ساغلام يىمەكلىك

زاغرا نان نىڭ بۇ ئىشىنى بىلەمسىز ؟

«زاغرا نان نىڭ بۇ ئىشىنى بىلسىڭىز، بىرنى1000 سومغا ساتسىمۇ يەيسىز» دەپتۇ ئەينا ..

 

ئەقىل پاراسەتلىك ئەمگەكچان خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيىتى جەريانىدائوخشىمىغان شارائىت كىلىمات ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بويىنچە ئۆزگە خاس ئوزۇقلۇق ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەمدە بۇ ئوزۇقلۇقلارنى تۈرلەرگە ، تەبىئەتكە ۋە مەلۇم شەكىلگە ئايرىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان، خىل كەلگىنى بويىنچە ئىستېمال قىلغان، شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكەرنى داۋالاش قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن .

 

زاغرا نان يېزلاردا دېھقانلار دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ، تەييارلاش ئاسان ، ئۆزى سىڭىشلىك ، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىك تەرەپلېرى ئىنتايىن كۆپ بولغان مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنى ئەتگەندە ۋە چۈشتە چاي بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ، لېكىن يېقىنكى يىللاردىن بۇيان ، خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلشىگە ئەگىشىپ زاغرىدەك ئېسىل مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش ئازيىپ،ئالى دەرىجىلىك ئۇندا تەييارلانغان تائاملارنى ئىستېمال قىلىش كۆپىيىپ قالدى .

 

بۇ خىل تائاملاريۇقىرى قان بېسىم،قان قويۇلۇپ كېتىش ، زىيادە سېمىزلىك ، يۈرەك كېسەللىكى ، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش ، جىگەرنى ماي قاپلاش ، دىيابېت قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلغاچقا ، يېمەك ئىچمەك قاتاردىن ئايرىلىپ قالغان ، قوناق ئۇندا تەييارلىغان زاغرا ناننى كىشىلەر ھازىر قايتىدىن ئالاھىدە دورىلىق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى ، ئىلگىرى ئۆتمۈشتە ئەجداتلېرىمىز كۈندە زاغرا ناننى ئەتگەن ۋە چۈشتە چاي ياكى قېتتىق بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەچكە ئۇلاردا يۇقىرىقىدەك كرسەللىكلەر كۆرۈلمىگەن ، بۇنى مىللىي ئەنئەنىۋى يېمەك ئىچمىكىمىزنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيەت ۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان شىپالىق رولىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ ، بۇ جەھەتتە ئەنئەنىۋى غىزا -زاغرا نان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ .

 

زاغرا نان تەبىئىتى جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ ، زاغرا ناننىڭ ئاشقازان ، ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنى تىزلىتىش ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ، قاندىكى مايلارنى پارچىلاش ، سۈيدۈك ھەيدەپ بۆرەكنىڭ يۈكنى يەڭگىللىتىپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىلەش ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ، ھەرقايسى توقۇلما ئەزالارغا قۇۋۋەت ھاسىل قىلىش ، قاندىكى ماينى ئېرىتىپ جىگەر خىزمىتنى ياخشىلاش ، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە . شۇڭا شارائىتىڭىز يار بەرسە زاغرا ناننى كۈندە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button