فىلىملەر

ھۆججەتلىك فىلىم (ئىلتىجا)

1992-يىلى ئىشلەنگەن رون فىرىكنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى :

فىلىم تۈرى: ھۆججەتلىك

ئېمدىبى نومۇرى : 8.6 نومۇر

دۆلەت / رايۇن:  ئامېرىكا
بىز كىم؟ قەيەردىن كەلدۇق؟ نەگە قايتىمىز؟ بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغاندۇر، ئەمما بۇنىڭ جاۋابىنى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا دەپ بېرەلەيدۇ. يەرشارى بىلەن ئىنسانلارنىڭ تەدىرىجىي تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلار بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى باش تېما قىلىنغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسورى روبىن فىرېكى (Ron Fricke) بۇفىلىم ئۈچۈن جەمئىي 14 ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، 24 دۆلەتنى كېزىپ سۆرەتكە ئېلىپ چىققان بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدا بار بولغان ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەبىئەت تەسۋىرلىرى بىلەن بىللە ، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يەر شارىنى يېقىندىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىم ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئىككى قىسىم سىزنى ئوخشىمىغان ئوي خىياللارغا باشلايدۇ . تۇنجى بولۇپ ئېچىلمىغان تەبىئەت ، تەبىئەت سەنئىتى ۋە ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلەر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بەزى تېمىلىرى. بىر تەرەپتىن يانار تاغنىڭ شەكىللىنىشى ، مۇزتاغ ، شارقىراتما يەنە بىر تەرەپتىن ، قاتناش مەسىلىسى ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ياكى زەھەر قاتارلىق مەسىلىلەر بار. تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھاياتلىق زەنجىرىنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ ئەھۋال ھۆججەتلىك فىلىمدە ئەسلىمىلەردىن قۇتۇلۇش تەس بولغان سۈرەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھۆججەتلىك فىلىم (ئىلتىجا) خەلقئارادا ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن :
توربىكتىمىزنى قوللاڭ ۋە دوستىلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ !

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button