ئەرلەر ساغلاملىقىئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

جىنسىي ئىقتىدار چېكىنسە ئورۇقلاش كېرەك

نورمال ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ئاز مىقداردا ئانىلىق ھورمۇن ساقلانغان بولىدۇ. بۇ ئانىلىق ھورمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. قان تەركىبىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ناھايىتى ئاز مىقداردا بولسىمۇ، لېكىن ھىپوفىز ئاجراتمىسىنىڭ جىنسىي بەز ھورمۇنى ۋە ئۇرۇقداننىڭ تېستۇستېرۇن ئاجىرىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تەڭشەش رولىغا ئىگە. سېمىزلەرنىڭ بەدىنىدىكى ياغنىڭ كۆپىيىشى ئەرلىك ھورمۇننىڭ كۆپلەپ ئانىلىق ھورمۇنىغا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، قان تەركىبىدىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئېشىپ كېتىدۇ- دە، ئەرلىك ھورمۇن نىسپىتى ياكى مۇتلەق رەۋىشتە ئازىيىپ كېتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىسپېرما چىقىرىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالىمۇ پەيدا بولىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button