ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللەرنى پەرۋىش ۋە غىزا ئارقىلىق داۋالاش

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىگىدە ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىدۇ. 1. پەرۋىش قىلىپ داۋالاش (ئىلاجى بىتتەدبىر) 2. غىزا بىلەن داۋالاش (ئىلاقى بىتتەغرىزىيە) 3. دورا بىلەن داۋالاش (ئىجلاجى ئىلئەدۋىيە) 4. قول ئەمىلىيتى بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىليەد) پەرۋىش قىلىپ داۋالاش پەرۋىش قىلىپ داۋالاش(ئىلاجى بىتتەدبىر) ھەرخىل كۈتۈش، پەرۋىش قىلىش، تەبئىي ۋە روھىي چارە- تەدبىرلەر بىلەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەڭگىللىتىش، داۋالاشقا قارىتىلغان. ئۇ، كېسەل كىشىنى مۇۋاپىق دەم ئالدۇرۇش، ھاۋاسى ياخشى، پاكىزە، تىنچ – خاتىرجەم شارائىت يارىتىپ بېرىش، روھىي جەھەتتە تىنچلاندۇرۇش، ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىقنى نورماللاشتۇرۇش، كېسەل كىشىگە مۇۋاپىق ھەرىكەت- تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى بۇيرۇش، ئاپتاپقا قاقلاش، سوغاق سۇ ۋە ھەرخىل ئارىشاڭ سۇلىرىدا يۇيۇش، بەدەننى تۇتۇش ( مالىش قىلىش)، قۇمغا كۈمۈش ۋە مەنزىرىلىك، چىرايلىق جايلارنى سەيلە قىلدۇرۇش، باغچا- گۈلزارلىقلارنى ئارىلاتقۇزۇش، يېقىن ئۇرۇق- تۇغقان، ياخشى كۆرگەن دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، سۆھبەتلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (سېستىرالىق پەرۋىش قائىدىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. غىزالار بىلەن داۋالاش غىزالار بىلەن داۋالاش ( ئىلاجى غىزىيە)، كېسەل كىشىنى ئوزۇقلۇقلار بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان. ئۇ كېسەل كىشىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇنۇش تەرتىپلىرىنى بېكىتىش، يېمەك- ئىچمىگىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، پەرھىز بۇيرۇش ئارقىلىق كېسەللىكنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەرخىل شىپالىق يېمەك- ئىچىملىكلەرنى بۇيرۇش ئارقىلىق ئومۇمى بەدەن ۋە ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتىنى تىكلەش، نورمال خىزمىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بىرىش، كېسىلىنىڭ تېزراق ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېسەل كىشىنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قېلىش ۋە ھەرخىل تەبئىي قۇۋۋەتلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېسەلنى زىيانلىق نەرسە ۋە ھەرىكەتلەردىن چەكلەش، ئوزۇقلىنىش جەھەتتە بەزى تاماقلارنى ئازايتىش ۋە چەكلەش، بەزى تاماقلارنى كۆپەيتىش، مەسىلەن: ھارارىتى ئۈستۈن بولغان كېسەللىكلەر (كېزىك، زاتىل، سەرسام، ئۆتكۈر زۇكام قاتارلىقلار) بىلەن كېسەللەنگەنلەرگە ياغلىق، شىرنىلىك، تاماق ( كەسىرىل غىزاقىلىل ئىل كەيمۇس)لارنى چەكلەش قاتارلىقلار. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كېسەلگە مۇۋاپىق غىزالار 3 خىلغا بۆلۈنىدۇ. غىزايى مۇتلەق (ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر)، 2. داۋائى غىزايى (ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى ئويناپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر)، 3. غىزايى داۋائى (ئوزۇقلۇق ھەم داۋالىق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر). غىزايى مۇتلەق ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا ئادەتتە ئادەم بەدىنىگە سىڭىپ قۇۋۋەت بولىدىغان ھەرخىل يېمەك- ئىچمەكلىكلەر، غىزايى مۇتلەق قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئاسان سېڭىدىغان تاماقلار (لەتىپ تاماقلار): بۇنىڭغا سۇيۇق، يۇمشاق، ئاسان سىڭىدىغان، ھەجىمى ئاز، قۇۋۋىتى كۆپ يېمەكلىكلەر كىرىدۇ. مەسىلەن: چالا پۇشۇرۇلغان تۇخۇم، مائوللەھمى (مەخسۇس ئۇسۇلدا تەييارلانغان كۆپ خىل دورىلىق گۆش سۈيى)، كەكلىك، قۇشقاچ، چۈجە گۆشلىرى، ئۈزۈم شارابى (ئۈزۈمنىڭ مۇجۇلغان سۈيى) قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى تاماقلار، قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقان كېسەللەر، ياشانغانلار، بالىلار، تاماق ھەزىم قىلىشى ناچار بولغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئورۇقلاپ كەتكەن كېسەللەرگە بېرىلىدۇ. ئانار سۈيى، ئالما سۈيى، ئامۇت، نەشپۈت سۇلىرى ۋە باشقا مېۋە سۇلىرى (ما ئولفەۋاكھە)مۇ مۇشۇ قاتارغا كىرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق كۈچى يۇقىرىلاردىن تۆۋەنرەك بولۇپ، قىلىل غىزا دەپ ئاتىلىدۇ. بۇغداي ئۇنى تاماقلىرى، شىرە گۈرۈچ، سېرىق ماي، كالا سۈتى، يۇمشاق ئىزىپ پۇشۇرۇلغان ياش قوش گۆشلىرى، پالەك، بەسەي، شوخلا، سۇڭپىيازلار سىڭىشى ئاسان، ئوزۇقلۇق كۈچى ئوتتۇرھال يېمەكلىلەرگە كېرىدۇ. ھەزىم قىلىش كۈچى ناچار، ئورۇقلاپ كەتكەن، تېنى ئاجىز كېسەللەرگە بېرىلىدۇ. كۈچلۈك تاماقلار ( كەسىپ تاماقلار): بۇ قۇۋۋىتى كۆپ، ئەمما سىڭىشى تەسرەك بولغان كۈچلۈك تاماقلارغا قارىتىلغان. مەسىلەن: ياغدا پۇشۇرۇلغان تۇخۇم، چوڭ قويلارنىڭ كۆشى، كالا گۆشى، ياڭيۇ، تۇرۇپ، لازا، پىيازلار بىلەن قورۇلغان گۆشلەر، ياغ ۋە پىياز بىلەن قىيما قىلىپ ئەتكەن قىيمىلىق تاماقلار، قۇرۇتۇلغان بېلىق گۆشى، كاللا- پاقالچەك گۆشلىرى، ئۆپكە، قېرىن، ياغلىق ئۈچەي تاماقلىرى قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى تاماقلار ئىشتىيى، ھەزىم قىلىشى ياخشى، ئومۇمىي بەدەن ئوزۇقلىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلارغا بېرىلىدۇ. كۆكتاتلاردىن چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە قاتارلىقلار كۈچلۈك تاماقلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇلار سىڭىشى تەسرەك بولسىمۇ، ئەمما قەۋزىيەتنى ئاچقۇچى تاماقلار ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى سورتلۇق بۇغداي ئۇنى، گۆشلۈك ياغلىق تاماقلار، تۇخۇم قاتارلىقلار جىگەر كېسەللىكلىرى، قان بېسىمى يۇقىرلاپ كېتىش كېسىلى، بەدەن سېمىز، قان- تومۇرى قاتقان كېسەللەر، بۆرەك كېسەللىرىگە: لازا، ئاچچىقسۇ، پىياز، ئاچچىق- چۈچىمەل تاماقلار ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە بېرىلمەيدۇ. شېكەر ماددىسى كۆپ بولغان تاتلىق تاماقلار ۋە شېكەر ماددىسى يۇقىرى مېۋىلەر قەنت سېيىش (دىئابىت) كېسەللىگى ۋە بۆرەك كېسەللىكىگە بېرىلمەيدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا كېسەلگە زىيان قىلىدىغان، كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىغان يېمەك- ئىچمەكلىكلەر چەكلىنىدۇ. كېسەلنىڭ ئومۇمى بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش ۋە كېسەللىكنىڭ ساقىيىشىغا پايدىلىق يېمەك- ئىچمەكلەر چەكلەنمەيدۇ. قالايمىقان پەرھىز بۇيرۇشتىن، نامۇۋاپىق چەكلىمىلەردىن، كېسەل كىشىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. داۋائى غىزايى بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى ئوينايدۇ شۇنداقلا بەدەنگە ئوزۇقلۇق بولىدۇ. قىزىلگۈل، پىننە، رەيھان قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل- چېچەك ۋە يومۇرماقلىرىدىن تەييارلانغان ھەرخىل گۈلقەنت، قىياملار؛ ئەنجۈر، ئانار، ئالما، ئامۇت، بىيە، سەۋزە ۋە باشقا مىۋىلەردىن تەييارلانغان ھەرخىل مۇراببالار؛ بادام، ياڭاق، نوقۇت ۋە ھەرخىل مېغىزلاردىن تەييارلانغان تالقانلار داۋايى غىزايى قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى ئوينايدۇ. ئۆز تەركىبىدە تۇتقان ھەرخىل شىپالىق ماددىلىرى ئارقىلىق كېسەللىكلەرگە بەلگىلىك شىپالىق تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قىزىلگۈدىن تەييارلانغان گۈلقەنتنى ئالساق، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاشقازان، ئۈچەيلەر يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش كۈچى ۋە جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە يۈرەك ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ. ئىشتەينى ئاچىدۇ، ئۆپكە سىل كېسەللىگى، ئۆپكە ھاۋا يوللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكە يەللىك ئىششىغى، دەم سىقىلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە ئەينى ۋاقتىدا بەدەنگە ئوزۇق بولۇپ، بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. غىزايى داۋائى ئوزۇقلۇق ھەم داۋالىق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر غىزايى داۋائىغا كىرىدۇ. مەسىلەن: چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە، شوخلا، پالەك، بەسەي ۋە باشقا كۆكتاتلار ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن داۋالىق رولىنى ئوينايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كۆكتاتلار بەدەنگە ئوزۇق بولۇش باراۋىرىدە سۈيدۈك ھەيدەش، قەۋزىيەتنى يوقىتىش، سەپرانى پەسەيتىش، ئىشتەي ئېچىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. كېيىنكى تېمىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە، ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشتا، ئاساس قىلىنىدىغان شىپالىق تائاملارنى تەييارلاشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button