەڭشەپ قويۇلىدۇ، ئۈستىدىن باشقا دورا تالقانلىرىنى تۆكۈپ، چىنىنى دۈم كۆمتۈرۈپ، ئەتراپىنى بېكىتىپ، چىنە تۈۋېگە گۈرۈچ تۆكۈپئىسسىقلىق بېرىپ قىزدۇرىلىدۇ. گۈرۈچ قارا كۈيۈك رەڭگە كىرگەندە ئېلىپ سوۋۇتۇپ، چىنە ئەتراپىغا يۇققان قىرىندىلارنى قىرىپ ئېلىپ نېپىز خەسە خالتىغا ئوراپ، تۆت سائەت قاينىتىپ ئىس مايلىرىنى چىقىرىۋېتىپ قۇرۇتۇپ، ئىزىپ سالايە قىلىپ، 120 – نۇمۇرلۇق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ سېرىق مايغا تەكشى ئۆزلەشتۈرۈپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
     ئىشلىتىلىشى : يىرىڭلىق جاراھەت، سىبلىس، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، كالا تەمرەتكۈسى، قاسىراقلىق تەمرەتكە، سۇلۇق تەمرەتكە، تاز، چاقا ۋە باشقا ھەرخىل تىپتىكى تېرە كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكۇمى ئىلمىي ژۇرنىلى( 1999 –يىللىق 1 – ئاي نەشىرىدىن ئېلىندى. )

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button