ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

باشقۇرغۇچى ئەزالار

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈش ئىلمى، ھازىرىقى زامان ئاناتومىسىيىسى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم يېزىلمىدى. ئەمما ئۇيغۇر تېبابەتچىلگى فىزىئولوگىيىسىنىڭ ھازىرقى زامان تېبابىتى فىزىئولوگىيىسىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى، بولۇپمۇ ئادەم ئورگانىزىمىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ۋە ئونىڭ رولىنى تەرىپلەشتە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە پەرقلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە ئىزاھلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى، ئىنسان بەدىنىدىكى ئەزالارنى باشقۇرغۇچى ئەزا ( رەئىس ئەزا) ۋە باشقۇرۇلغۇچى ئەزا ( مەرئۇسە ئەزا) لار دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ.

باشقۇرغۇچى ئەزالار

باشقۇرغۇچى ئەزا ( رەئىس ئەزا )لار، روھىي ۋە ھاياتى قۇۋۋەتلەرنى ساقلايدىغان ئورۇنلار بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇلارنىڭ باشلىنىش مەنبەئەسىدۇر. ئۇ ھەربىر ھايات ئىگىسىنىڭ تىرىكچىلىگى ۋە ئۇنىڭ نەسلى ( نەۋىئى) نى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەقلى، جىسمانى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپلا قالماي بەلكى خادىم ئەزالارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق پۈتۈن ئورگانىزىمدىكى بارلىق ھاياتى پائالىيەتلەرنى ئومۇمىي دائىرىدە تەڭشەپ، تولۇقلاپ ھەم تېزگىنلەپ، بەدەننىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلايدۇ.

مېڭە

مېڭە، تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە جىسمانىي ھەرىكەت يەنى روھىي نەپسانىنىڭ مەركىزى بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئىسسىق ۋە سۇغۇق سەزگۈلىرى تۇغما ھالدا تولۇق بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەت سەزگۈلىرى نىسپىي تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەقلىي تەپەككۇر ۋە روھىي ھالەتلەر، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرى ئاستىدا بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا تەرەققىي قىلىدۇ. مېڭە ئادەتتە روھىي تەبئىي بىلەن ئۇزۇقلىنىپ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى ئادا قىلسىمۇ، لېكىن روھىي ھايۋانىنىڭ خىزىتى توختاش بىلەنلا ئۆز ھەرىكىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
مېڭە ئومۇمىي ئاتالغۇ بولۇپ، باش مېڭە، ئارىلىق مېڭە، ئۇزۇنچاق مېڭە ۋە ئارقا مېڭىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مېڭىنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىگە قارىتا ئېيتقاندا، باش مېڭىنىڭ پوستى قىسمى باشقۇرغۇچى (رەئىس) ئورۇندا تۇرۇپ، مېڭە ھەرىكىتىنىڭ بارلىق ئورۇنلىرىنى باشقۇرىدۇ. مېڭىنىڭ باشقا بۆلۈملىرى بويسۇنغۇچى يەنى باشقۇرۇلغۇچى ئورگان ( مەرئۇسە ) سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
مېڭىنىڭ باشقا بۆلۈملىرى، ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىيتتىكى سانسىزلىغان خەۋەرلەرنى باش مېڭە پوستى قىسمىغا يەتكۈزۈش ۋە باش مېڭە پوستى قىسمىنىڭ تاپشۇرغىنى بەدەننىڭ ئەڭ ئىنچىكە قىسىملىرىغا يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا ئۇلار باشقۇرۇلغۇچى ئەزا دەپ تونۇلىدۇ.
مېڭىنىڭ تەپەككۇر، سەزگۈ ھەرىكەت ( قۇۋۋەئى نەفسانى) نىڭ مەركىزى ئىكەنلىگىنى تۆۋەندىكىچە ئىسپاتلاش مۇمكىن.
ئەگەر باش مېڭە ھەرىكەت مەركىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قان چۈشسە ياكى زەخمىلەنسە، بەدەننىڭ سول تەرىپى؛ ئەگەر سول تەرىپىگە قان چۈشسە ياكى زەخمىلەنسە، بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپى ھەرىكەتتىن قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەزگۈ ھالىتى يوقىلىدۇ.
ئەگەر مېڭىدە ئىككىلەمچى بەلگىلەر ( ئاسارەت ) قالدۇرىدىغان ( مەسىلەن: مېڭە سىلىگە ئوخشاش ) كېسەللىكلەر يۈز بېرىپ قالسا ئاسارەت قالسا، گەرچە ئۇنىڭدا ھەرىكەت ئىسسىق ۋە سوغۇق سىزىمى ساقلىنىپ قالسىمۇ، لېكىن تەپەككۇرى سۇسلىشىدۇ ياكى ئالاھىدە بۇزۇلىدۇ.
ئومۇمەن مېڭە تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە ھەرىكەت مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىگە ئالاقىدار خىزمەتلىرى توغرىسىدا كېيىنكى قۇۋۋەتلەر قىسمىدا ئايرىم سۆزلىنىدۇ.

يۈرەك

تىرىكلىك ( روھىي ھايۋانى ) نىڭ باشلىنىش مەنبەئى بولۇپ، بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ بۇرۇنراق تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ھەرىكىتىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ كېڭىيىپ، تارىيىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈلىشىمۇ كېڭىيىپ، تارىيىپ ھەرىكەت قىلىشقا مۇۋاپىق تۈزۈلگەن بولىدۇ.
ئادەم ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر يۈرەك ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ. يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ توختىشى، ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە تىرىكلىكنىڭ توختىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. يۈرەك ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى داۋامىدا ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاساسىي ماددىلار ۋە ساپ ھاۋا ( ھاۋايى نەسىمى) نى قان تومۇرلار ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ، بۇلغانغان ھاۋا ( ھاۋايى دۇخايى) نى تۇتقان قاننى ئۆپكىگە ئەۋەتىپ تازىلاپ تۇرىدۇ.
يۈرەكنىڭ باشقا بارلىق ئەزالارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ بەدەندىكى ھەر قانداق ئەزاغا بويسۇنمىغان ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل ھەرىكەت قىلىشتىن تاشقىرى ئىنساندىكى خۇشاللىق ۋە قايغۇ ھېسسىياتنىڭ قۇۋۋىتى ساقلانغان بولىدۇ. شۇڭا يۈرەكمۇ رەئىس ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جىگەر

ئىنسان ھاياتىدىكى ماددى مۇۋۋەت ( روھىي تەبئى) نىڭ مەركىزى ئورنى بولۇپ، كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىشى جەريانىدا ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتى ئارقىلىق قان، بەلغەم سەپرا، سەۋدا خىلىتلىرىنى سان ۋە سۈپەتكە لايىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا ۋە تېگىشلىك ئورۇنلىرىغا يۈرەكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەۋەتىپ، پۈتۈن بەدەننى ئۇزۇقلەندۇرىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ. ھەزىم قىلىش يوللىرىدىن كەلگەن ھايات ئۈچۈن خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئوفۇنەتلەر ۋە باشقا زەھەرلىك نەرسىلەرنى پارچىلاپ زەھەرسىزلەندۈرۈپ، ئىنسان بەدىنى ۋە ھاياتىنى كۈچلۈك ھىمايە قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا جىگەر رەئىس ئەزا دەپ تونۇلىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق بېزى ۋە ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانى، ئىنسانلار نەسلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ماددىي ئاساس بولغانلىقى ئۈچۈن گەرچە رەئىسە ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ باشقۇرىدىغان ئەزاسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەئىس ئەزا دەپ تونۇلمايدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

# سىستېما گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button