تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت

كۆزلىرى ئاغرىقتىن قىزارغان، ساقاللىرى پاخپايغان بىر كىشى لوقمان ھېكىمنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئۇ ئىككى قولى بىلەن كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپ ھالىنى ئېيتىپتۇ. لوقمان ھېكىم تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپتۇ – دە، بىردىنلا چۆچۈپ ئۆزىنىڭ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ جىددىي سۆزلەپتۇ.
   – ئاپلا سىزگە يامان بوپتۇ، ھامىلىدار بولۇپ قاپسىز ئەمەسمۇ . . . ، – دەپتۇ.
   – ھە؟. . .  نېمە؟ . . . ھامىلىدار؟. . . تەشۋىشلىك سوراپتۇ كېسەل كىشى.
   – ھەئە، شۇنداق، قورسىقىڭىزدا بالا پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
   – تەقسىر، ئۇنى يوقىتىۋېتىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
   – بار . . .، – دەپتۇ لوقمان ھېكىم، – پەقەت بىرلا ئامال بار: ئىككى قولىڭىزنى قورسىقىڭىزدىن بىردەممۇ ئايرىماي، قىرىق كۈنگىچە سىيلاپ بەرسىڭىز بالا يوقىلىپ كېتىدۇ.
    ئالاقزادە بولغان كېسەل كىشى قورسىقىنى سىيلىغان پېتى كېتىپتۇ – دە، قىرىقىنچى كۈنى  تاڭ بىلەن تەڭ يېتىپ كەپتۇ.
  لوقمان ھېكىم كۈلۈپ تۇرۇپ :
  – خاتىرجەم بۇلۇڭ، قورسىقىڭىزدىكى بالا يوقىلىپ كېتىپتۇ . . . – دەپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى سەللىمازا ساقايغانىكەن.
   ھېكمەت :
   كۆزۈڭ ئاغرىسا قۇلۇڭنى تارت، موللا بار يەردە تىلىڭنى تارت.
ياۋۇزلۇقنى تۈگىتىمەن دېسە  . . .
   لوقمان ھېكىمنىڭ ئىلىم – ھېكمەتتىكى شان – شۆھرىتى پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باغدات شاھى لوقمان ھېكىمنى چاقىرىپ كەپتۇ – دە، ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەت – كېڭەش قىلىپ ئولتۇرىدىغان بوپتۇ. كۈندىن – كۈنگە لوقمان ھېكىمنىڭ پىكىر دائىرىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، بىلىم كۈچىنىڭ چەكسىزلىكىگە ھەيران قالغان پادىشاھ بىر كۈنى ۋەزىرنى چاقىرىپ :
لوقمان ھېكىم بەكمۇ ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە زېرەك ئادەم ئىكەن. ئۇنى بىز باش مۇنشىلىققا تەكلىپ قىلساق، قانداق؟ – دەپ سوراپتۇ
   پادىشاھنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىغان ۋەزىر ؛ « لوقمان ھېكىم باش مۇنشى بولسا،. كېيىن بىزنىمۇ ئورنىمىزدا قالدۇرماس »  دېگەن ئويغا كېلىپ:
   – ھەي كەرەملىك شاھىم، دانا مەسلىھەتلىرىگە قارشى سۆزلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىراق مەن لوقمان ھەكىمدىن بەكمۇ خاۋاتىرلىنىمەن. چۈنكى باشقا كىشىلەر ئەسلىيەلمىگەن ئىشلارنى ئۇ ئىشلىيەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بىر كۈنى سىزگىمۇ،. بىرگىمۇ بىرەر پالاكەت كەلتۈرۈپ، ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالارمىكىن، دەپ ئەندىشە قىلىمەن، – دەپتۇ.
   پادىشاھ بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، خاپا بولغان ھالدا :
   – توغرا گەپ، مۇندەك ئەقىللىق كىشىلەر ئەزەلدىنلا پادىشاھقا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ كەلگەن. ئەمدى بۇ لوقمان ھېكىمنى قانداق قىلىمىز، تېزلىكتە كۆزدىن يوقىتامدۇق؟ – دەپتۇ.
تېببىي ۋە تەربىيىۋى ھېكمەتلەر ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button