تارىخى شەخىسلەر

ئەرەستۇ ( ئارستو تېل )

ئەرەستۇ مىلادىيىدىن 384 يىل بۇرۇن يۇناننىڭ سىتاجىرا دېگەن يېرىدە تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، مىلادىيىدىن 322 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان .دادىسى ماكېدونىيە پادىشاھى ئامىتتانىڭ مەخسۇس تېۋىپى ئىدى ئەرەستۇ نام ۋە شۆھرەتتە ئەپلا تۇندىن قېلىشمايدىغان ئالىم . ئۇ ئۆسمۈر ۋاقتىدا دادىسىغا ئەگىشىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن . 17يېشىدا دەسلەپكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئافىنا شەھىرىگە كېلىپ ئەپلاتۇندىن پەلسەپە، ھېكمەت ئىلمىي ئەخلاق، سىياسەت،مەدەنىيەت، تەبىئىي پەن ۋە ئىلاھىيەت، رىيازىيات ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن . بۇ ھەقتە چوڭ شۆھرەت قازانغان .200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئالىملىرى ئارستوتېلىغا [بىرىنچى ئۇستاز ] دېگەن نام بىلەن قول قويغان . 10- ئەسىردە ئەرەستۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، دۇنيا بويىچە نام چىقارغان بىزنىڭ ئۇلۇغ ئالىمىمىز پەيلا سوپ ئەبۇنەسىر فارابىغا [ئىككىنچى ئۇستاز ] دەپ نام بېرىلگەن . جاھان تارىخىدا داڭدار شەخس ئالېكساندىر ماكادۇنىسكى [ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ] گە ئەرەستۇ مۇئەللىملىك قىلغان . بەزىلەر ئەرەستۇ مىلادىدىن 342 يىل بۇرۇن ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغىچىلىك كەلگەن دەيدۇ . ھەرھالدا ئەرەستۇ دۇنياغا ئىلىم ۋە مەرىپەت نۇرى چاچقان مەشھۇر تارىخىي شەخسىلەرنىڭ بىرىدۇر .
ئەرەستۇ يالغۇز پەلسەپە ۋە ئىلىم ساھەسىدە ماھارەتلىك بۇلۇپلاقالماستىن، سىياسەت ئىلمىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلىك سەۋىيىگە ئىگە . شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ جاھانگىر دۆلەت ماكىدونىيىنىڭ پادىشاھى يۇنان، ئوتتۇراشەرىق، مىسىر، ئەرەب، ئىران، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالارنى ئىشغال قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ مەسىلىھەتچىلىكىگە تاللىغان ئىدى . لېكىن، ئەرەستۇ ئىسكەندەرنىڭ ئۇ يەردە يۈرگۈزگەن زالىم ھەرىكەتلىرىدىن نارازى بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن .
ئەرەستۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئالىم ۋە پەيلا سوپ بۇلۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھازىرقى دۇنيا تارىخىدا شەرەپلىك ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئىشق –مۇھەببەت، روھىي كەيپىيات ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى ھازىرغاقەدەر ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە .
ئەرەستۇ ئۆز ئەقلى ۋە ئەقىل تەپەككۇرى بىلەن كەشپ قىلغان نەزەرىيىنى ئەمەلىي تەجرىبىدىن ئۆتكۈزمىگۈچە ھەرگىز ئېلان قىلمايتتى . ئۇنى تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ، تولۇق ئىشەنچ ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قۇياتتى .
ئەرەستۇ ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە ياخشى شارائىتقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەرخىل تەتقىقات نەمۇنىلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى تەجرىبە قىلغان . مەسلەن ھەر خىل ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، مەدەنلەرنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، توغراپ، ئۇلاپ، يېتىشتۈرۈپ كۆرگەن . ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاش، ھايۋانلارنى نەسىللەندۈرۈش، مەدەنلەرنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىدا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . بىر خىل ئۆسۈملۈككە يەنە بىر خىل ئۆسۈملۈكنى ئۇلاپ كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورگانىك ئەزالىرىنى ئالماشتۇرغان ۋە ئۆزگەرتىپ كەشىپ قىلغان . ئۇ، ئادەملەرگە بۇ خىلدىكى تەجرىبىلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئەرەستۇ بىر سوتكىدا تۆت سائەتلا ئۇخلايتتى . ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى بۈگۈنكى پەن –تېخنىكا كەشپىياتى ئۈچۈن چوڭ ئۆرنەك بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەنتىق [ لوگىكا ] ئىلمىنى تۇنجى بۇلۇپ كەشپ قىلغان كىشى دەل ئەرەستۇدۇر .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button