ئاياللارساغلاملىقى

ئانىلىق ھورمۇننى قالايمىقان تولۇقلاشنىڭ يامان ئ‍اقىۋىتى

كېيىنكى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدا ئانىلىق ھورمۇن كەم بولسا بولمايدۇ، ئانىلىق ھورمۇن ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ۋە بالا ھەمراھىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھورمۇن، ئاز ساندىكى ئانىلىق ھورمۇن بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسىدىن پەيدا بولىدۇ. تۇخۇمداننىڭ ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن باشلىنىدۇ، ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش جىنسىي يول، بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمداننىڭ ئۆزىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن ھەيز پەيدا بولىدۇ. ئانىلىق ھورمۇننىڭ يەنە تېرە ئاستىدىكى ياغنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرى ۋە ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ساقلاش قاتارلىق رولى بار.ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى تەدرىجىي يېتىلىپ، جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولۇش، جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش، كىچىك ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈش، شۇنىڭدەك ئورگانىزمدىكى كۆپ ئەزالارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئۈنۈمىگە تايىنىدۇ.
ئانىلىق ھورمۇن ئاياللارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر ئاياللاردا ئانىلىق ھورمۇن يېتىشمىسە بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
1. ئۇيقۇسىزلىق

ھۆل ئىسسىقتىن بولغان ئوغرى تەر. تۇخۇمدان ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلەپ كەتسە، ئادەم بەدىنىدىكى ۋېگېتاتىپ نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئۇيقۇسىزلىق، ئوغرى تەر، ھۆل ئىسسىق، كەيپىياتى ئاسان ئاچچىقلىنىش، تىت ـ تىت بولۇش، كەيپىياتى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتەك بىر قاتار ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

2. تېرە خۇنۈكلىشىپ داغ پەيدا بولۇش

تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى چېكىنسە ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلەپ تېرىدە بىر قاتار مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: داغ چۈشۈش، دانىخورەك چىقىش، قۇرغاقلىشىش، بوشىشىش، ساڭگىلاش، ئىنچىكە قورۇق چۈشۈش قاتارلىقلار.
3. كۆكرەك مەسىلىسى

كۆكرەك ئاياللارنىڭ ئىككىنچى جىنسىي ئەزاسى بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇن يېتىشمەسلىك كۆكرەكنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، ئەمچەك ئۆسمىسى، كۆكرەك ساڭگىلاش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئېغىر بولغاندا خالتىلىق ئىششىق، سۈت بېزى راكى، لىمفا راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.سېمىزلىك

تەتقىقاتتا ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئادەم بەدىنىدە قەنت، ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلانغان. ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازايغاندىن كېيىن، قەنت ۋە ياغنىڭ مېتابولىزمى، تارقىلىشىدىمۇ خېلى روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ.

5. سۆڭەك شالاڭلىشىش

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كالتسىي كەملىك، ئانىلىق ھورمۇن بولسا سۆڭەكتىكى كالتسىينىڭ مىقدارىنى ساقلاپ، سۆڭەكنىڭ قاتتىقلىقىنى ساقلايدۇ.

6. يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى

ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمۇنى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدۇ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى جىددىي ئېشىپ كېتىدۇ.
7. جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماسلىق

ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ ئازىيىشى جىنسىي يول ۋە سۈيدۈك يولىنىڭ ئىنچىكىلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئالاقىدە ئاغرىق تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولۇپ، ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماس بولۇپ قېلىپ ئەر ـ خوتۇنلۇق ھېسسىيات تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

8. ھەيز بىنورمال بولۇش

ھەيز ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا ئاياللار كېسەللىكىنىڭ سىگنالى. ئاياللار ھەيز توختىغاندىن كېيىن، تۇخۇمداننىڭ يىگىلىشى كۈچىيىپ، ئانىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى توختاپ قالىدۇ ـ دە، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇيقۇسىزلىق، ئىچى تىتىلداش، ئاچچىقلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئ‍ىچى سىقىلىش، بالىياتقۇ يىگىلەش، ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى، كېلىماكتېرىيە دەۋرى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، يۈرەك ـ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.
9. ئانىلىق ھورمۇن

ئاياللارنىڭ ياشلىق باھارى ۋە قېرىشىنى كونترول قىلىدۇ، ئ‍ازلاپ كەتكەندە قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

10. داس بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالار تۆۋەنگە ساڭگىلاش

ئاياللارنىڭ ئىچكى كۆپىيىش ئەزالىرى ئانىلىق ھورمۇننىڭ تەسىرىدە مۇقىم تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ، قورساق قىسمىدا يۆتكىلىش ئەھۋالى بولمايدۇ، ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ مۇقىم سىستېما بۇزۇلۇپ، ئاياللارنىڭ داس بوشلۇقى ئەتراپىدىكى ئەزالار كوللېكتىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدۇ، يېنىك بولغاندا بەدەن شەكلى كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش، جىنسىي يول كۆپۈپ چىقىش، مەقئ‍ەت چىقىپ قېلىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

11. بالىياتقۇ يىگىلەش

بالىياتقۇ ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تولۇپ تۇرىدۇ، ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەن بولسا، بالىياتقۇ كىچىكلەپ يىگىلەشكە باشلاپ ھەيز قالايمىقانلىشىپ، ئاخىرىدا ھەتتا ھەيز توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئىقتىدارىمۇ ئاخىرلىشىدۇ.
12. سىرتقى جىنسىي ئەزا يىگىلەش

ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلەپ كەتسە، سىرتقى جىنسىي ئەزا يىگىلەپ، ئاجرالمىلار ئازىيىپ كېتىدۇ، ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى سۈركىلىش ئاستىدا، ئاسانلا يارىلىنىپ يۇقۇملىنىشنى، شۇنداقلا ھەر خىل ئاياللار كېسىلىنى تېخىمۇ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
13. كۆرۈش قۇۋۋىتى زىيانغا ئۇچراش

ئاياللارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئانىلىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئاسانلا كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردىسى چۈشۈپ كېتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش، كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

 

ئانىلىق ھورمۇن يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبى قايسىلار؟
1. تۆۋەنكى دۆڭ مېڭە

ھىپوفىز ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئاساسلىقى ھىپوفىز ئالدى بۆلىكى كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ.
2. تۇخۇمدان فۇنكسىيەسى بالدۇر زەئىپلىشىش

ئاياللار يېتىلىپ 35 ياشتىن ئىلگىرى ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ، ئانىلىق ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تۆۋەنلەيدۇ.
3. ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى

ئېغىر بولغاندا ئانىلىق ھورمون تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئالاھىدە تۆۋەن بولغاندا، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.
4. جىگەر قېتىش

جىگەر ئانىلىق ھورموننىڭ پاسسىپلىشىشىدىكى ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ، جىگەر قېتىش ۋاقتىدا ئانىلىق ھورمون ئازىيىدۇ.
5. ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك

ھەيز توختاش مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلەپ، ھەيز توختاش ئالامەتلىرى، سۈيدۈك ئاجرىتىش، كۆپىيىش يوللىرى يىگىلەش، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
6. ناچار يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتى

ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى يېمەك ـ ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، تاماق تاللاش ياكى يېمەكلىك قانۇنىيەتلىك بولماسلىق ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھورمۇن سەۋىيەسىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرىدۇ.

ئاياللار ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ھەممىگە مەلۇمكى، ئانىلىق ھورمۇن ئاياللارنىڭ گۈزەل چىرايى، گۈزەل بەدەن شەكلى ۋە ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمۇنغا بولغان تونۇشى بىر تەرەپلىمە بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلاشتا دائىم ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئاز بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ. ھەممىلا ئايال ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلىسا بولىۋەرمەيدۇ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللار، ھامىلىدار ئاياللار، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جىنسىي يولدىن قان چىققان ئاياللار، جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىز بولغانلار، قان نوكچىسى توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن: مېڭە قان نوكچىسى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلگەن ئاياللار ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلىماسلىقى كېرەك. قالايمىقان ئانىلىق ھورمۇن تولۇقلاش بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئۆسۈپ قېلىش، سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ۋە جىنسىي يول تەرتىپسىز قاناش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئ‍اياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆتۈنۈپ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئ‍ىش كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button