تارىخى شەخىسلەر

داۋۇت ئەنتاكى

داۋۇت ئەنتاكى 10- ئەسىردە ھازىرقى پەلەستىننىڭ ئەنتاكىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان مەشھۇر تېۋىپلاردىن بىرى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان ۋە ئەرەب ئىسلام تېبابەت ھۆكۈمالىرىدىن بەقرات، جالىنۇس، ئىبىنسىنا، رازى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلىي خىزمىتىدە قوللىنىپ شۆھرەت قازانغان. ئۇ تببىي داۋالاش ۋە تېخنىكىسىدا دورىلارنى تەييارلاش ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەشتە چوڭ ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە خېلى كۆپ ئەسەرلىرى بولۇپ بىزگە يېتىپ كەلگەنلىرى ناھايىتى ئاز. ئۇنىڭ «تەزكىرەئى ئۈلۈلئەلباب ۋە جامىئىل ئىجاب» ۋە تەزكىرەئى داۋۇد ئەنتاكى» قاتارلىق كىتابلىرى بار. بۇ كىتابلاردا يالغۇز دورىلار ۋە مۇرەككەپ دورىلارنى ئۆلچەش، ياساش ۋە ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنى بەلگىلەش، زىيانلىق تەرەپلىرىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار. ئۇنىڭدا مۇنداق دېگەن: «تېبابەت دېگەن دەسلەپ مەخپىي تۇتۇلىدىغان نەرسە بولۇپ ئۇنىڭدىن پەقەت پادىشاھلار، ۋەزىرلەر، شاھزادىلەر، يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر پايدىلىناتتى. ھېكىم بەقرات بۇنى ئاشكارا قىلىپ قويغانلىق ئۈچۈن جازالاندى. يۇنان قەدىمكى تىبابىتىنى ئەرەب مۇسۇلمانلىرى قولغا كەلتۈرگەن، تەرەققىي قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى يەھۇدىي ۋە نىسارالارنى ئىگىلەپ كەتكەن. مەن يەنە ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا قايتۇردۇم. ئۇنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىم ئۈچۈن مۇتەئەسسىپلەر تەرىپىدىن ئەرزىيەتكە يولۇقتۇم. بۇ قەدىمدىن ئۆتكەن نەقرات، سوقرات قاتارلىق زاتلارغا ئۇچرىغان مەسىلىلەردۇر». داۋۇد ئەنتاكى ئىلىم ۋە مەرىپەتلەرنى بىر نەچچە قىسىمغا، گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ ئۇلارنىڭ چىگرىسىنى بەلگىلىگەن. مەسىلەن: خىمىيە، ئاسترونومىيە، قانۇن، مەنتىق، تېبابەت قاتارلىق بىر نەچچە ئىلىملەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ھەممە مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ھالدا سۆزلىنەتتى. داۋۇت ئەنتاكى بۇلارنى بىر- بىرىدىن ئاجرىتىپ ئايرىم ئىلىم قىلىپ چىقتى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button