ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىساغلاملىق بىلىملىرى

مېڭىنى ئاسراش تەدبىرلىرى

مېڭىنى ئاسراش تەدبىرلىرى

مېڭىنى ئاسراشتا يۇقىرىقى زىيانلىق ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش لازىم.
1. خۇشال – خۇرام ياشاش، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش، ھەسەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق قاتارلىق ناچار ئادەتلەردىن ساقلىنىش، كەڭ قورساق ۋە قەيسەر، ئىرادىلىك بۇلۇش، بۇ روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى قۇۋۋەتلەپ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ۋە مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
2. ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، پىستە مېغىزى، قوينىڭ مېڭىسى، قۇشقاچ مېڭىسى، ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشى، تۇخۇم، يىلىك، قايماق، قىزىل ئۆزۈم، يېڭى مېۋە – چېۋىلەر قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋا خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ ۋە مېڭىنى ياشارتىدۇ.
3. شېئىر يادلاش، شاھمات ئويناش، قوشاق، ئېيتىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مېڭىنىڭ فۇنكسىيەسىنى چېنىقتۇرۇپ بېرىش مېڭە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. مېڭىگە زىيادە قۇرۇقلۇق يېتىپ قالسا ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، مىجەزى ئىتتىك بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى چېكە ۋە پېشانە ساھەسىنى بادام مېيى بىلەن ياغلاش ئارقىلىق مىزاجى تەڭشىلىدۇ  .زىيادە ھۆللۈك يېتىپ قالسا سەزگۈرلۈك تۆۋەنلەپ، ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. ئادەم ھۇرۇنلىشىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا لاچىندانە، ئۈستىقۇددۇس، سازەج، سۇمبۇل ۋە قىزىلگۈل قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق ئېلىپ، چايلىق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش لازىم.
5. باش ساھەسىنى يەڭگىل دەرىجىدە ئۇۋىلاش ياكى ئۈستۈنكى بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى ئويمان جاينى ھەمدە ئىككى چېكە، ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئۇۋىلاپ بەرسە مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. بارماقلارنىكۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسىمۇ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
6. ھاراق – تاماكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئىنكاسنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ ھەم مېڭە قان تومۇر قېتىش، شەقىقە، مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە خىزمىتى قالايمىقانلىشىش، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇشتەك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە مېڭىنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
7. يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە، گۈل – گىياھلارغا، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سۈرەتلەرگە قاراپ بېرىش، مېڭە قان تومۇر ھۈجەيرىلىرىدىكى چارچاشنى يوقىتىپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
8. لاچىندانە، گاۋزىبان، ئۈستىقۇددۇس، بادرەنجىبۇيا، سۇمبۇل، پىننە، قىزىلگۈل، ئادەمگىياھ، ياڭاقنىڭ ئىچىدىكى نېپىز پوستى، بەدىيان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چايلىققا تەڭشەپ ئىچىپ بەرسە، روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى قۇۋۋەتلەپ مېڭىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ ھەم ئەقلىي تەپەككۇرنى زىيادە قىلىدۇ.
9. ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق خۇشپۇراق روھنى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى ۋە خۇشلۇق كەلتۈرگۈچى دورىلارنى پۇراپ بەرسە مېڭىگە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ، روھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
10. بادام مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم ھەر بىرىنى 20گىرامدىن ؛ ياڭاق مېغىزى، پىستە مېغىزى ھەر بىرىدىن 15 گىرامدىن ؛ قىزىل ئۈزۈم 20گىرام، ناۋات 100 گىرام قاتارلىقلارنى يۇمشاق سۇقۇپ، كۈندە ناشتىدا 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئەقلىي ئىقتىدارىنى زىيادە قىلىدۇ.
11. يۇقىرىقىلارنى 200 گىرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلسىمۇ يۇقىرىقى تەسىرنى بېرەلەيدۇ.
12. ياڭاق مۇرابباسى، قىزىلگۈل قەنتى، پىننە گۈلقەنتى، ئۈجمە شىرنىسى، ئەنجۈر مۇرابباسى، بېھى مۇرابباسى قاتارلىقلارنى كۈندە ئەتىگىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە مېڭىنى ياشارتىدۇ .
13. خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى ۋە داۋائىلمىشكى مۆتىدىل قاتارلىقلارنى كۈندە ئىككى ۋاق، 3 گىرامدىن شۈمۈپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى قۇۋۋەتلەپ، مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ ھەم ئەقلىي ئىقتىدارىنى زىيادە قىلىدۇ.
14. ئۆزى ياقتۇرىدىغان لىرىك – ناخشا مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، ئۆزى ياقتۇرىدىغان سازلانى چېلىشمۇ كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى نورماللاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ ۋە ئادەمنى روھلۇق، جۇشقۇن قىلىدۇ .
15. سوغۇق سۇ بىلەن بېغىش، بويۇن، پېشانە قىسىملىرىنى يۇيۇپ بېرىش ؛ نىسبەتەن غۇۋا ئۆيدە 10 – 15 مىنۇت دىققىتىنى يىغىپ يېتىپ ئارام ئېلىش ؛ يېقىن دوستلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىش قاتارلىقلار مېڭە ھارغىنلىقىنى يوقىتىدۇ .
16. ھەر پەسىلدە بىر قېتىم شەربىتى ئۈستقۇددۇس بىلەن مەتبۇخى ئەفتىموننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىپ، مېڭىنى تازىلايدۇ. روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى كۈچەيتىپ، مېڭىنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ۋە مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ ساغلاملاشتۇرىدۇ. مېڭىدە كۆرۈلىدىغان ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
17. ھايۋاناتلارنىڭ مېڭىسىنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button