ھەزىم قىلىش سىستىمىسى

ئىشتىھانىڭ زىيادىلىكى

بۇ ئىشتىھانىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا زىيادە ئىكەنلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، بىمار تاماقنى كۆپ تەلەپ قىلىدۇ، بەزىدە يەپ تويمايدۇ.
    سەۋەبى
    ئىشتىھانىڭ زىيادىلىكى ئومۇمەن ماددا ئالمىشىشنىڭ زىيادىلىكى ياكى بەدەننىڭ غىزاغا زىيادە موھتاج بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن : بىمار كېزىك ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن ساقىيىۋاتقان مەزگىللەردە پۈتۈن بەدەننىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقانلىق تۈپەيلىدىن ئىشتىھا زىيادە بولىدۇ. قەنت سىيىش (دىيابىت) كېسىلىدىكى سۈيدۈك ئارقىلىق شېكەر ۋە باشقا ماددىلار چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئومۇمىي بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ كۆپلەپ يېمەك -ئىچمەك ئىستېمال قىلىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان نەزلە خاراكتېرلىك ئېچىشىشىدا  قورساق پات -پات ئاچىدۇ. كىچىك بالىلاردا مەددە كېسىلى بولسا ھەم بۇ خىل ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
    ئالامىتى:
    بىمارنىڭ قورسىقى پات – پات ئاچىدۇ، ھېلىلا تاماق يېسىمۇ يەنىلا ئېچىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىمار پەرىشان بولۇپ روھىي چۈشۈپ كېتىدۇ. يۈرىكى سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ. بەزىلەر تاماقنى كۆپ يېسىمۇ سەمرىمەي، ئەكسىچە ئورۇقلاپ كېتىدۇ.
   داۋاسى:
    ئەسلى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنى يوقىتىش لازىم. ئەگەر قەنت سىيىش كېسىلى ياكى مەددە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان بولسا بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىش زۆرۈر.
    بىمار تۇزلۇق، زىيادە ئاچچىق نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىشى، تاتلىق، ياغلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشى لازىم . بىمارغا ئەتىگەندە لىمۇن سۈيىگە شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈپ قۇستۇرۇش، قەي قىلىپ بولغاندىن كېيىن پىستە مېغىزى ۋە بادم مېغىزىنى ئېزىپ كۈنجۈت يېغى ۋە شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈزۈش لازىم. ئادەتتىكى چاغلاردا مېغىزلاردىن ياڭاق، چىلغوزە، بادام مېغىزى، خاسىڭ مېغىزى، كۈنجۈت ماتىڭى (زىماتاڭ) قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، شارائىت يار بەرسە بىمارنىڭ غىزاسىغا زەپەرنى قوشۇپ بېرىشى كېرەك.
    ھەزىم ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن جاۋارىشلاردىن مەسىلەن : جەۋارىش مەستىكى، جاۋارىش كومۇنى، جاۋارىش ئۇد، جاۋارىش سەپەرجىلىنىڭ قايسى بىرى بولسا، تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش ياكى ھەببى ئىپار ئەرقدىن 4 گرام يەپ ئاشقازاننى پاكىزلاش كېرەك. ئەتىگەندە ئىترىپىل كەبىردىن 7 گرام ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. غىزاسى ئۈچۈن توخۇ ۋ ەقوي گۆشلىرىنى ئىستېمال قىلسا، نوقۇتنى سېرىق ياغ ياكى بادام يېغى بىلەن قورۇپ  يېسە بولىدۇ. ئەگەر ئىشتىھانىڭ زىيادىلىكى ئۆتكۈر ئىسىتمىلىق كېسەللەردىن كېيىن بەدەن ئاجزلاپ، ئورۇقلاپ ياكى بەدەندىكى سۇيۇقلۇقلار كۆپلەپ يوقالغاندىن بولسا، قۇۋەتلەندۈرگۈچى دورىلار ۋە قۇۋەتلەندۈرگۈچى غىزالارنى ئەھۋالىغا قاراپ تەدرىجىي ھالدا مىقدارىنى ئاشۇرۇپ بىرىش ھەمدە چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىش، ئومۇمىي بەدەن قۇۋىتى ئەسلىگە كەلگۈچە مۇقىم ئوروندا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش لازىم. دورىلاردىن گاۋزوبان گۇلابىدىن 60 م ل، .ئانار شەربىتىدىن 24 م ل ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ. مەستىكى ۋە لاچىنداندىن 2 گرام ئېلىپ ئىزىپ، 7 گرام ئامىلە نۇشدارى لوئلەۋىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۇلىدۇ. ما ئۇللەھمىدىن 118 گرام ئىستېمال قىلىدۇ. كەم قۇۋۋەت، بەدەن ئاجىز بولسا داۋائۇلمىشكى مۆتىدىلدىن 5 گرام ئېلىپ مائوللەھمى (گۆش سۈيى) بىلەن .ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. قۇۋەتلەندۈرگۈچى غىزالاردىن چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى، توخۇ كاۋىپى، شېكەر، بادام يېغى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە بولىدۇ.
     ئىشتىھانىڭ زىيادىلىكى كىچىك بالىلاردىكى مەددە ياكى تۈتۈ قۇرتى كېسىلىدىن بولغان بولسا مەددە كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئۇسۇللار بىلەن داۋالىسا بولىدۇ.

# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button