بالىلار ساغلاملىقى

بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ كېسەللىك، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى قىلقۇرت، يەنى تۈتۈ مەددە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

كېسەللىك ھەققىدە

سەۋەبى:

بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

ئالامىتى: كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى قىلقۇرت، يەنى تۈتۈ مەددە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، كېچىسى بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى، تۇربۇت 20 گىرامدىن، سەبرىدىن ئالتە گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ (دورا ئىستېمال قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرگە دورىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك) .

2-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: بىخ كەبىر، تاغ يالپۇزى، پىپننە، ئوبھەل، قىزىل لوبىيا، سېرىق ئوت 15 گىرامدىن، قۇندۇز قەھرى ئالتە گىرام، ئۈزۈم 30 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: بەرەڭگى كابېلى، تۇربۇت، قەمبىل 15 گىرامدىن، قىزىل لوبىيا، ئاچچىق قۇستە 20 گىرامدىن، ئەپسەنتىن رۇمى 30 گىرام، تاش تۇز ئۈچ گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ ھەر قېتىمدا بەش گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا سۈت بىلەن ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button