ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

دورا پۇرىتىپ داۋالاش

دورا پۇرىتىپ داۋالاش ئۆتكۈر پۇراق چىقارغۇچى دورىلارنى پۇرىتىش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ھەر خىل باش ئاغرىقلىرى، ھەر خىل مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە ھوشىدىن كەتكەن كېسەللىكلەرنى ھوشىغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ.

 باش ئاغرىقلىرىدا ئەگەر سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇپ باش ئاغرىسا ئىسسىق تەبىئەتلىك تاللانما تەسىرلىك دورىلارنى پۇرىتىش، باش ئىسسىقتىن ئاغرىسا سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى پۇرىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلدۇ.

 ھوشىدىن كەتكەن كېسەللىكلەرگىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك خۇشپۇراق دورىلارنى (ئىپار، ئەنبەر، زەپەر، كافۇر، ئەپيۈن) پۇرىتىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل دورىلارنى پۇرىتشتا كىشىلەرنىڭ مىزاجىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر كىشىنىڭ مىزاجى، كېسەل پەيدا قىلغۇچى غەيرىي تەبئىي خىلىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن مۇناسىپ دورىلارنى پۇرىتىش كېرەك.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button