تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

رۇزا تۇتۇشنىڭ پايدىلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە ئەخلاق» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇزا تۇتۇشنىڭ پايدىلىرى» ناملىق مەخسۇس تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
رۇزا تۇتۇشنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. رۇزا ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرىدۇر. بىر ئىبادەت بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، باشقا بارلىق ئىبادەتلەردىكىگە ئوخشاشلا مۇسۇلمان بولۇشنىڭ «ئالامەتى فارىقەسى» يەنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرغۇچى بىر خىل ئالاھىدىلىكىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە سادىق بارلىق مۇسۇلمانلار رۇزا تۇتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشاش ئىبادەتنى ئادا قىلغان بولۇشلىرىنى بىلىشمۇ ئىنساننى باشقىچە ھاياجانلاندۇرىدۇ. تىللىرى، ئىرقلىرى، مەدەنىيەتلىرى قانداق بولسا بولسۇن، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيى بويىچە رۇزا تۇتقانلىقىنى ۋە رامىزانغا خاس ھەر خىل ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغانلىقىنى ئويلاش؛ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
رۇزا تۇتۇش ئىرادىگە بىۋاسىتە خىتاب قىلىدىغان مۇشكۇل بىر ئىبادەتتۇر؛ رۇزا، قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىشنى ئاڭلىق ھالدا بىر تاللاش ئارقىلىق قىلماسلىقىڭىز كېرەك بولغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە خىتاب قىلىدۇ. باشقا چاغلاردا دىققەتسىزلىك بىلەن ۋە ئادەتلەر دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىش-ھەرىكەتلەر رامىزاندا بىرەر بەلگىلىمىگە رېئايە قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. قوسىقىڭىز قانچىلىك ئېچىپ كەتسە كەتسۇن، ۋاقتى كەلمىگۈچە بىر نەرسە يېيەلمەيسىز. قانچىلىك ئۇسسىغان بولسىڭىز بولۇڭ، ئىپتاردىن ئىلگىرى سۇ ئىچەلمەيسىز. ھالبۇكى مەزكۇر نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىڭىزدىلا بار. لېكىن سىز ۋەدە قىلغانلىقىڭىز، بىر كېلىشىمگە ماقۇللۇق بىلدۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىز يەنى نەپسىڭىزگە قارشى كۈرەش قىلىش بەدلىگە بۇ ۋەدىڭىزدە تۇرىسىز. ئادەتلىرىڭىزنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويىسىز. ئەسلىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىسىز. دېمەككى، رۇزا كۈنلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئادەتلىرىڭىزنىڭ ئەسىرى بولۇشتىن قۇرتۇلۇشىڭىزنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى سىناپ كۆرۈشنىڭ بىر پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى مۇكاپاتىڭىزنى ئالغان بولىسىز. بۇ شەكىلدە بىر خىل ئۆزگىچىلىكنى باشتىن كەچۈرۈش ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتىدۇر. ئىپتار ۋاقتىدا خوشاللىق ئىچىدە ئېغىزىڭىزنى ئاچقاندا بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز؛ جەننەت ئىنسانغا مانا مۇشۇنداق بىر تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنداقتا پەقەت روزىدار چېغىمىزدا رېئايە قىلىشىمىز كېرەك بولغان بەلگىلىمىلەردىن باشقا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ سوھۇرلۇق بىلەن ئىپتار ئارىسىدا يىمەسلىك، ئىچمەسلىك ۋە جىنسىي ئالاقىدە بولماسلىق بىلەن ئىش تۈگەمدۇ؟ شەكىل جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ‹شۇنداق، تۈگەيدۇ›، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق قائىدىلەرگە مۇۋاپىق شەكىلدە ئىبادەتنى ئىشقا ئاشۇرغان بولىمىز. بىراق بارلىق ئىبادەتلەردىكىگە ئوخشاشلا رۇزا ئىبادىتىدىمۇ چوڭقۇر مەنىلەر بار. ئىبادەتلەر ئىنسانلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ساغلاملاشتۇرۇش نۇقتىسىدىمۇ تەسىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئاللاھقا يېقىنلاشقان چاغلىرىمىز ھېسابلىنىدىغان ئىبادەتلەر، كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرىنى يۇمشىتىش، مېھرىبانلىق ۋە نازاكەتكە ئوخشاش قىممەت-قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك. رۇزا تۇتقان بىر ئاي مەزكۇر ئىنچىكە نۇقتىلارنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئۆزىمىز بىلەن يۈزلەشكەن ۋاقتىمىز بولۇشى لازىم. بەلگىلىمىلەر ۋە شەكىل شەرتلىرى ئىبادەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن يەتمەيدۇ. بۇ ئىبادەتلەرنى نېمىشقا قىلىمىز؟ دېگەن سوئالغا ‹ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن› دەپ بېرىدىغان جاۋابىمىزنى ئىزاھلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ بىزنى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغاندا، بىزنىڭ دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچىلىكى ئىچىدە ئۆزىنى، ئۆلۈمنى ۋە ئاخىرەتتىكى ھېسابنى خاتىرىلىشىمىز ئۈچۈن ھەر خىل ئىمكانىيەتلەرنى ھازىرلاپ بەرگەن. كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان كىشى ھەر ۋاقىت نامىزىدا ئۆزىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا چىقتىم، دېگەن ئاڭغا كەلگەن ئەھۋالدا، ئۇ ئوقۇغان شۇ نامىزىدا سالام بىرەر-بەرمەيلا زۇلۇمغا، يالغانغا ۋە ھىيلە-مىكىرگە ئارىلىشىشى مۇمكىنمۇ؟ ئوخشاش شەكىلدە كۈن بويى رۇزا ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيلەشكە تىرىشقان بىر كىشىنىڭ، شۇ كۈن ئىچىدە ئاللاھمۇ قۇلمۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىشى، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ رۇزا ئىنساننى ئاسرايدۇ. بىز رۇزا تۇتتۇق، دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە رۇزا بىزنى تۇتىدۇ. يەنى نەپسىمىزنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان ئىش-ھەرىكەتلەرگە مايىل بولۇپ كېتىشىنى توسۇپ قالىدۇ. پەيغەمبىرىمىز «رۇزا قالقاندۇر» دېيىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن. رۇزىدار كىشى ئۆزىگە ھەر دائىم رۇزىدار ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، خاتا ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن يىراق تۇرىدۇ. يەنە پەيغەمبىرىمىز، رۇزىدار ئادەمنىڭ بىرەر خاتا ئىشنى قىلدۇرۇپ قويىدىغان بىر ئىشقا ئارىلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن «مەن رۇزىدار» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى بۇيرىغان. رۇزا بارلىق ئورگانلىرىمىز بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، رۇزا تۇتقاندا كۆزىمىز، قۇلىقىمىز، قەلبىمىز ۋە تىلىمىزنىمۇ كونتروللۇق ئاستىغا ئالىمىز. كۆزىمىز ياخشى نەرسىلەرنى كۆرىدۇ، قۇلىقىمىز ياخشى نەرسىلەرنى ئاڭلايدۇ، قەلبىمىز ياخشى نەرسىلەرنى ئويلايدۇ، تىلىمىزمۇ ياخشى نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ؛ نەتىجىدە ياخشىلىقلار كۆپىيىدۇ.
رۇزا ئىنسانغا سەۋرچان بولۇشنىمۇ ئۆگىتىدۇ. سەۋر قىلىش ئاسانلىقچە قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس. بىراق قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئىنسان قەتئىي ۋاز كېچەلمىگۈدەك دەرىجىدە مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، «قۇرئانى كەرىم» دە ناھايىتى كۆپ يەردە ماختالغان. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. رۇزا تۇتۇش ئىبادىتى سەۋرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. رۇزىدار ئىكەن ھايات نورمال سىزىقىنىڭ سىرتىغا چىقىدۇ. ئىنساننىڭ تۇرۇپلا ۋاقتى كۆپىيىپ قالىدۇ، ۋاقتىغا بەرىكەت قوشۇلىدۇ. مەزكۇر بەرىكەتلىك ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىش لازىم. ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، ئۆز-ئۆزى بىلەن يۈزلىشىشى ۋە ئۆزىگە باھا بىرىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقىت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۆزى بىلەن يۈزلەشكەن بىر كىشى ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ۋىجدانىغا سادىق ھالدا باھا بەرسە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا تېخىمۇ دىققەت قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. بۇنداق بەرىكەتلىك ۋاقىتلاردا پەقەت ئۆزى بىلەن يۈزلىشىشلا يەتمەيدۇ. بۇ دۇنيادا ياشايدىغان مەسئۇلىيەتچان بىر مەۋجۇتلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەڭ يېقىن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن باشلاپ باشقا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تونۇپ يېتىش لازىم. ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەن ئىنسان، بۇنى مەجبۇرى شەكىلدە يىل بويى باشتىن كەچۈرىۋاتقان باشقا كىشىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشى مۇمكىن.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىلەر رۇزا تۇتقان ۋاقىتلاردا يەنى رامىزان ئېيى بويىچە داۋاملىشىپ، رامىزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارلىق ئىشلارنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆز پېتىچە داۋاملىشىشىغا نورمال قاراش، دېگەن مەنىدە قوبۇل قىلىنماسلىقى لازىم. تامامەن ئەكسىچە رامىزانغا ھەر يىل، يەنى پۈتۈن بىر يىل بويىچە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى ئەسلىتىپ ئۆتىدىغان ۋە ئەمەلىي سىناق قىلدۇرىدىغان بىر ئاي، دەپ قارىلىشى كېرەك. مەسىلەن، ‹زاكات› رامىزاندا ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر ئىبادەت بولۇش بىلەن بىرلىكتە، زاكاتنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن بولۇشىمىز، ئۇنى بىر رامىزاندىن يەنە بىر رامىزانغا خاتىرىلىمەسلىكىمىزنى، ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېتىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى زاكات ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق مىخانىزىمىدۇر. باينىڭ مېلىدا كەمبەغەلنىڭ ھەققىنىڭ بارلىقىنىڭ خاتىرىلىتىلىشىدۇر. بۇ ھەق، بېرىلگەن زاكاتلار بىلەن بىر مەزگىل ياخشى شارائىتتا ياشاشقا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بېرىش دېگەندەك ۋاقىتلىق بىر ھەل قىلىش چارىسىدىن باشقا، كەمبەغەللىككە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. زاكاتنىڭ ماھىيىتى بۇ نۇقتىغا يۇشۇرۇنغان. بولمىسا بۇ ئىبادەت ئادا قىلىنسۇن ئۈچۈن جەمئىيەتتە ھەر دائىم كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ توغرا قاراش ئەمەس. بايلار مەۋجۇت بولغان بىر جەمئىيەتتە كەمبەغەللەر، يوقسۇللار بولماسلىقى كېرەك. ئاللاھ مۈلكىنى ئامانەت قىلغان بايلاردىن ئۆز رىزاسىغا مۇۋاپىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتىدۇ. بايلىق ئەڭ چوڭ ئىمتىھانلارنىڭ بىرى. ئاللاھ بەرگەننى ئاللاھ ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋاقىتلىرىنىڭ بىرى رامىزان ئېيىدۇر. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، رامىزاندا ئوتتۇرىغا چىققان ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرنى يىلنىڭ باشقا چاغلىرىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. رامىزان ئېيى ۋە رۇزا، يۈرۈش-تۇرۇشلارنى ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدا «دىن ۋە ئەخلاق» پىروگراممىمىز بويىچە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇزا تۇتۇشنىڭ پايدىلىرى» ناملىق مەخسۇس پروگراممىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ئامان بولۇڭلار..

مەنبە : تۈركىيە ئاۋازى(26.08.2010) رادىيوسى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button