ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىپىششىق دۇرىلار

ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىلىرى

ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىلىرى دورىلارنىڭ تەبىئىيىتى ۋە داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇئەييەن تەييارلاش قائىدە-ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەرخىل شەكىلدە تەييارلانغان دورا ياسالمىلىرىغا قارىتىلغان.

ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىلىرى
تۈرى ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيە ئىلمى

مۇندەرىجە

  • 1تۈرى
  • قويۇق دورا ياسالمىلىرى
  • قاتتىق دورا ياسالمىلىرى
  • سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى
  • تالقان دورا ياسالمىلىرى

1تۈرى

ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىلىرى دورىلارنىڭ تەبىئىيىتى ۋە داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇئەييەن تەييارلاش قائىدە-ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەرخىل شەكىلدە تەييارلانغان دورا ياسالمىلىرىغا قارىتىلغان. ئۇ، دورا شەكىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

1.قويۇق دورا ياسالمىلىرى

2.قاتتىق دورا ياسالمىلىرى

3.سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى

4.تالقان دورا ياسالمىلىرى

يۇقىرىدىكى تۆت چوڭ تۈردىكى دورا ياسالمىلىرى يەنە تەركىبى، ياساش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تەسىرى، ھەتتا تەمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن كۆپ خىلغا، جەمئىي تۆۋەندىكىدەك 60 نەچچە خىلغا بۆلىنىدۇ.

قويۇق دورا ياسالمىلىرى

1. تەرياقلار (زەھەر قايتۇرغۇچىلار)

2. جەۋارىشلار

3. خېمىرلار

4. زىمادلار(چاپمالار)

5. گۈلقەنىتلەر

6. لۇبۇبلار (تەركىبىگە مېغىز قېتىلغان دورىلار)

7. لوئۇقلار(يالانچۇقلار- يالاپ ياكى شۈمۈپ ئېستىمال قىلىدىغان قويۇق دورا ياسالمىسى)

8. مەرھەملەر

9. مەئجۇنلەر

10. مۇفەررىھلار(كۆڭۈلنى خوشلاندۇرغۇچى دورىلار كۆپرەك چۈشىدىغان ھالۋىسىمان دورا ياسالمىلار)

11. ئىترىيفېيلار

12. ئىيارەجلەر(ئاچچىق تەملىك دورا ياسالمىلىرى)

قاتتىق دورا ياسالمىلىرى

1. بانادۇقلار

2. شىيافلار(شامچە دورىلار)

3. فەتىلىلەر(پىلكۈچلەر)

4. فەرزىجىلەر

5. قۇرسلار(توقۇچاقلار)

6. ھەبلەر(كۇمىلاچلار)

سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى

1. ئەرەقلەر(پارلاندۇرۇپ ياسالغان ياسالمىلار)

2. تىزابلار(كىسلاتالىق سۇيۇقلۇقلار)

3. پاشۇيىلار

4. رەۋغەنلەر

5. سىركەنجىبىنلەر

6. شەربەتلەر

7. قوتۇرلار(تامچىلار)

8. لوئابلار

9. مەتبۇخلار(قايناتمىلار)

10. مۇراببالار

11. نۇقۇئلار(چىلانمىلار)

12. ھوقنەلەر(كىلىزمىلار)

13. ئوكۇللار

تالقان دورا ياسالمىلىرى

1. زورۇرلار(سەپمىلەر)

2. سۇفۇفلار(تالقانلار)

3. سۇنۇنلار(چىش تالقانلىرى)

4. كوھلىلار(سۈرمىلەر)

دورا ياسالمىلىرىنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك خىللىرىمۇ بار:

 

1. ئابىزەنلەر: دورىلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە بىمارنى ئولتۇرغۇزۇپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.

2. ئەتۈسلەر: دورىلارنى سوقۇپ ياكى سوقماي پۇرىتىپ چۈشكۈرتۈش ئارقىلىق دىماغنى ئاچىدىغان دورا ياسالمىسى.

3. بوخۇرلار: دورىلارنى قىزىتىپ كۆيدۈرۈپ ياكى قاينىتىپ ھورىغا ئەزالارنى بۇسلاپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورا ياسالمىسى.

4. بورودلار: كۆزگە تېمىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان يەنە بىر خىل ياغ دورا ياسالمىسى.

5. تەدھىنلار: سىرتتىن ياغلاش ئۈچۈن تەييارلانغان يەنە بىر خىل ياغ دورا ياسالمىسى.

6. تىلالار: دورىلارنى سۇ تېمىتىلغان مېتال ياكى تاشلارغا سۈرۈپ چىقارغان تاتىقىنى ھۆل ۋە سوغۇق پېتى بەدەنگە سۈرتىدىغان دورا ياسالمىسى.

جەۋھەرىلەر: بۇ دورىلار كىرىستاللاشتۇرۇپ تەييارلانغان يېڭى بىر خىل تالقان دورا ياسالمىسى.

داۋائلار: بۇ ھەرخىل شەكىللەردە تەييارلىنىدىغان، مەلۇم دورا نامى ياكى مەلۇم كېسەللىك نامى بىلەن ئاتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.

سەكۇبلەر: كۆز ئەتراپىغا ئاستا قويۇپ، يۇيۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.

سۇئۇتلار: بۇرۇنغا تېمىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.

شەمۇملار: بۇرۇنغا يۇرۇتۇش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.

غەر-غەرەلەر: ئېغىز چايقاش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.

فۇلۇنيالار: بىر خىل مۇرەككەپ قويۇق دورا ياسالمىسى.

كاپسۇللار: بەزى تالقان دورىلارنى ئىشلىتىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كاپسۇللارغا قاچلاپ تەييارلانغان يېڭى بىر خىل دورا ياسالمىسى.

كەشكابلار: دورىلارنى ئارپا سۈيىگە چىلاپ، چىلانما مەخسۇس زۇكام ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.

كەمەدلەر: ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەرنى قىزىتىپ ئەزالارغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.

لەخلەخەلەر: دورىلارنى چالا سوقۇپ پۇرىتىش ئارقىلىق سەرسامنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.

مائۇلار: گۆش، ھەسەل، مېۋە ۋە دورىلارنى سىقىپ ياكى قاينىتىپ تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.

مەز-مەزەلەر: بۇرۇنغا ئېلىپ چايقاش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.

مۇسەللەسلەر: ئۈزۈم، تاۋۇز قاتارلىقلاردىن ئېچىتىپ تەييارلانغان سۇيۇق دورا ياسالمىسى.

نوپۇخلار: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركۈش ئۈچۈن تەييارلانغان تالقان دورا ياسالمىسى.

نوتۇللار: دورىلار قايناتمىسىنى باش ۋە بەدەنگە ئاستا-ئاستا قويۇش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.

ھومۇللار: نەم دورىلارنى داكىغا سۈرتۈپ چوڭ يارىلار ئېغىزىغا تىقىپ قويۇلىدىغان دورا ياسالمىسى.

ۋوجۇرلار: دورىلار سويۇقلۇقنى تېمىتىپ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ گېلىغا تېمىتىش ئارقىلىق سەرئىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا ياسالمىسى.

ئىنكىبابلار: دورىلارنى قاينىتىپ ھورىنى مەلۇم ئەزاغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانغان دورا ياسالمىسى.

ئىچىلىدىغان سۇيۇقلۇقلار: ھەجىمى ئازايتىلىپ، مەخسۇس ئامپۇللارغا قاچىلاپ تەييارلانغان يېڭى بىر خىل ئىچىلىدىغان دورا ياسالمىسى.

 ياقۇتلار: بۇ، ياقۇتلار باش دورا قىلىنىپ ھەرخىل شەكىللەردە تەييارلىنىدىغان، ياقۇتلار ۋە ئىجاد قىلغۇچىلارنىڭ نامى ھەمدە دورىنىڭ تەسىرى بىلەن ئاتىلىدىغان دورا ياسالمىسىدۇر.[0]

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button