ساغلاملىق بىلىملىرى

يۈرەك سېلىشنىڭ سەۋەبى ۋە دىئاگنوز نۇقتىلىرى

يۈرەك سېلىشنى كېسەللەر كۆپىنچە «يۈرەك قوزغىلىش» ، «يۈرەك سىقىلىش» ياكى «يۈرەك قالايمىقان سوقۇش» دېگەن ئىپادىلەر بىلەن تەسۋىرلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا يۈرەك سوقۇش چاستوتىسى، رىتىمى ياكى يۈرەك قىسقىرىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلغان بىر قىسىم كېسەللەر ئۆزلىرىنىڭ نورمال يۈرەك ھەرىكىتىنىمۇ شۇنداق دەپ ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل كېسەللەر ھەمىشە يۈرىكىم سېلىپ كەتتى دەپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى ۋە دىياگنوز نۇقتىلىرى

1 . يۈرەك رىتىمىنىڭ تەرتىپسىزلىنىشى: يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىشى ياكى ئاستىلىشى ۋە يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللاردا كېسەللەر يۈرىكىنىڭ سالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. يۈرەكنى ئىنچىكىلىك بىلەن تىڭشاپ تەكشۈرۈش ياكى ئېلىكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈشنىڭ يۈرەك رىتىمىنىڭ تەرتىپسىزلىنىشىگە دىياگنوز قويۇشتا ياردىمى بولىدۇ.

2. يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى: نورمال كىشىلەر كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن دائىم دېگۈدەك يۈرىكىنىڭ سالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنى ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشى، يۈرەكنىڭ كۈچلۈك سوقۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يۈرەك نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش كېسىلى: بۇ خىلدىكى كېسەللەر يۈرەك سېلىشتىن باشقا يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، كۆپ تەرلەش، ئاسانلا چارچاش، نەپەس راۋان بولماسلىق قاتارلىقلاردىن زارلىنىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە يۈرەك ھەرىكەت قېتىم سانى ئازراق تېزلەشكەندىن باشقا ئەھۋاللار ئاساسەن نورمال بولىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button