پىشقەدەم ئۈستازلار

ئەل سۆيگەن تېۋىپ ئەيسا تومۇرچى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى —  ئەقىل –  پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ياراتقان بىباھا تۆھىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئەقىل –  پاراسەت دەستۇرىمىزدىكى ئېنتايىن قىممەتلىك غەزىنىلەر مۇجەسىمىدۇر . ئۇ پەيدا بولغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە 2 مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخى جەرياندا ئوخشاش بولمىغان دەۋىر ، ئوخشاش بولمىغان شارائىتلاردا ئۈزلۈكسىز بېيىپ ۋە تاكامۇللىشىپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىغىدىكى چاقناپ تۇرغان بىباھا گۆھەرگە ئايلاندى . شۇنداقلا ، ئۆزىدىكى بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئۇيغۇر خەلقى ھەمدە قېرىنداش مىللەت خەلقلىرىنىڭ كېسەللەرگە قارشى تۇرۇش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى .
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى پەيدا بولغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغا قەدەر سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى ئۆگىنىش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق ئاممىسىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ، ئۇلارغا سالامەتلىك ، بەخىت ئاتا قىلىش جەھەتتە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى ۋە يارىتىۋاتىدۇ . بۇ جاپاكەش تۆھپىكارلارنى خەلق ئاممىسى داۋاملىق سېغىنىدۇ ۋە ئاغزى –  ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ . تارىخ تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىسىنى قەدىرلەيدۇ . شۇڭا ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە شۆھرەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت ئېقىنى ئۆزىنىڭ سانسىزلىغان تۆھپىكار نامايەندىلىرى بىلەن دۇنيا ، جۈملىدىن ئېلىمىز تىبابەت ئېلمى تەرەققىيات سەھنىسىدە پەخىرلىك ئورۇن تۇتىدۇ ، ھالال نىيەتلىك تۆھپىكار تىۋىپلىرىنىڭ نامى تارىخ بېتىدىن جۇلالىنىپ ، ئەۋلاتلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە قەدىرلىنىدۇ .
مەن بىر ئۇيغۇر تىبابەت ۋارىسى ،ئەۋلادى بولۇش  سالاھىيىتىم بىلەن بۇ كەسىپتىن سۆيىنىمەن . تارىختا ئۆتكەن دۇرۇس نىيەت ، ۋۇجۇدىدىن ئۇلۇقلۇق تارقىتىپ ، بىتاپقا باش پاناھ بولۇپ ئۈن –  تۈنسىز تۆھپە قوشۇپ ، مېھەنتلىك ئەجرىدىن تارىختا قىممەتلىك ئۆمۈر داستانلىرىنى يازغان جاپاكەش ئۇستاز تىۋىپلەردىن سۆيىنىمەن . ئەقىل –  پاراسەت ، شىپالىق چارە –  ئاماللىرى بىلەن بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلغان تۆھپىكار تىۋىپلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىسام ئاشۇ تۆھپىكار ئۇستازلاردىن چەكسىز مەمنۇنلۇق ئىچىدە پەخىرلىنىمەن . ھايات چەكسىزلىكى ۋە ئۆمۈر چەكلىكلىكى دەۋىرلىكىدە ئەۋلاتلار قەلبىگە تۆھپىكارلارنىڭ بۈيۈك تۆھپىسىنى سىڭدۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئويلايمەن . مانا بۇ تۇرمۇش پەلسەپەمدىكى يەكۈنۈم . مۇشۇ يەكۈن ئارمانلىرى ئىچىدە بوش ۋاقىتلارنىڭ پۇرسەتلىرىگە ئېرىشسەم تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتاپلارنى بىر –  بىرلەپ قولغا ئالىمەن . يېقىندا ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭىشەھەر تەزكىرىسى » نامىلىق چوڭ ھەجىملىك كىتاپنى كۆرۈۋېتىپ ، يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە ئۆتكەن تۆھپىكارلار سەھىپىسىدىكى « ئاتاقلىق تىۋىپ –  ئەيسا تومۇرچى » دىگەن تەرجىمالنى ئۇچۇرۇتۇپ ، ئىخلاس بىلەن قايتا –  قايتا ئوقۇپ چىقتىم . قەلبىمدىكى ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىقنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم ئېتىش ئۈچۈن مەزكۇر ماقالەمنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن .
ئەل ئىچىدە تونۇلغان ھۆكىما ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەت پىشىۋاسى ، تىبابەتشۇناس ، ئەل سۆيەر تىۋىپ ئەيسا دۆلەت ( ئەل ئىچىدە ئەيسا تومۇرچى دىگەن نام بىلەن تونۇلغان ، « تومۇرچى » دىگەن سۆز تومۇر تۇتقۇچى دىگەن مەنىدە ) 1873 –  يىلى 10 –  ئاينىڭ 27 –  كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ھاراپ يېزا 18 –  كەنت 1 –  مەھەللىسى ( ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزا كاپپا 5 –  كەنت 1 –  مەھەللىسى ) دىكى مەرىپەتپەرۋەر ، تىۋىپ ۋە سۇنۇقچى دۆلەت ئەيسا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن دادىسىدىن ساۋاق ئېلىپ ئەرەپ تىلىدىن ساۋاد چىقىرىپ ئۆز يۇرتىدىكى دۆڭقىشلاق مەدىرىسىدە ئوقىغان . بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنى چەكسىز ئىخلاس بىلەن ئۆگەنگەن . ئۇ چوڭ بولۇپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن قەشقەردىكى خانلىق مەدىرىستە ئوقىغان ، ئۇ خانلىق مەدىرىستە ئوقۇش جەريانىدا پارىس ، ئوردو تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ ، « ئەبۇ ناسىر فارابى » ، « ئەبۇ ئېلى ئىبىنسىنا » ، « جامالىدىن قەشقىرى » ، « ئىمامدۇدىن قەشقىرى » ….  قاتارلىق ئالىملارنىڭ تارىخى تەرجىمالىنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ ، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋىرگە يىتىپ كەلگەن تىبابەتكە ئائىت ئەسەرلىرىدىن مول نەزىرىيىۋى بىلىمگە ئىگە بولۇپ ، ئۆزىنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن . ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا ، رەنجىگە شىپا ئەيلەپ ، ئەل ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ تومۇر تۇتۇپ كېسەل تەكشۈرۈشتە ئالاھىدە ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا ئەل ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ « ئەيسا تومۇرچى » دەپ پەخىر بىلەن ئاتاشقان ۋە « ئەيسا تومۇرچى » دىگەن نام بىلەن ھەر قايسى يۇرۇتلارغا تونۇلغان .
ئەيسا تومۇرچى ئۆزىنىڭ تىبابەتتىكى بىلىمى ۋە يۇرىت ئىچىدىكى ھۆرمىتىدىن قانائەت تېپىپ ، قىلچە مەغرۇرلانماي 1916 –  يىلىدىن باشلاپ دىيارىمىزنىڭ تاغۇ –  دەريا ۋە يايلاقلىرىنى كېزىپ نۇرغۇنلىغان دورا ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاش بىلەن بىر چاغدا ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئەللەرگە بېرىپ ، ئۇ يەردىكى تونۇلغان تىۋىپلەر بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆز بىلىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن . بۇ جەرياندا ئۇ ، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىر شەھردىكى بىر ئۆزبىك تىۋىپنى ئۇستاز تۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ، ئۆزىنىڭ كېسەل تەكشۈرۈش ، داۋالاش ، دورا تەييارلاش جەھەتتىكى تېخنىكا سەۋىيىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن . 1922 –  يىلى ئۆز ۋەتىنىگە قايىتىپ كىلىپ ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق بازىرىدىكى ئابدۇقادىر تومۇرچى بىلەن بىرلىشىپ شىپاخانا ئاچقان ، كېيىنچە ئۆز يۇرىتى ھاراپ يېزىسىغا قايتىپ ئۆز ئائىلىسىدە شىپاخانا ئاچقان . ئۇ ئۆمىرىدە 3 –  ئوغلى ناسىر ئەيسا ، 4 –  ئوغلى ياقۇپ ئەيسالارنى ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا دالالەت قىلىپ ، ئۇلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەپ ، بۇ ئىككى ئاكا –  ئۇكا تىۋىپلەرنىڭ نامىنى يىراق –  يېقىنلارغا تارقاتقان . ئۇلاردىن باشقا ھاراپ يېزىسىدىن ئابباس قارى ، قۇربان مۇللا ، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىن توختى تۇرسۇن ، مۇھەممەد خۇداربەرى قاتارلىق 20 نەچچىدىن ئارتۇق شاگىرىت تەربىيلىگەن . ئەل سۆيگەن تىۋىپ ئەيسا تومۇرچى ئۆزىنىڭ ئۆمۈر مەنزىللىرىدە بىتاپلارنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغىلاپ ، كۈلكىسىگە جۈر بولۇپ ئۆزىنىڭ تىببى ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن دىللارنى سۆيۈندۈرۈش بىلەن بىر چاغدا ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى ساھەسىدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ ، تېرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆز كەسپىدىن ئۆزىگە خاس قەدىر قىممەت ، بەلگىلىك ھۆرمەت تېپىش بىلەن قانات تاپماي ، كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ « سىناقتىن ئۆتكەن مەخپى رېتىسىپلار » ، « كېسەللىك ۋە شىپالىق رېتىسىپلار » ، « كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ۋە شىپاسى » ، « دىيارىمىزنىڭ دورا –  ئۆسۈملۈكلىرى » ….  قاتارلىق 8  پارچە رىسالە يېزىپ چىققان . ئەپسۇس ، بۇ تۆھپىكار تىۋىپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ناھەق قارلىنىپ قىزىل قوغدۇغۇچىلار تەرىپىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ ، ئېگىز قالپاق كەيدۈرۈلۈپ يېزىدا سازايى قىلدۇرۇلغان ، مول تەجىرىبىلىرىنىڭ ھوسۇلى بولغان رىسالىلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن ھەمدە ھۆرمەت ساھىبى بولغان بۇ تىۋىپ ئۆينىڭ تورىسىغا ئېسىپ قويۇش ئارقىلىق 1968 –  يىلى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن . گەرچە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىدىن 9 نەپەر كىشى تا ھازىرغىچە ئەجداد روھىنى قەلبىدە چاقنىتىپ كەلمەكتە .
مەرھۇم ئەيسا تومۇرچىنىڭ ۋارىسى بولغان ئەۋلاتلاردىن ناسىر ئەيسا  1956 –  يىلى سەھىيە سېپىگە قوشۇلۇپ ، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە 1956 –  يىلى يېڭىشەھەر ناھىيە ھاراپ يېزىلىق دوختۇرخانىنى ، 1982 –  يىلى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنى قۇرغان ھەمدە 2 دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ۋە ئاساسلىق دوختۇرى بولغان . 1993 –  يىلى شەرەپ بىلەن پىنسىيىگە چىققان . ئۇ ، ھازىرغىچە ئائىلىسىدە دەم ئالغاچ يەنىلا بىمارلارنىڭ دەردىگە يىتىپ كەلمەكتە . ناسىر ئەيسا ئۆز پەرزەنتلىرىگە تەلەپچان كىشى بولۇپ ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان .
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن  ئوغلى كامىلجان ناسىر قەشقەر تىببى  مەكتىۋى ۋە ئۇيغۇر تىبابەت خادىملىرىنى تەربىيلەش كۇرىسىدا ئوقىغان ، ھازىر يەككە تىۋىپلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا .
قىزى ئىبادەتگۈل ناسىر قەشقەر تىببى مەكتىپىنىڭ داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ .
قىزى نۇرسىمانگۈل ناسىر تىببى ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى سىستىرالىق مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ ، ھازىر يېڭىشەھەر ناھىيە باغچى يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ .
ناسىر ئەيسانىڭ كىلىنى گۈلنار قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12 –  دوختۇرخانىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىدە سىستىرالىق بىلەن شۇغۇللانماقتا .
مەرھۇم ئەيسا تومۇرچىنىڭ 4 –  ئوغلى ياقۇپ ئەيسا 1983 –  يىلىدىن 1993 –  يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ ئاساسلىق دوختۇرى بولۇپ ئىشلەپ پىنسىيىگە چىققان ، ھازىرغىچە ئائىلىسىدە داۋالاش پونكىتى ئېچىپ بىمارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە .
ياقۇپ ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ ئايالى ئىبادەتگۈل قەشقەر تىببى مەكتىۋىنىڭ داۋالاش كەسپى سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ يېڭىسار ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ، يېڭىشەھەر ناھىيە ھاراپ يېزىلىق دوختۇرخانا ، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى قاتارلىق جايلاردا ئىشلگەن ، 2005 –  يىلى پىنسىيىگە چىققان .  ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن چوڭ ئوغلى ئىرادىلجان خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ دادىسى بىلەن بىرلىكتە يەككە داۋالاش بىلەن شۇغۇللانماقتا .
قىزى مەريەمگۈل ياقۇپ قەشقەر تىببى مەكتىۋىنىڭ سىسىتىرالىق كەسپى سىنىپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ھازىر يېڭىسار ناھىيە ماڭشىن يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ .
ئەجداد ئۈمىدى ئەۋلاتلار قەلبىدە ئەۋلاتلارنىڭ تېرىشچان ، تەلەپچانلىقى ئەجداد روھىنى سۆيۈندۈرگۈسى . مەشھۇر تىۋىپ ئەيسا تومۇرچىنىڭ يۇقارقى 9  نەپەر ئىز باسارىنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئۆزىگە خاس تۆھپىلىرى جەمئىيەت ۋە ئادەملەر قەلبىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە . « ھەر گۈلنىڭ ھۆسنى پۇرىقى ئۆزگىچە » دىگەندەك بۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەجىرىبىلىرى ۋە ئىلمى ئەمگەكلىرى بار .
ناسىر ئەيسانىڭ 52 يىللىق داۋالاش تارىخى جەريانىدا ئىچكى كېسەللىك ساھەسىدە ئۆزىگە خاس نەتىجە ياراتقان بولۇپ ، دىئابېت ، مەزى بېزى ، ئەر ، ئاياللاردىكى توغماسلىق ، روھى كېسەل ……. قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئىقتىدارنى يىتىلدۈرگەن .  ئىلگىرى –  ئاخىر بولۇپ ھەر دەرىجىلىك گېزىت –  ژورناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلدۇرغان ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇللىرى » ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى » نامىلىق كىتاپلارنى يازغان . ئۇ ئىچكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە مۇئەييەن تەجىرىبىگە ئىگە تىۋىپ بولۇپ جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس ھۆرمەتكە ئىگە .
ياقۇپ ئەيسا 40 يىللىق داۋالاش تارىخى جەريانىدا ئۆزىگە خاس تەجىرىبە ياراتقان بولۇپ ، بۆرەككە تاش چۈشۈش ، پالەچ ، سەرتان ( راك ) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجىرىبىگە ئىگە . ئۇ ئىلگىر –  ئاخىر بولۇپ 15 پارچىغا يېقىن ئىلمى ماقالە يېزىپ ھەر دەرىجىلىك گېزىت –  ژورناللاردا ئېلان قىلىغان ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە تەجىرىبىدىن ئۆتكەن رىتىسىپلار » نامىلىق كىتاپنى يېزىپ چىققان .
كامىلجان ناسىر 18 يىللىق داۋالاش تارىخى جەريانىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ، ئەستايىدىل ئىزدىنىپ داۋالاش جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى تەجىرىبىسى كۆزگە كۆرىنەرلىك بولۇپ بۇ جەھەتتە مەلۇم ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئىلگىر –  ئاخىر بولۇپ 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ۋە تىببى ساۋات خاراكتىرلىق ماقالىلەرنى يېزىپ « ئۇيغۇر تىبابەت ژورنىلى » ، « قەشقەر گېزىتى » ، « رادىئو –  تېلېۋىزىيە گېزىتى » قاتارلىقلاردا ئېلان قىلغان . ئۇنىڭ « ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرگە نەزەر » ، « ئۇيغۇر تىبابىتىدە كالا تەمرەتكىسىنى داۋالاش جەريانىدىكى يېڭى بايقاش » ، « كالا تەڭگە تەمرەتكىنى داۋالاشتىكى يېڭى تەجىرىبە » نامىلىق 3 پارچە ماقالىسى ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئالماشتۇرۇلغان . « ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن ئاددى رىتىسىپلىرى » نامىلىق كىتاپنى يېزىپ نەشىرگە سۇنغان . ئۇ ، جاھىل تىرە كېسەللىكلىرىدىن كالا تەمرەتكىسى ، ئاق كېسەل ……..  قاتارلىقلارنى داۋالاشتا مەلۈم ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن . 1999 –  يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش مىللى تىۋىپ دورىگەرلەر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان .
ئىرادىلجان ياقۇپ داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان 8 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى بويىچە ئۆزىگە خاس ئىقتىدار ياراتقان .
دەۋرىمىز ئۆز تۆھپىكارلىرىدىن سۆيىنىدۇ ، خەلقىمىز تۆھپىكارلاردىن پەخىرلىنىدۇ . كىمكى ئۆمۈر مەنزىللىرىدە ئۆزىگە خاس نەتىجە ياراتسا تارىخ ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ . مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق ئەل سۆيگەن تىۋىپ ئەيسا تومۇرچى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئىشقىدا ئىزدىنىپ ئوتلۇق مېھىرىنى بىتاپلارغا بېغىشلاش جەريانىدىكى ئىش پائالىيەتلىرىنى قىزىققۇچىلار ئۈچۈن يەتكۈزۈش مەقسىتىدە « شاكىلىنى ئايرىپ مېغىزىنى تاللاش » پرىنسىپىنى مىزان قىلىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم . گەرچە بۇ جەمەت ئۆز تۆھپىلىرى ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پاك قەلبى ، ھالال نىيىتى ، گۈزەل ئىنسانى خىسلەت ، ئۆزگىچە تىببى ئەخلاق ۋە دۇرۇس نىيىتى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمەت تورىدىن بەلگىلىك ئورۇن ئالغان . بىمارلار قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرتلارنى قالدۇرغان ، شۇ سەۋەپ بۇلار ھۆرمەتكە لايىق ، ئاۋامنىڭ ياخشى باھاسى ، ئەڭ كاتتا مۇكاپات ، ئاۋامنىڭ خالىس دۇئاسى ئەڭ بىباھا ئىنئام . تارىخ ئۆز تۆھپىكارلىرىنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ . ئىنسان تۆھپىسى بىلەن قەدىرلىك ۋە ھۆرمەتكە لايىق . مەن بۇ ماقالەمنى كامىلجان ناسىر ( دىلداش ) نىڭ  مۇنۇ مىسرالىرى  بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم .
ئىنساننىڭ قىممىتى ئۆلچەنمەس زەردىن ،
ئۆلچىنەر ئەل ئۈچۈن تۆكۈلگەن تەردىن .
سۆيىنەر ئەۋلاتلار ئىپتخارلىنىپ ،
ئەجرىدىن ياخشى نام قالدۇرغان ئەردىن .2008 –  يىل  فېۋرال

( ماقالە ئۈچۈن پايدىلانغان ماتىرىيال مەنبەسى : قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭىشەھەر تەزكىرىسى » نامىلىق كىتاپ )

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button