سېتىۋېلىڭ !

قىزىلگۈل مېيى

Original price was: ₺ 90,00.Current price is: ₺ 70,00.

مەھسۇلات سېتۋېلىشتا ياكى ئىستىمال قىلىشتا ھەرخىل مەسلىلەرگە يولۇقسىڭىز ئىنكاس رايۇنىغا سۆز قالدۇرۇڭ ياكى ساتقۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىڭ  …

مەھسۇلات نومۇرى : 44 مەھسۇلات تۈرى : , تەۋە خەتكۈچ :

خۇسۇسىيىتى

بۇ قىزغۇچ جىگەررەڭلىك مايسىمان سۇيۇقلۇق.

ياسىلىشى

يېڭى قىزىلگۈلنىڭ بەرگىنى ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈنجۈت مېيىغا چىلاپ، 40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ، تىنچ تۇرغۇزۇپ تىندۇرۇپ سۈزۈلدۈرۈپ، سۈزۈپ،  1000ml ماي تەييارلىنىدۇ.

تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرۇپ،  ئاغرىق توختۇتۇش، تېرىنى  سىلىقلاشتۇرۇپ،  قىچىشىشنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.

داۋاسى

نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، قىچىشىش، جىنسىي يول قىچىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەكشۈرۈش

بۇ دورا ماي ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە I V) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

نىسپىي زىچلىقى  0.90دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. (قوشۇمچە I  )

نۇر سۇندۇرۇشچانلىقى  1.490~1.460 بولۇشى كېرەك. (قوشۇمچە I  )

پەرىقلەندۈرۈش

دورىدىن 10ml ئېلىپ، سۇيۇقلۇق ئايرىش كولبىسىغا قويۇپ،  %50 لىك مېنتانولدىن 20ml  قوشۇپ چەككىلەيمىز، %50 لىك مېنتانول قىسمىنى ئايرىۋېلىپ، پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، دورا قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ،  سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. قىزىلگۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ، 10ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ، 30 مىنۇت چايقاپ، سۈزۈپ، سۈزۈلمىنى سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمە قىلىمىز. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،يۇقۇرىدىكى 2 خىل دورا ئېرىتمىسىدىنµl5 دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(8∶4∶3∶1)تولۇئول-ئاتسىتون -ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتانى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، %1 لىك تۆمۈر (Ⅲ) خلورىد ئېتانول ئېرىتمىسى ۋە %1 لىك كالىي فېررىسىئاناتنىڭ تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرغان ئېرىتمىسى پۈركۈيمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلدىن 140 گرام ئېلىپ، ئاستىدىكى ئاق يېرىنى قىرقىپ تاشلاپ، گۈل بەرگىدىن 20 گرام ئېلىپ چوڭ ئېغىزلىق بوتۇلكىغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ، 5-6 ئايلارنىڭ ئاپتىپىدا 7 كۈن تۇرغۇزۇپ گۈلى ئاقارغاندا سىقىپ تىرىپلىرى تاشلىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئوخشاش ئۇسۇلدا قىزىلگۈلدىن يەنە 20 گرام سېلىپ 7 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا 7 قېتىم تەكرارلاپ 49 كۈن تۇرزۇغاندىن كېيىن ماي پىشىپ تەييار بولىدۇ. ئاندىن ماينى سۈزۈپ پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن جايدا ساقلاپ ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: مۆتىدىل

خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتمىنى چۈشۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى: ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھەرخىل ئاغرىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بېشىنى مايلىسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىلگۈل مېيىغا قىزىلچا بەرگى، شۇمشا ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەقئەتكە چاپسا بوۋاسىرنىڭ ئىششىقلىرىنى قايتۇرىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنى بىر ئاز سىركە، گۇلاب بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پۇرىسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بەدەنگە سۈركىسە قىچىشقاقنى پەسەيتىدۇ. قىزىلگۈل مېيىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ قوغۇشۇنغا سۈرۈپ مەقئەتكە سۈركىسە بوۋاسىر جاراھەتلىرىنى ساقايتىدۇ. سۇلۇق چاقىلارنىڭ سۈيىنى تارتىپ قۇرۇتىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنى ھۆل كەرەپشە (چىڭسەي) سۈيى، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا تېرىلەرنىڭ قىچىشىشىنى پەسەيتىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنى بالىلارنىڭ سەرسام (مېڭە پەردە ياللۇغى) نىڭ ئىسسىقتىن بولغىنىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى، سۇغۇقتىن بولغىنىغا تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ مېڭىلىكىگە قويسا شىپا تاپىدۇ. قىزىلگۈل مېيىدا كافۇرنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تامغۇزسا ئەسابە (قاشنىڭ ئورنى ئاغرىش) كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. قىزىلگۈل مېيىدىن 10 گرامنى ئىچۈرسە قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ. كاتەك تېشىغا بىر نەچچە تامچە قىزىلگۈل مېيى تېمىتىپ ئۇد سەلىبىدىن بىر تالنى سۈرۈپ قويۇقلاشقاندا گەجگىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە تارتىشىپ قېلىش كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. كاتەك تېشىغا قىزىلگۈل مېيىنى تېمىتىپ بىر تال سۆرۈنجاننى سۈركەپ قويۇقلاشقاندا پۇت، قولغا سۈركەپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسە ئېرقۇننىسا ، مۇپاسىل كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى تەييار دۇرا مەھسۇلاتلىرى


مەھسۇلاتلىرىمىزنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تىز يوللانما ئارقىلىق يەتكۇزۇپ بېرىمىز .

قۇتا

50gr

Reviews

ھازىرچە ھېچقانداق باھا يوق.

“قىزىلگۈل مېيى” دېگەن مەھسۇلات ھەققىدىكى تۇنجى باھانى سىز يېزىڭ .

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button