يۈرەك مېڭە- قان تومۇر

يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش

چۈشەندۈرۈش

يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش

يۈرەك بولسا روھىي ھايۋانىنىڭ باشلىنىش مەنبىئى بولۇپ ، ئادەم ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر يۈرەك ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ . يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ توختىتىشى ، ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە تىرىكلىكنىڭ توختىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . يۈرەك ئۆزىنىڭ پۇتۇن ھەرىكىتى داۋامىدا ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاساسىي ماددىلار ۋە ساپ ھاۋا يەنى ئوكسىگېن (O2)نى قان تومۇرلار ئارقىلىق پۇتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ ، بۇلغانغان ھا ۋا يەنى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد (CO2)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاننى ئۆپكىگە ئەۋەتىپ تازىلاپ تۇرىدۇ . ئۇ ئۈزلۇكسىز قىسقىراپ – كېڭىيىش ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقىرىقى جەريانلارنى تاماملايدۇ . يۈرەكتە بىرەر كېسەللىك يۈز بەرسە ئىنسان ھاياتىغا بىۋاسىتە خەۋپ يېتىدۇ . شۇڭلاشقا يۈرەكتە يۈز بەرگەن كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاش ئىنتايىن زۆرۈر.

تۇلۇق مەزمۇنى

1. مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى چوڭ جەھەتتىن خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .

1) خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن، ھۆل ئىسسىقتىن، ھۆل سوغۇقتىن ۋە قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسللىكى دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بۇ تۆت خىل خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق بىلەن ھۆل ئىسسىقتىن ۋە خىلىتسىز ھۆل سوغوق بىلەن قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى دەپ ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاپ داۋالاشقا بولىدۇ . بۇ خىل خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە خىلىتتا ئۆزگىرىش بولمىغاچقا ، خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ ( پىشۇرغۇچى)، مۇسھىل ( تازىلىغۇچى – سۈرگۈچى) دورىلار بېرىلمەيدۇ ، بەلكى ئۈستۇنلۈكنى ئىگىلەپ مىزاج بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەيپىياتقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

(1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق بىلەن خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش. ھارارەت پەسەيتكۈچى ، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن ئاق سەندەل ، تاباشىر، بىدەمىشكى ، مۇرەككەپ دورىلاردىن ئەرقى سەندەل، خېمىرى مەرۋايىت ، قۇرسى تاباشىر قاتارلىقلار.

② يېمەك – ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتكۇچى ، ئاسان سىڭىدىغان ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، بېلىق گۆشى ، چۈجە گۆشى…شوۋىگۈرۈچ ، ئارپا ئېشى ، كەرەپشە ، پەمىدۇر، يۇمغاقسۈت، بېھى،ئامۇت ، چىلان… قاتارلىقلار.

③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (مەسىلەن، مۇز، سوغۇق سۇ، ئاق سەندەل، گۇلاب، كافۇر… ) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش ( مەسىلەن: بىنەپشە يېغى ، قاپاق يېغى) ، ئۇۋۋۇلاپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

④ پەرھىز بۇنىڭدا يۈرەك ھارارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۇۋېتىدىغان، تەستە سىڭىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك، يۈرەك خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن بالادۇر، سۆرۈنجان ، پىلپىل مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببى ئازاراقى ، مەجۈنى سوم، ھەببى سالاجىت … يېمەك – ئىچمەكلەردىن قۇتاز گۆشى، ئات گۆشى ، تۆگە گۆشى، سامسا ، تۇخۇم پوشكىلى ، گۆشلۈك پولۇ، پىياز، سامساق، پىدىگەن ، ياڭاق ، خورما … قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا كۆپ ئىشلەش ياكى ئۇزۇن يول يۈرۈش ، قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بالادۇر يېغى ، تۇخۇم يېغى ، قەلەمپۇر يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلاش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، زىيادە ئاچچىقلىنىش ، غەزەپلىنىش ياكى خۇشال بولۇش ، ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆپ بولغان ئورۇندا ئۇزۇن تۇرۇش قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ .

(2) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق بىلەن خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش بۇنىڭدا ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئارتۇق ھۆللۇكنى قۇرۇتقۇچى، قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن گاۋزىبان ، بادرەنجى بۇيا، ئۇستىقۇددۇس، سۇمبۇل قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن ئىپار جەۋھىرى، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، داۋائىمىشكى شىرىن قاتارلىقلار.

② يېمەك – ئىچمىكى ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئاسان سىڭىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن، كەپتەر گۆشى؛ توشقان گۆشى ، قوي گۆشى ، شورپا، گۆشلۈك پولۇ ، چامغۇر، بېدە ، سەۋزە ، ئالما ، ياڭاق ، ئانار. . . قاتارلىقلار.

③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( مەسىلەن ، قىزدۇرۇلغان تۇز ياكى قۇم ، ئىپار، قۇندۇز قەھرىبىلەن ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ) ، ياغلاپ داۋالاش ( مەسىلەن ، قەلەمپۇر يېغى، سەۋسەن يېغى ) ، نۇر ئارقىلىق داۋالاش ( مەسىلەن، كۈن نۇرىغا قاقلىنىش) ، ھەرىكەت . قىلدۇرۇپ داۋالاش ( مەسىلەن، يەڭگىل بولغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، سەيلە – ساياھەت قىلىش ) ، روھىي جەھەتتىت داۋالاش ( مەسىلەن، كۆپ خىيال قىلىش، غەم – قايغۇ ، ھەسرەت – نادامەت چېكىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش قاتارلىقلار) ، ئارىشاڭ بىلەن داۋالاش، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش ، تېرىگە ئېلىپ داۋالاش، قۇم بىلەن داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تالاپ قوللىنىلىدۇ .

④ پەرھىز ھارارەتنى تۆۋەنلەتكۈچى، ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يۈرەك خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرغۇچى يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن سېمىزئوت ئۇرۇقى، تەمرى ھىندى، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن لىمون شەربىتى ، ھەببى بىنەپشە ، قۇرسى كافۇر قاتارلىقلار. يېمەك – ئىچمەكلەردىن بېلىق گۆشى ، قېتىق ، لەڭپۇڭ ، شويلا، يېسىۋىلەك ، قاپاق ، تۇرۇپ ، تاۋۇز، شاپتۇل ،ئامۇت قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆل- يېغىنلىق سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش ياكى كۆپ ئىشلەش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق تەبىئەتلىك ياغلار (بىنەپشە يېغى ، قاپاق يېغى قاتارلىقلار) بىلەن ياغلاش كۆپ ئۇخلاش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش ، كۆپ خىيال قىلىش، دەرد – ئەلەم تارتىش قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ .

2) خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى سەپرا ، قان ، بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ھالەتكە ئۆزگىرىشىدىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بولۇپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بۇ خىل مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە خىلىتتا غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش بولغاچقا ، قان خىلىتىدىن باشقا خىلىتلارغا ئاكى بىلەن مۇنزچ، مۇسھىل بېرىلىدۇ . قان خىلىتىغا قارىتا قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك بولسا شۇنىڭغا خاس بولغان قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ . بۇخىل يۈرەك كېسىلىگە قارىتا تەڭشىگۈچ دورىلار بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىرىپ داۋالىنىدۇ.

(1) غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش بۇنىڭدا ئاكى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلىرى تەركىبىگە يۈرەكنى. قۇۋۋەتلىگۈچى ، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن ، ئاق سەندەل ، بىدەمىشكى… قاتارلىقلار.

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش. مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ بەدەن تەنقىيە ( تازىلىنىپ) قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يۈرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، خېمىرى مەرۋايىت ، خېمىرى سەندەل ئەبرىشىم شەربىتى قاتارلىقلار.

③ يېمەك – ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتكۈچى ، ئاسان سىڭىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، بېلىق گۆشى ، دۇفۇ ، شوۋىگۈرۈچ، ئارپا ئېشى ، قېتىق ، كەرەپشە، تەرخەمەك ، يۇمغاقسۈت ، ئامۇت، بېھى ، ئاپېلسىن ، بانان… قاتارلىقلار.

④باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( مەسىلەن ، مۇز، سوغۇق سۇ ، ئاق سەندەل ، گۇلاب، كافۇر بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈش) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش ( مەسىلەن ، بىنەبشە يېغى ، قاپاق يېغى… )، روھىي داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش قاتارىلق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۈۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

④ پەرھىز بۇنىڭدا يۈرەك ھارارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئسىسىق تەبىئەتلىك يۈرەك خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگۈچى يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ .مەسىلەن ،يەككە دورىلار بالادۇر، زىراۋەندە، قارىمۇچ قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن مەجۈنى ئازاراقى ، ھەببى سالاجىت ، مەجۈنى جەدۋار قاتارلىقلار. يېمەك – ئىچمەكلەردىن ئات گۆشى ، قۇتاز گۆشى ، تۆگە گۆشى… تۇخۇم پوشكىلى ، سامسا ، گۆشلۈك پولۇ ، سامساق ، پىدىگەن ، پىياز، تۇز، خورما، ياڭاق ، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا كۆپ ئىشلەش ياكى ئۇزۇن يول يۈرۈش ، قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار (قۇستە يېغى ، زەيتۇن يېغى ، قەلەمپۇر يېغى) بىلەن ياغلاش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ، ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، زىيادە ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ .

(2) غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

① تەڭشىگۈچ دورىلارنى بېرىش بۇنىڭدا ئاكى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان تەڭشىگۈچى دورىلار تەركىبىگە يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار قوشۇپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ . مەسىلەن، پىلە ، سۇمۇق ، ئامىلە، ئوسۇڭ ئۇرۇقى قاتارلىقلار.

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش خىلىتقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ، يۈرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، خېمىرى مەرۋايىت ، قۇرسى تاباشىر، ئەبرىشم شەربىتى … قاتارلىقلار.

③ يېمەك – ئىچمىكى ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ھارارەت پەسەيتكۈچى ، ئاسان سىڭىدىغان ، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۈ. مەسىلەن ، ئۈگرە ئاش ، كوچا ئېشى ، ئارپا ئېشى ، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر، ئالقات، ئاپېلسىن ، چلان قاتارلىقلار.

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( مەسىلەن ، مۇز پارچىسى ، سوغۇق سۇ ، گۇلاب ، كافۇر، سەندەل قاتارلىقلار بىلەن ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، روھىي داۋالاش، ئۇۋۇلاپۈ داۋالاش ، قان ئېلىپ داۋالاش… قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تالاپ قوللىنىلىدۇ .

⑤ پەرھىز ھارارەتنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ، يۈرەك خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن، يەكە دورىلارلاردىن كۇچىلا، سۆرۈنجان ، زاغۇن ئۇرۇقى قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن مەجۈنى ئازاراقى، ھەببى سۆرۈنجان، مەجۈنى سەقەنقۇر قاتارلىقلار. يېمەك – ئىچمەكلەردىن كەكلىك گۆشى ، ئۆردەك گۆشى، شورپا، قىزىلچا ، قوغۇن، ئەنجۈر قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن يول يۈرۈش ياكى كۆپ ئىشلەش، قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلاش ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشى ، زىيادە ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش ياكى خۇشاللىق، ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆپ ئورۇندا ئۇزۇن تۇرۇش قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ .

(3) غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش. بۇنىڭدا ئاكى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلار تەركىبىگە يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار قوشۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئاسارۇن ، رەيھان ئۇرۇقى ، دورۇنجى ئەقرەبى قاتارلىلقلار.

② قۇۋۋەتلىگۇچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى مۇقەۋۋىيات دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن ، رەيھان شەربىتى ، داۋائىلمىشكى ھەر، ئىپار جەۋھىرى قاتارلىقلار.

③ يېمەك – ئىچمىكى ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئاسان سىڭىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، كەپتەر گۆشى ، كىيىك گۆشى ، گۆشلۇك پولۇ ، پەرمۇدە، كاۋاپ ، كۈدە ، پىياز، پىدىگەن ، ياڭاق ، خورما قاتارلىقلار.

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆيكۈزۈپ داۋالاش (مەسىلەن ، قىزدۇرۇلغان تۇز، قۇم … ) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ( مەسىلەن ، يەڭگىل چېنىقىش پائالىيەتلىرى ۋە سەيلە – ساياھەت بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش) ، ئۇۋۇلاپ داۋالاش ، تېرىگە ئېلىپ داۋالاش، ئارىشاڭ بىلەن داۋالش ، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش، قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش، روھىي داۋالاش، قاتاك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

⑤ پەرھىز ھارارەت پەسەيتكۈچى ، يۈرەك خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرغۇچى سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك – ئىچمەكلەدىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ، مەسىلەن، يەككە دورىلار لىمون، سېمىزئوت ئۇرۇقى ، قارىئۆرۇك قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن لىمون شەربىتى، يبمەك-ئىچمەكلەردىن بېلىق گۆشى، قېتىق، لەڭپۇڭ، سۈت ، تۇرۇپ ، يېسىۋىلەك، ئۆرۈك ، ئەينۇلا ، تاۋۇز. . .قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆل – يېغىنلىق سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش ياكى كۆپ ئىشلەش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ، سوغۇق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلىنىش ، كۆپ ئۇخلاش ، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىكۇرۇش.

(4) غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇلش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش بۇنىڭدا ئاكى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلار تەركبىگە يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى ، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار قوشۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، بادام مېغىزى ، لاچىندانە ھىندى ، سازەندىن ھىندى قاتارلىقلار.

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەبقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى مۇقەۋۋىيات دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، خېمىرى گا ۋزىباى ئەنبىرى، داۋائىلمىشكى ، ئەبرىشىم شەربىتى ،ئالما شەربىتى، مەجۈن سۆئلەپ… قاتارلىقلار.

③ يېمەك – ئىچمىكى ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئاسان سىڭىدىغان ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، قوي گۆشى ، ئوغلاق گۆشى ، كەكلىك گۆشى، پەرۇدە، شورپا، قىزىلچا ، چامغۇر، سەۋزە ، بادام مېغىزى (تاتلىق) ، ئالما، ئەنجۈر، ئالما قاتارلىقلار.

④باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش روھىي داۋالاش ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئۇۋۋۇلاپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش ئارشاڭ ئارقىلىق داۋالاش، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( مەسىلەن ، قايناق سۇ ئېلىنغان گرېلكا بىلەن) قاتارك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

⑤ پەرھىز ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدىغان ، يۈرەك ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرىدىغان قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىللار ۋە يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن ۋاڭ ئۇرۇقى ، كافۇر، بەزرۇلبەنجى قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كافۇر، ھەببى شىفا ، ھەببى ئىمساك قاتارلىقلار. يېمەك – ئىچمەكلەردىن كوچا ئېشى ، ئۆچكە گۆشى ، ئارپا ئېشى، جاڭدۇ، ياڭيۇ ، ئالقات، شاتۇت قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، كۆپ خىيال قىلىش ، غەم – قايغۇ، روھىي ئازاب چېكىش قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ .

2. شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بولسا خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلاش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھاكا تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، يۈرەكنىڭ نورمال ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىدە ۋە فىزولوگىيلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بۈز بېرىدىغان ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرقەدەر ئېغىرلاشقان باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا ئەگەر داۋالاش چىڭ تۇتۇلمىسا خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كۆرۈلىدۇ . شۇڭا بۇ باسقۇچتا داۋالاشنى چىڭ تۇتۇش ناھايىتى زۆرۈر. بۇ خىل شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە :

① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش بۇنىڭدا كېسەللىك قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىدە سۆزلەنگەن ، شۇ خىل خىلىتقا ماس بولغان مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلار تەركىبىگە شۇ خىل كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان يەككە دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرغۇچى، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن گاۋزىبان، كاسىنە، بىخ بەدىيان، بىخ كەبىر، بىخ كەرەپشە قاتارلىقلار قوشۇپ بېرىلىدۇ. ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ياللۇغ قايتۇرغۇچى ، قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن چۆبچىن، سەرسىۋەل، يەلىك شوخلا، شاھتەررە قاتارلىقلار قۇشۇپ بېرىلىدۇ.

② ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بېرىش بۇنىڭدا ئاساسەن پىششىق ( مۇرەككەپ) دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ئەرقى كاسىنە ، مەتبۇخ ئەفتىمۇن، ئىترىفىل ئوستقۇندۇس . ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ئەرقى شوخلا ، مەجۈنى ئۆشبە ، ئىترىفىل چۆبچىن ، ئەرقى چۆبچىن قاتارلىقلار بېرىلىدۇ .

③ يېمەك – ئىچمىكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ خىلىت ئېتىبارى بويىچە ، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىدە سۆزلەنگەن يېمەك – ئىچمەكلەر قائىدە بويىچە بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، كېيىك گۆشى ، كەپتەر گۆشى ، توشقان گۆشى ، شورپا ، ئارپا ئېشى، گۆشلۈك پولۇ ، شويلا ، سەۋزە ، يۇمغاقسۈت ، چامغۇر، پالەك، ئالما ياكى نەشپۈت ، ئۈزۈم، بانان قاتارلىقلار.

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش روھىي داۋالاش ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش ، نۇر بىلەن داۋالاش ، قان ئېلىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ماس كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

⑤ پەرھىز زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار ھەم غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغان مايلىق ، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ . دورا ھەم يېمەك – ئىچمەك پەرھىزى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلاش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكىدە سۆزلەنگەن پەرھىز قائىدىسى بويىچە بولىدۇ. مەسىلەن، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلاردىن كافۇر، ۋاڭ ئۇرۇقى. زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن بالادۇر، قىچا . يېمەك – ئىچمەكلەردىن تۇزلانغان گۆش، تۇخۇم پوشكىلى ، سامسا ، لازا ، پىياز قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زىيادە ئىسسىق ياكى سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش، زىيادە قىزىق ياكى سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ، غەم- قايغۇ ، روھىي ئازاب چېكىش، ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش ، غەزەپلىنىش ياكى خۇشاللىق قاتارلىقلاردىن پەرھىزقىلدۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا يۈرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، ئورگانىزمنىڭ «تەبىئەت» كۈچىنى ئاشۇرغۇچى مۇقەۋۋىيات دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن، داۋائىلمىشكى ، ئەبرىشىم شەربىتى، رەيھان شەربىتى ، جاۋارىش ئەنبەر، خېمىرى مەرۋايىت قاتارلىقلار.

3.پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىكك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى

پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش بولسا سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن ياكى شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا يەنى ئەڭ ئېغىرلاشقاندا كېلپ چىقىدىغان ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى ۋە ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن كېسەللىكنىڭ خەتەرلىك باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل پۇتۈنلۈك بۇزۇلۇشتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكلىرى ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىمارلارنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىپ بولغان ياكى ئاخىرلىشىۋاتقان بولۇپ، مەيلى ئوپېراتسيە قىلىش بولسۇن ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاش بولسۇن ھېچقايسىسىنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۇلتىكىدەك بولمايدۇ . كېيىنچە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېببىي ساھەدە بۇ خىل يۈرەك كېسەللىكلىرىگە قارىتا بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلللارمۇ تېپىلىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇ ھەقتە ئايرىم توختالمايمىز.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

# سىستېما گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button