ئاياللارساغلاملىقى

ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى

جاراسىملار بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىۋېلىپ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى دېيىلىدۇ.
سەۋەبى : تۇغۇتتىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش بولسا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىملىق سەۋەب، شۇنداقلا ئەڭ ئېغىر تىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىياتقۇغا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابى ئورنىتىش، بالىياتقۇ بوينىنى كېرىش، قىرىش، داغماللاش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى مونچاق گۆشى، شىلىمشىق پەردە ئاستىدىكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى : ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىدا ياللۇغىلانغان جاي سەل – پەل قىزىرىدۇ، قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى ئاغرىيدۇ، ئاق خۇن كۆپ ھەم قان ئارىلاش، سېسىق بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا تەرەققىي قىلىپ، بالىياتقۇ مۇسكۇل ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. داۋالاش پرىنسىپى : ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشنىڭ ئالامىتى يوقالمىغۇچە، بىمار يېتىپ ئارام ئېلىشى، زۆرۈر بولمىغان ئارتۇقچا ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ياللۇغ قايتۇرىدىغان، بالىياتقۇنى كۈچەيتىدىغان، قىزىتما پەسەيتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش :
1- رېتسىپ : قىزىلگۈل، ئاق سەندەل، بوزۇغا، ئىكلىلمىلىك ۋە بابۇنىدىن 10 گرامدىن، موزىدىن يەتتە گرام، ئانار پوستىددىن بىر گرام، ئىگىردىن بەش گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ،قايناتمىدا كۈندە ئىككى قېتىم ۋاننا قىلىپ ئولتۇرغۇزۇلسا ، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاق خۇننى توختىتىدۇ.
2 – رېتسىپ : ئاق كۆكنار ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، ئازراق سۈت تېمىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئازراق گۈل يېغى، زەپەر ۋە موم ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىلتە ياساپ، بالىياتقۇغا ئىككى كۈندە بىر كىرگۈزۈپ قويۇلسا، بالىياتقۇنىڭ ئىسسىقتىن ئاغرىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3 – رېتسىپ : يەرلىك شوخلا، شاھتەررىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قايناتما سۈيىدە ئىككى قېتىم ھورلىنىپ بەرسە، قان تازىلاپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
4 – رېتسىپ : شاھتەررە، مامىرانچىنى، چۆپچىن ۋە ھېلىلە كابىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، قان تازىلاپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
5 -رېتسىپ : بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، كاكىنەچ، ھەمشىباھار ئۇرۇقى، شومشا ئۇرۇقى، گۈلبىنەپشە ۋە چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ قايناقسۇدا خېمىر قىلىپ، قورساقنىڭ ئاغرىيدىغان يەرلىرىگە بىر كېچە تېڭىپ ئەتىسى ئېلىۋېتىلسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش :
1 – رېتسىپ : ئەرقى چۆپچىن ( تەركىبى : چۆپچىن بىر كىلوگرام، سۇدىن 6000 مىللىمىتىر ئېلىپ، قاينىتىپ، پارلاندۇرۇلغان سۈيىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئۈچ قېتىم، 50 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 – رېتسىپ : ئىترىفىل چۆپچىن ( تەركىبى : تازىلانغان ئامىلە، ھېلىلە سىياھ، مەستىكى رۇمى، شەترەنجى ھىندى، دارچىن، قىزىلگۈل، شاھتەررە ھەربىرىدىن 150 گرامدىن، ئەۋرىشىم، قەلەمپۇر، نەمەكى ھىندى، زەنجىۋىل، ئارپىبەدىيان ۋە بىخ كەبىرنىڭ ھەر بىرىدىن 75 گرامدىن، بىنەپشىدىن 20 گرام، سانا ۋە سەربىلدىن 100 گرامدىن، چۆپچىن ۋە بەلىلە پوستىدىن 300 گرامدىن، بادام يېغىدىن 20 گرام، ھەسەلدىن سەككىز كىلوگرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنىڭ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، بادام يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ، ئاندىن بارلىق دورىلارنى ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىترىفىل تەييارلىنىدۇ. ) كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3- رېتسىپ : ئەرقى شوخلا ( تەركىبى : شوخلىدىن 100 گرام، سۇدىن 500 مىللىمىتىر ئېلىپ، پارلاندۇرۇلغان سۈيىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئۈچ قېتىم، 50 مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
4 – رېتسىپ : شەربىتى ئۆشبە ( تەركىبى : سەرسىبىلدىن 24 گرام، چۆپچىندىن 36 گرام، شاھتەررىدىن 50 گرام، بادرەنجى بۇيا، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، گاۋزىبان ھىندى، ئەفتىمۇن، كاسىنە ئۇرۇقى، چىلان قاتارلىقلاردىن 20 گرامدىن، شېكەردىن 500 گرام، ئېلىپ، دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا 24 سائەت چىلاپ، قاينىتىپ ئاندىن دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، دورا سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، بىر كىلوگرام شەربەت تەييارلىنىدۇ. )
كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 – 30 مىللىلېتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قۇۋۋەتلىك تاماقلار ئىستېمال قىلىنىدۇ. كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، قېتىق، تاۋۇز قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button