ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

خىلىت دىگەن نىمە ؟

تەبىرى

خىلىت – ئىنسانلار ئىستېمال قىلغان تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان ئوكسىگېننىڭ، مۇناسىۋەتلىك ھەزىم ئەزالىرى، ھەر قايسى بەزلەر ۋە ئۆزگەرتكۈچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان بەدەننىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيىتىنى زۆرۈر بولغان ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىك ھالەتلىرى خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى نورمال بولغاندا ئادەم ساغلام بولىدۇ. ئەگەر خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىدا بۇزۇلۇش بولۇپ، نورمالسىزلىق يۈز بەرسە ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. شۇڭا خىلىت تەلىماتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىدە مەيلى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجىنى ئايرىشتا بولسۇن، ئۆزگەرگەن مىزاجىنى ئايرىشتا بولسۇن، كېسەللەرنى تونۇشتا بولسۇن، كېسەللەرنى پەرقلەندۈرۈشتە بولسۇن، كېسەللەرنى داۋالاشتا بولسۇن ياكى ئالدىنى ئېلىشتا بولسۇن شۇنداقلا ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە پەرھىز بۇيرۇشتا بولسۇن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

خىلىتنىڭ شەرھىسى

1. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجىنى ئايرىش جەھەتتە ئىشلىتىلىشى. بۇنىڭدا مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مىزاجىنى يەنى تەبىئىي مىزاجىنى ئايرىش ئۈچۈن شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە قايسى خىلىت يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان بولسا، بەدەندە شۇ خىل خىلىتقا خاس بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ بەلگىلەرگە ئاساسەن شۇ ئادەمنىڭ تەبىئىي – مىزاجىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سەپرا خىلىتلىق كىشىلەردە سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنى كۆز ئېقى سېرىق، تىلىنى سېرىق گەزلەر قاپلاش، ئېغىز تەمى ئاچچىق بولۇش، تىلى قۇرغاق، كۆپ ئۇسساش، بەدىنى قىزىش، تومۇرى تېز،ئىنچىكە سوقۇش، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2. ئىنسانلارنىڭ ئۆزگەرگەن مىزاجىنى ئايرىشتا ئىشلىتىلىشى بۇنىڭدا ئۆزگەرگەن مىزاجنى ئايرىشتا تەبىئىي مىزاجنى دالالەت قىلىپ بەدەن ئىپادىلەپ چىقىدىغان خىلىت بولغانغا ئوخشاش ئۆزگەرگەن مىزاجنىمۇ ئىپادىلەپ چىقىدىغان خىلىت بولىدۇ. بەدەندە مەلۇم بىر خىل خىلىت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسا،بۇنىڭغا ماس ھالدا بەدەندە بىر تۈرلۈك ئەسلىي مىزاجنى بەلگىلەيدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنە بىر خىلىتتا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئادەتتىكىدىن ئارتىپ كەتكەندە بەدەندە بۇ خىلىتنىڭ ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلگەن بولسا، ئەسلىي مىزاجنى بەلگىلىگەن خىلىت ئالامەتلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بۇ ئۆزگەرگەن مىزاجقا مۇناسىپ خىلىت ئالامەتلىرىمۇ بەدەندە كۆرۈلىدۇ.

3. كېسەللىكلەرنى تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىشى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كېسەللىكلەر – مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر يەنە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ، يەنى مەلۇم بىر خىل خىلىت سان – سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ، بەدەندە غالىبلىقنى ئىگىلىگەندە، بەدەندە شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا مۇناسىپ كېسەللىك ھالدىكى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋاقتىدا ياخشىلانمىسا تەرەققىي قىلىپ شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىككە ئۆزگىرىدۇ. بۇ يەنە تەرەققىي قىلىپ پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش ىاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى پەقەت بەدەندە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە پۈتۈنلەي بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگىمۇ سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا خىلىت تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ كەڭ دائىرىدىن ئېيتقندا كېسەللىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، كېسەللىكلەرنى تونۇپ دىئاگنوز قويۇش، كېسەللىك خاراكتېرىگە باھا بېرىش، كېسەللىكلەرنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈش داۋالاش جەھەتلەردە خىلىت تەلىماتىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

4. كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىلىشى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى غەيرىي تەبىئىي خىلىتنى ئېنىقلاپ چىقىپ، شۇ خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ كېسەللىككە سەۋەبچى بولغان غەيرىي تەبىئىي خىلىتنى بەدەندىن تازىلاش ئارقىلىق كېسەللىككە سەۋەبچى بولغان ئامىلنى يوقىتىپ داۋالاش مەقسىتىگە يېتىش ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى ھەم ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. قىسقىسى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بولۇپمۇ خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كېسەلگە سەۋەبچى بولغان غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ نورمالسىز ھالەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېسەل قوزغاش جەريانىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندا كېسەللىكلەرگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ، تەرتىپلىك، توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىمارلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە پەرھىز بۇيرۇش جەھەتتىمۇ خىلىت تەلىماتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ غەيرىي تەبىئىي خىلىت پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتىن ئورگانىزمغا تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىپ، ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغاندا، ئاندىن تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە پەرھىش بۇيرۇش ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى ھەم كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا شۇ كىشىنىڭ مىزاجىغا ئاساسەن ياكى كېسەللىككە سەۋەبچى بولغان غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا ئاساسەن شۇ كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ياكى بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، «تەبىئەت كۈچى» گە ياردەم بېرىپ داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە زىيانلىق ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىش قىلدۇرۇش ئارقىلىق غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ داۋاملىق كۈچىيىپ كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ھەر ئورگانىزىمنىڭ «تەبىئەت كۈچى» گە ياردەم بېرىش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بەلغەم خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەرگە قارىتا ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇش، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكەرنى كۆپ بېرىش ئارقىلىق داۋالاشقا ماسلاشتۇرۇلىدۇ.

مەنبە : UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇرباشقۇرۇش سىستېمىسى – نەزەرىيە بىلىملىرى كاتاگورىيەسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button