روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى

روھىي پائالىيەتلەرنىڭ مەركىزى مېڭە

مېڭە روھىي نەپسانىيتنىڭ تۈرتكىسىدە بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش، تەڭشەش ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئوبيېكتىپ مۇھىيتقا ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، تەپەككۇر قىلىدىغان ئاساسىي ماددىي ئاپپارات. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدا مېڭىنىڭ تەپەككۇر پائالىيتى ئارقىلىق دۇنيانى بىلىدۇ.

مېڭە- مېڭە قۇتىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، چوڭ مېڭە، كىچىك مېڭە ۋە مېڭە سېپىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ مېڭە ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئىككى چوڭ مېڭە يېرىم شارىدىن تەركىب تاپقان. چوڭ مېڭىنىڭ ئارقا تۆۋەن تەرىپى كىچىك مېڭىدۇر. چوڭ مېڭىنىڭ تۆۋەن تەرىپى ۋە كىچىك مېڭىنىڭ ئالدى تەرىپى ساپاقسىمان كەلگەن مېڭە سېپىدۇر.

1.مېڭە سېپى- چوڭ مېڭىنىڭ ئاستىغا رېتى بويىچە جايلاشقان ئارىلىق مېڭە، ئوتتۇرا مېڭە، مېڭە كۆۋرۈكچىسى ۋە سوزۇنچاق مېڭە، مېڭە سېپىنى تەشكىل قىلىدۇ. سوزۇنچاق مېڭىنىڭ ئاستى يۇلۇنغان تۇتاشقان. لېكىن جايلىشىشى يۇلۇندىكىدەك تەرتىپلىك ئەمەس. مېڭە سېپىدىكى سۈر ماددا بەدەننىڭ نېگىزلىك ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بەزى مەركەزەلەر بار. مەسىلەن: يۈرەك تومۇرلىرىنىڭ ھەرىكەت مەركىزى، نەپەسلىنىش مەركىزى قاتارلىقلار بار. بۇ مەركەزلەر زەخمىلەنسە، دەرھال يۈرەك سوقۇش، قان بېسىم، نەپەسلىنىشلەردە ئېغىر توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا يۈرەكنىڭ سوقۇشى ۋە نەپەسلىنىشى توختاپ قېلىپ ،ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ. مېڭە سېپىدىكى ئاق ماددا ئىچىدە يۇقىرىغا ۋە تۆۋەنگە يەتكۈزگۈچى مۇھىم باغلاملار بار. بۇ ئۆتكۈزۈش باغلاملىرى زەخمىلەنسە، بويۇن، گەۋدە، قول- پۇتلارنىڭ سېزىمى ۋە ھەرىكەتلىرىدە توسالغۇ پەيدا بولۇشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2.كىچىك مېڭە- كىچىك مېڭە مېڭە سېپىنىڭ ئارقا يېنى، چوڭ مېڭىنىڭ ئارقا تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان. كىچىك مېڭىنىڭ يۈزىدە نۇرغۇنلىغان چوڭ پاراللېك كەلگەن تېيىز ئېرقچىلار بولۇپ، ئىككى ئېرىقچىنىڭ ئارىسىدا بىر تال ياپراقچە بولىدۇ. كىچىك مېڭىنىڭ سىرتقى قەۋىتى سۈر ماددا بولۇپ، بۇ كىچىك مېڭە پوستى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىچكى قىسمى ئاق ماددا ۋە ئاز ساندىكى سۈر ماددا پارچىلىرىدىن شەكىللەنگەن نېرۋا يادروسىدۇر. كىچىك مېڭە بەزى نېرۋا باغلاملىرى ئارقىلىق مېڭە سېپى بىلەن ئۇلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭ مېڭە ۋە يۇلۇن بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.

كىچىك مېڭە ئادەم تېىن ىڭ ھەرىكىتىدە گەۋدىنىڭ مۇۋازىنىتىنى ساقلاش، مۇسكۇللارنىڭ چىڭىش دەرىجىسىنى تەڭشەش، ئىختىيارى ھەرىكەتلەرنى تەڭشەش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مېڭىنىڭ فونكىسىيىسى ئادەم بەدىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. كىچىك مېڭىدە كېسەللىك يۈز بەرگەندە، كۆزنى يۇمۇپ مەزمۇت ئۆرە تۇرغىلى بولمايدۇ. ماڭغان چاغدا مەست بولۇپ قالغاندەك لەيلەپ كېتىدۇ. ھەرىكەت توغرا بولمايدۇ. ماسلاشمايدۇ، نازۇك ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىيالمايدۇ.

3. چوڭ مېڭە- ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئىككى چوڭ مېڭە يېرىم شارىدىن تەشكىل تاپقان. چوڭ مېڭە يېرىم شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت سۈر ماددا بولۇپ، ئۇ يەنە چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  بۇنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 2~3 مىللىمېتىر كېلىدۇ. پوستلاق قەۋىتىنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن ئويمان ئېرىقچە ۋە كۆتۈرلۈپ تۇرغان پۈرمىلەر بولۇپ، بۇلار چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ ئومۇمىي سەتھىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. سېستاستىكا مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن نېۋرون ھۈجەيرە تەنچىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي سانى ئون مىليارد ئەتراپىقدا. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى- نېرۋا سېستىمىسىنىڭ بەدەندىكى فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ تەڭشەيدىغان ئەڭ ئالىي مەركىزى، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە سەزگۈسى قاتارلىق فونكىسىيىلىرىنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى مۇئەييەن ئورۇنلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا باشقۇرىدۇ. بۇ مۇئەييەن ئورۇنلار فونكسىيە رايونلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان نېرۋا مەركەزلىرىدۇر. مۇھىمراق بولغان نېرۋا مەركەزلىرىدىن گەۋدە ھەرىكەت مەركىزى (بەدەننىڭ قارىمۇ- قارىشى يېنىكدىكى ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىنىڭ ئادەم ئىختىيارىغا بوي سۇنىدىغان ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرىدۇ)، گەۋدە سەزگۈ مەركىزى (بەدەننىڭ قارىمۇ قارشى يېنىدىكى تېرە، مۇسكۇل قاتارلىق جايلارنىڭ سېزىمىنى قوبۇل قىلىدۇ)، نۇتۇق مەركىزى، كۆرۈش مەركىزى ۋە ئاڭلاش مەركىزى قاتارلىقلار بار.

1) گەۋدە ھەرىكەت مەركىزى قول- پۇتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ئالىي مەركەزدۇر. ئەگەر بۇ مەركەز ياكى ئۇنىڭغا باغلانغان مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا تالالىرى زەخمىلەنسە، مەسىلەن: مېڭىگە قان چۈشۈش ئارقىلىق بۇ نېرۋا تالالىرى بېسىلسا، قارشى ياندىكى پۇت- قول پالەچلىنىدۇ. يەنى يېرىم پالەچ بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سول يان چوڭ مېڭە يېرىم شارىدىكى گەۋدە ھەرىكەت مەركىزى زەخىملەنسە ئوڭ يان يېرىم پالەچلىنىدۇ.

2) گەۋدە سەزگۈ مەركىزى گەۋدە سەزگۈسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەركەزدۇر. بۇ مەركەز ياكى ئۇنىڭغا تۇتاشقان مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا تالالىرى زەخىملەنسە، قارشى ياندىكى گەۋدە سەزگۈسىدە توسالغۇ كۆرۈلىدۇ.

3) نۇتۇق مەركىزى – ئىنسانلارغا خاس فونكسىيە رايونى. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى ئارقىسىدا نوتۇق ۋە تەپەككۇر پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە نوتۇق مەركىزى بارلىققا كەلگەن (مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ سول تەرەپ يېرىم شارىدا بولىدۇ)، ئەمما ھايۋانلار، ھەتتا ئادەمسىمان مايمۇننىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ پوستلاق قەۋىتىدە نوتۇق مەركىزى بولمايدۇ.

چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىچى ئاق ماددا بولۇپ، نېرۋا تالالىرىدىن تەركىب تاپقان. بەزى نېرۋا تالالىرى ئوڭ- سول ئىككى چوڭ مېڭە يېرىم شارىنى مۇناسىۋەتلەشتۈپ تۇرىدۇ. بەزىلىرى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى ۋە كىچىك مېڭە، مېڭە سېپى، بۇلۇتلار بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.

نورمال ئەھۋالدا چوڭ مېڭە ئىككى يېرىم شارلىرى ماسلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئىككى  يېرىم شار قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلار مېڭىدىكى قاداق تەنچە ئارقىلىق ئۆز- ئارا تۇتىشىپ، تارقىلىپ بىرلىككە كېلىپ، ماسلىشىقپ ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن بۇيانقى چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىنى ئۆز- ئارا بىر- بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چوڭ مېڭە ئىككى يېرىم شارلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ. ھەر بىر يېرىم شار ئوخشىمىغان ئالىي دەرىجىلىك پىسخىكىلىق ئىقتىدارغا ئىگە. ئادەمنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ ئورنى سول يېرىم شاردا بولۇپ، بۇ يېتىم شار ئادەمنىڭ تىل، ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاش ۋە مەنتىقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل. ئادەمنىڭ ماكان ۋە زامان جەھەتتىكى ئىدراك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاساسلىق ئورنى ئو يېرىم شاردا بولۇپ، بۇ يېرىم شاھ ئادەمنىڭ شەيئىلەرنىڭ ماكان، زاماندىكى مۇناسىۋىتىنى ئىدراك قىلىش، كەيپىيات، مۇزىكا ۋە گۈزەل سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارىغا مەسئۇل. چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ئىقتىدار ئورنى ۋە چوڭ مېڭە يېرىم شارىنىڭ ئىقتىدرارىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات يۈزلىنىشىدىن بىز مېڭە بىلەن پىسخىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ ئالالايمىز.

يۇقىرىقى بايانلارنى ئومۇملاشتۇرغاند،ا پىسخىكا ئالاھىدە شەكىلدە تەشكىللىنىپ بارلىققا كەلگەن ماددا، مېڭە بىلەن روھنىڭ مەھسۇلى. مېڭە بىلەن روھ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولغان بىر خىل فونكىسىيىلىك سىستېما بولۇپ، ئۇ روھىي پائالىيەتلەرنىڭ ماددىي مەركەزلىرىدۇر.

 

ئۇيغۇر تېبابىتى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button